روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1912|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ شېئىر ] تەشەككۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەشەككۈر

ئەزگىنىدە يۈرىكىمنى ئازاپلار،
ئەگكىنىدە بويلىرىمنى سىناقلار،
تۆككىنىمدە تارام - تارام كۆز ياشلار،
كۆز يېشىمنى سۈرتكەنلەرگە تەشەككۈر.

ئازارلاردىن سەۋرىم چەككە يەتكەندە،  
ئۈمىدسىزلىك يوللىرىمنى ئەتكەندە،
مىسكىن يۈرەك قايغۇ - ھەسرەت چەككەندە،
ماڭا مەدەت بەرگەنلەرگە تەشەككۈر.

تاشلىۋەتمە سەن ئۆزۈڭنى، ياق، دىدى،
ئۈمىدسىزلىك كىشەنىنى چاق دىدى،
كەتتى ئۆتمۈش، كەلگۈسىگە باق دىدى،
مەندىن ئۈمىد كۈتكەنلەرگە تەشەككۈر.

مەن دوست دىدى ئۇچرىغانلار قەدەمدە،
قايسىلىرى دوستقا لايىق ئەمەلدە؟
تونۇپ يەتتىم يىقىلغاندا، ئەلەمدە،
چىن دوستلۇقنى بەرگەنلەرگە تەشەككۈر.

بۇ ھاياتنىڭ باردۇر يىغا - كۈلكىسى،
يىغلاپ، كۈلۈپ ھايات داۋام ئەتكۈسى،
يىللار دوستنى بىزگە تاسقاپ بەرگۈسى،
ئەلگەكلەردىن ئۆتكەنلەرگە تەشەككۈر.

2016- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى
ئايشەمگۈل كېرەم
كورلا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +17 تەڭگە +13 يىغىش سەۋەبى
تۇرسۇن + 8 + 4 ياقتۇردۇم
alxir + 9 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-13 15:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياقتۇردۇم.
شىئ‍ىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى بەك ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە ئ‍اپىرىن!
شىئ‍ىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى بەك ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە ئ‍اپىرىن!
شىئ‍ىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى بەك ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە ئ‍اپىرىن!

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ،تەكرارلىنىپ كىتىپتۇ،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-2-14 22:22
ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق
تىرىشىىڭ ،غەيرەت قىلىڭ
227520 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 13:05
شىئ‍ىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى بەك ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە ئ‍ ...

كەچۈرۈڭ،تەكرارلىنىپ كىتىپتۇ،
ياقتۇرغان، ياخشى باھالارنى بەرگەن، ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرگەن بارلىق مۇنبەرداشلارغا رەھمەت، ھەم ئاشۇ گۈزەل تىلەكلەر سىلەرگىمۇ بولسۇن! @227520،@ئۇي،@alxir

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 06:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش