تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ‹‹مۇراد ئېلېكتىرونى›› نورۇزلۇق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر تېمىسىنى تازا قالماشتۇرالمىدىم، مۇۋاپىق بولسا تىما بەلگىلەپ ئېلان قىلىنىشنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئۆت بۇياققا دىگۈم بار ئۆي ئىشىنى قىلغۇم بار دەي دىسەممۇ رايىم يوق تىرىك-تاپلىق خۇيۇم بار ......
چۈنكى 10يىل مابەينى ئۈگۈنۈپ كەتتىم بۇ خۇينى يەپ يېتىشنىلا خۇتۇننىڭ ئەتكەن تەييار ئاش-تۇزىنى .....
ئىشتىن كەلسەم ئۆيۈمگە يۈگۈرەپ چىقىمەن كۆرپىگە تەييار تاماق، ئىسسىق چاي گۈل كۆرىنىپ كۈزۈمگە ......
كۆينەكلىرىم كىر بولماس بالىلىرىم يىغلىماس بۇ چىۋەر خۇتۇنۇم يۈگىرەپ يۈرۈپ ھىچ ھارماس ......
ئاش-تاماقنى ئالدىدا مەن تېتىيمەن بېشىدا دەپ قويىمەن بەزىدە گۆش يوقمىدى «بىڭشىياڭ» دا .......
دەشنام يىسەم باشلىقتىن ئۆيگە بارماي شاشلىقتىن خۇتۇن بەزلەر بالىلىنى داداڭ «جابەر» كەچلىكتىن ........
شاراپ ئىچكەن شۇ كېچە «مەجلىس» ئاچىمەن خېلىغىچە «داداڭلارنى ئۈلگە قىل» پو ئاتىمەن سۆزۈمچە ........
دەپ قويىمەن ئۆزۈمچە ھاردۇق يەتتى كېچىچە ئەتە مېنى ئويغاتما ئۇخلىۋالاي چۈشكىچە ......
ئەمدى ئۇخلاي دىگۈچە ھەيدەپ قويىمەن خورەكچە(خورەك) كىرپىك قاقماي بۇ خۇتۇن قاخشاپ قويماس زەررىچە .........
ئىتىپ تاماق ئاش ناننى بېىقىپ كەلدىڭ تۆت جاننى رازى ئىدىم تىگىششسەم «ئەر» ئاتالغان جىنسىمنى .... سەن بولمىغان بىركۈنى ھارام ماڭا كۈن-تۈنى ھىچ بىر «ئەر» قىلالماس سىنىڭ دەقىقە ئىشىڭنى .....
شۇنچە يىلدىن مەن بۇيان دەپ باقمىدىم تۇر بۇيان «ئانا» بايرام نە نورۇز سەيلە،كۈلكە يە ئۇيان(ئۇياق-بۇياق دىگەن مەنىدە) ........
ئەمدى بۈگۈن بايرىمىڭ تاشلا ئىشىنى قازاننىڭ يۇملاق بولمىغاچ بۇ قۇلۇم قىلىپ ئۈگىنەي بۇ ئىشىڭ ......
بۇندىن كىيىنكى ئادىتىم خۇتۇن ئاشپەز مەن لازىم ئېچىپ تۇۋاق،چاي دەملەش ھەمدەم بولماق خىزمىتىم ..........
ئاڭلاپ خوتۇن سۆزىمدىن ھەرگىز مەسخەرە كۈلمىگىن ئوڭشىلىمەن مەن چۇقۇم مىنى مەڭگۈ كەچۈرگىن
بارلىق ئانىلىرىمىزنىڭ، ئاياللىرىمىزنىڭ يىتىپ كىلىش ئالدىىدا تۇرغان «8-مارت» بايرىمىنى ۋە نورۇز بايرىمىمىزنى قۇتلۇقلاپ. كۇچا ناھىيە ئالقاغۇ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئابلەت |