- 出生县
- 巩留县
- 生日
- 1979 يىل 10 ئاي 23 كۈن
- 职业
- ئوقۇتقۇچى
- تىللا
- 21
- تۆھپە
- 20
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
- جۇغلانما
- 71
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2012-3-4
- UID
- 7380

- تىللا
- 21
- تۆھپە
- 20
- UID
- 7380
| پارچە بالا بىزنىڭ مەھەللە يەر شارىدا يوق، لىكىن يەر شارى مەھەللىمىزدىتى دۇنيانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇيغۇر دوقمۇشى___ ب د ت ... ئۇيغۇر _ ئىككى تال دۇتار قۇلىقى. بەكمۇ مۇڭلۇق دىرىڭشىيتتى، ئەتلەس كۆينەكلىك 12 مۇقام، سالقىن ئاۋازدا غىڭىشىيتتى.
مېنىڭ مەھەللەم __ چاچما شېئىرتى، كوتۇلداق يوللىرى مىسرالىرىمتى ، تارىم يالقۇنى لەپىلدەپ ئاققان، سۇ كەلمەس ئېرىقى جۆيلىيتتى .
بىزنىڭ مەھەللە پارچە- پارچىتى بىر چۆمۇش سۇ _ زەمزەم سۈيىتى.... مېنىڭ مەھەللەم _ سۆيگۈ دەرىخىتى ئۆتنە -يېرىم بىلەن كۆكلەيتتى.. مەھەللەم بۇلۇڭىدا ئۆمۈچۆك كۆپتى، مىللەتنى سۆكۈپ توقويتتى . قۇلىقىدىن سوزۇپ ئۆزىنىڭ، ئابدۇخالىق ئېلىپەنى ئوقۇيتتى.
بۇدرۇققىنە ئۇيغۇر بارمىقى، تېخىچە قەلەمنى تۇتالمايتتى ! ئۆرۈلىپ كەتكەن تۆت تام ئىچىدە، لۇتپۇللا ئۆزىنى يادىلايتتى.
زەنجىرىنى سۆرەپ كېچىدە، ھاۋ...ھاۋ...ھاۋ.... ۋاقىت بىزگە قاۋاۋاتاتتى، خاتىرجەملىك يوتقان ئىچىدە، خور....خور....خور.... بىزنىڭ مەھەللە ئۇخلاۋاتاتتى،.
مەھەللە _ دادامنىڭ مەسە - كالىچىتى، ئاپام كۆڭلىكىنىڭ بىر تال يامىقىتى، ئاپام مېنى كۆزمۇنچاق قىلىپ ، ئەشۇ يامىقىغا تىكىۋالاتتى. بىزنىڭ مەھەللە موھتاجلىقنى پارچە - پارچە سېتىۋالاتتى. مەھەللەم جىمىغۇر سەرەڭگە قېپىتى پاژ-پۇژ قىلىپ كۆيۈپ تۇراتتى.
مەن دۇنيانى چېكىپ تۇراتتىم ، باشقىلارنىڭ مەھەللىسى قېتىۋالمايتتى، بىزنىڭلا مەھەللە قېتىۋالاتتى...
خاتىمە ئورنىدا پارچە -پارچە تۇغۇلۇپتىكەنمىز، خېمىر بولوپ يۇغۇرلۇپتىكەنمىز، تەقدىرىمنى بىتەلەي دىسەم، يىلىكىمىزدىن سوغۇلۇپتىكەنمىز!!! مەنبە : ئۆز قەلىمىم
|
|