روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3186|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ شېئىر ] شېئىرىمغا قىلىمەن ھەسەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېئىرىمغا قىلىمەن ھەسەت

شېئىرىمنى ياخشى كۆرىسەن،
مەن ئۈچۈنلا سۆزلەيدۇ بىلسەڭ.
نىچۈن مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟
ماڭىلا كۆي ئەگەردە كۆيسەڭ.

مەن - شېئىرمەن، شېئىرىم - مەن دۇر،
ھەر تاۋۇشى قەلبىمدىن چىققان.
شېئىرىمدە مېنىڭ ئەكسىم بار،
سىرلىرىمنى قۇرلارغا يىغقان.

شېئىرىمنى سېغىنغانچىلىك،
سېغىنمايسەن مېنى ھېچقاچان.
شېئىرىمغا قىلىمەن ھەسەت،
ئارمانىمنى قىلىدۇ پايخان.

ئايشەمگۈل
2016- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى
كورلا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +8 ئىناۋەت +13 تەڭگە +13 بايلىق +8 تۆھپە -8 يىغىش سەۋەبى
anginar + 8 + 8 + 8 + 8 -8 ياقتۇردۇم
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ئالدىنقى: كەچۈر ئانا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-5 13:24:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز يەنىمۇ قۇۋۋەت تاپقاي...

باھا سۆز

رەھمەت. سىزنىڭمۇ شۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:20
ۋاقتى: 2016-1-5 14:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم.

شېئىرىڭنى سېغىنغاندىمەن،
تاۋۇشلاردىن ئىزدىدىم سېنى.
مىسرالارغا مۆكۈۋالدىڭمۇ؟
تاپالمىسۇن دېدىڭمۇ مېنى.

ئەگىشىپ باقتىم.

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:21
ۋاقتى: 2016-1-5 15:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز يەنىمۇ قۇۋۋەت تاپقاي.

باھا سۆز

رەھمەت. سىزنىڭمۇ شۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:21
ۋاقتى: 2016-1-5 15:32:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شئېرىڭىزغا ھەسەت قىلاتتىم، ئەسلىدە سىزگە ھەسەت قىپتىمەندە

باھا سۆز

ياقەي ( ئوتتۇز ئىككى چىشنى چىقارغاندىكى ئىپادە) . سىزنىڭ ھەسەت قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ھەسەت قىلىشقا ئەرزىگۈ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:23
رەھمەت!شېئېر تولىمۇ ئ‍خچام مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ!

باھا سۆز

رەھمەت. سىزگە يارىغۇدەك چىققان بولسا ياخشى چىققان ئوخشايدۇ ئەمسە. ( كۆزنى قىسقاندىكى ئىپادە.)  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:25
ۋاقتى: 2016-1-5 16:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھىجرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 16:31  

ئۇچراپ قالساڭ ماڭا ھەر قېتىم ،
ئەيمىنىسەن ، يەرگە قارايسەن .
ئېيتالمايمەن مەنمۇ سىرىمنى ،
يۈرىكىمدە يىگانە ئاي سەن .

ئەنە شۇنداق ئۆتىدۇ كۈنلەر ،
بىر جۇپ يۈرەك يۇشۇرۇن كۆيۈپ .
شېئىردىلا سىرلىرىڭ ئايان ،
شۇڭا قالدىم مەن ئۇنى سۆيۈپ .

شېئىرىڭنى سېغىنغانلىرىم ،
سېغىنغىنىم ئەمەسمۇ سېنى .
سىرلىرىڭنى ماڭا شېئىرسىز ،
زادى قاچان ئېيتىسەن قېنى ؟.

باھا سۆز

ماۋۇ شېئىرىي ئىنكاس ئاجايىپلا كەپتۇ. شۇنىڭغا لايىق مەنمۇ بىر شېئىرىي ئىنكاس قايتۇراي دەپتىم، بىراق بەك قىينا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-6 00:28

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +4 ئىناۋەت +4 تەڭگە +8 بايلىق +4 يىغىش سەۋەبى
anginar + 4 + 4 + 8 + 4 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 13:24
قەلىمىڭىز يەنىمۇ قۇۋۋەت تاپقاي...

رەھمەت. سىزنىڭمۇ شۇ.
alxir يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 14:23
ياقتۇردۇم.

شېئىرىڭنى سېغىنغاندىمەن،

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
6591707 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 15:03
قەلىمىڭىز يەنىمۇ قۇۋۋەت تاپقاي.

رەھمەت. سىزنىڭمۇ شۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 21:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش