كۆرۈش: 24242|ئىنكاس: 31

نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرگە بۇ يەردىن بېلەت تاشلاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 17:16:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               تەڭرىتاغ تورى ئۇيۇشتۇرغان <<مۇراد ئېلېكتىرونى>> نامىدىكى نورۇزلۇق ئەسەرلەرگە بېلەت تاشلاڭ

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تەڭرىتاغ تورىمىزنىڭ مۆھتەرەم ئىشتىراكچىلىرى، ھەممىڭلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان قۇتلۇق نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بۇ خاسىيەتلىك كۈندە ھەممىڭلارنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭلار، ئۈمىد-ئىستەكلىرىڭلار روياپقا چىققاي.
   ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، تورىمىزدا يىلدا بىر كېلىدىغان قۇتلۇق نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەش ھەم بۇ بايرامنى توردا تەبرىكلەپ، تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن <<مۇراد ئېلېكتىرونى>> نامىدىكى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغانىدۇق. پائالىيەتنى يولغا قويۇپ ھازىرغا قەدەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جاپاكەش قەلەمكەشلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنڭ ئەڭ سەرخىل ئەسەرلىرىنى يوللاپ، بىزنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەنىدى.  بىز ھازىرغا قەدەر جەمئىي 50 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز بۇ ئەسەرلەردىكى ئىملا، گىراماتىكا، لوگىكا، شۇنداقلا باشقا ھەرخىل نۇقسانلارنى ئەستايىدىل تەھرىرلەپ، ئوڭشاپ، ھازىر رەسمىي بېلەت تاشلاش ھالىتىگە ئەكەلدۇق.
    سىلەرنىڭ بېلەت تاشلاشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
    بۇ ئادرېسقا كىرىپ، يوللانغان نورۇزلۇق ئەسەرلەرگە بېلەت تاشلىساڭلار بولىدۇ.

    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/node_7701.htm

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
350
تۆھپە
110
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 18:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ غەزەل ئىدى، شېئىر بولۇپ قاپتىغۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 19:51:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل دېگەن شېئىرنىڭ بىر تۈرى تۇرسا

Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
33
UID
1348
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:07:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدائىي ئەپەندىم،مېنىڭ.«مەرھابا نۇرۇز» دېگەن شېئىرىم ئەسلى غەزەل ئىدى.تۆتلۈك شەكلىدە بولۇپ قاپتۇ.تۈزەپ قويغان بولسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-21 01:09  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:17:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوڭشاپ قويسام بولىدۇ. بىراق سىزنىڭ يازغىنىڭىز غەزەل ئەمەس، بەلكى شېئىرىيەتنىڭ مۇرەببە شەكلىكەن. سىزمۇ بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، غەزەل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئاھاڭدارلىقى ۋە رېتىمدارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇنىڭ مىسراسى ئادەتتە 13 مىسرادىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھەربىر مىسراسىنىڭ بۇغۇم سانىمۇ 14 بۇغۇمدىن 16 بۇغۇم ئەتراپىدا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە غەزەل ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىپ ئولتۇرمىساممۇ بولار. ناۋادا قايىل بولمىسىڭىز، سىز كىلاسسىك شائىرىلىرىمىزنىڭ ياكى نۆۋەتتە غەزەل يېزىۋاتقان شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ باقسىڭىزلا كۇپايە، دەپ ئويلايمەن.  گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:17:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوڭشاپ قويسام بولىدۇ. بىراق سىزنىڭ يازغىنىڭىز غەزەل ئەمەس، بەلكى شېئىرىيەتنىڭ مۇرەببە شەكلىكەن. سىزمۇ بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، غەزەل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئاھاڭدارلىقى ۋە رېتىمدارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۇنىڭ مىسراسى ئادەتتە 13 مىسرادىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھەربىر مىسراسىنىڭ بۇغۇم سانىمۇ 14 بۇغۇمدىن 16 بۇغۇم ئەتراپىدا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە غەزەل ھەققىدە ئارتۇقچە توختىلىپ ئولتۇرمىساممۇ بولار. ناۋادا قايىل بولمىسىڭىز، سىز كىلاسسىك شائىرىلىرىمىزنىڭ ياكى نۆۋەتتە غەزەل يېزىۋاتقان شائىرلارنىڭ غەزەللىرىنى بىرەر قۇر كۆرۈپ باقسىڭىزلا كۇپايە، دەپ ئويلايمەن.  گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ.

Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
33
UID
1348
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:23:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بىلىمەن.بۇنىڭغا خاپا بولمايمەن.خىجىل بولۇۋاتىمەن.ئوڭشاش مۇمكىن بولسا  ئېغىر كۆرمىسىڭىز.ئاندىن ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلسىمۇ بۇلىدۇ.سىزگە ئۇچۇر يوللىيالمىغاچقا شۇنداق ئىنكاس يېزىپ سالدىم.كەچۈرۈڭ!...

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
740
تۆھپە
273
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 13:42:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەزا جەمئى نەچچە ئەسەرگە بىلەت تاشلىيالايدۇ ؟ ياكى كۆرسۈتۈلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە تاشلامدۇق.
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1363
تۆھپە
712
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 14:44:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقىن ئەپەندى، قانچە ئەسەرگە تاشلىغۇڭىز بولسا، شۇنچە ئەسەرگە بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ.

Rank: 2

تىللا
62
تۆھپە
22
UID
6330
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 15:24:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر خاتالاشمىغان بولسام «مۇھەمممەد ئاتۇش» دېگەن مەنغۇ دەيمەن؟ لېكىن، ئۇ يەردىن مېنىڭ ئۇ شېئىرىم ئېچىلمايۋاتىدىغۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 16:35, Processed in 0.078496 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991