روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3410|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەربات بولغان مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-13 14:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
       بۇرۇن بىر توپ بۇلبۇللار باھار كەلگەندە باشقا يەردىكى گۈلباغقا سەيلە قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۇلار باغنى ئارىلاپ ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ، ئارىسىدىكى بىر بۇلبۇل سەل غەمكىن ھالەتتىكى بىر غۇنچىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ غۇنچىگە سۇ بېرەي دەپ ئويلاپتۇ يۇ ئەمما بەرمەيلا سەپداشلىرى بىلەن بىللە سەيلە قىلىۋىرىپتۇ. ئەتىسى يەنە كەلگەندە ھېلىقى غۇنچىنىڭ شۇنچە روھلۇق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇ بۇلبۇلمۇ خۇشال بوپتۇ.
, f$ w2 W/ p; S5 u" \          كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ. ئۇمۇ ھېلىقى غۇنچىنىڭ دائىم شۇنداق ھېلى غەمكىن ھېلى روھلۇق ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ بۇلبۇل غۇنچىنىڭ غەمكىن ھالىتىنى كۆرگەندە بېرىپ تەسەللىي بەرگۈسى كېلىدىكەن ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىكەن. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ گۈلباغدىن كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا مەڭگۈ تەسەللىي بېرەلمەيمەن دەپ ئويلايتتى.
' \7 P& t7 F/ g- j           ئۇ بۇ گۈلباغدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا، تېخى ۋاقتى كەلمەيلا ئېچىلغان گۈللەرنىڭ پۇرىقى دىمىغىغا ئورۇلۇپتۇ. بىراق ئۇ بۇرنىنى ئېتىۋېلىپلا كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بۇ باغدا كەچتە ئېچىلسا كۈندۈزى غۇنچىگە ئايلىنىۋالىدىغان خامىليون گۈللەرنى، يەنە ۋاقتى كەلمايلا ئېچىلىپ بالدۇر توزۇپ كەتكەن گۈللەرنى كۆرۈپ، ھەيران قاپتۇ ۋە ئەپسۇسلىنىپتۇ! ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سەپداشلىرىغىمۇ سەل ئاچچىقى كەپتۇ. چۈنكى ئۇلار بەزى غۇنچىنىڭ شۇنداق كېچىسى ئېچىلىپ، كۈندۈزى غۇنچە بولۇشىغا، ۋە ۋاقتى كەلمەيلا بالدۇر توزۇپ كېتىشىگە سەۋەپچى ئىكەن.
; o* T( f! p, O* i: f         ئۇ كۆرگەنلىرىگە ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئەپسۇسلىنىپ ھەم ئىبرەت ئېلىپ، سەپداشلىرى بىلەن بۇ باغدىن ئايرىلىپتۇ. ھەمدە باشقا بىر باغقا بېرىپتۇ. ئۇ يەردىمۇ ئۇ ھەرخىل گۈللەرنىڭ پۇراق چېچىپ ئۆزىنى مەھلىيا قىلىشىغا دۇچ كەپتۇ. بىراق ئۇ يەنىلا بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ، ھېلىقى غۇنچىنى ئويلاپ يۈرىۋېرىپتۇ.+ ~, V" O+ i8 s" bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
        بۇ يەردە ئۇ يەنە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، خېلى گۈللەرنىڭ ۋاقتى كەلمەيلا ئېچىلىپ توزىغىنىنى كۆرۈپ، ھېلىقى غۇنچىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ. «ئۇ غۇنچىنىمۇ، بۇرۇن باشقا گۈلباغلاردا نەچچە غۇنچىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋە بالدۇرلا توزۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بىرەر يەردىن كەلگەن نامەرت، ۋاپاسىز، ئالدامچى بۇلبۇلدىن بىرەسى ئۇنى ئالداپ ۋاقتى كەلمەيلا ئېچىلدۇرۇۋەتمىسۇن! ئۇنى ئۆزۈم قوغداي.» دەپ ئويلاپ ھېلىقى گۈلباغقا قايتىشقا تەييارلىنىپتۇ. ھەمدە  قەلبىگە بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلارنى پۈتۈپ:«مەن ئاشۇ گۈلباغقا قايتىپ بېرىپ، شۇ غۇنچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي. شۇ غۇنچىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئېچىلدۇرۇپ، مەڭگۈ توزىتماسلىق ئۈچۈن تىرىشاي!» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى گۈلباغقا قايتىپتۇ.8 P4 F: L8 r$ c3 U  _5 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
         ئۇ قايتار يولىدا ئۆزىگە:«مەن ئۇ غۇنچىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، غۇنچىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئېچلىدۇرۇپ مەڭگۈ توزىتماسلىققا ۋەدە بېرىمەن. ئەگەر ئۇ ئۇنىمىسا، تاكى ماقۇل بولغىچە ساقلايمەن. ئۇنى چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بىر تال توزىماس گۈل قىلىمەن!» دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپتۇ.: P9 D9 P2 N8 ?8 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
           ئۇ ھېلىقى باغقا قايتىپ بېرىپ ئۇ غۇنچىنى كۆرگىنىدە، ئەپسۇس غۇنچىنىڭ يېنىدا بىر بۇلبۇل بار ئىكەن. ئۇ  غۇنچىمۇ ئازراق ئېچىلىپ، گۈلگە ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. ھەمدە ئۇ غۇنچىدىن:«بۇ كىم؟»دەپ سوراپتۇ. غۇنچە:«مېنىڭ قوغدىغۇچۇم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھېلىقى بۇلبۇل ئارتۇقچە گەپ قىلماي، «ئۇ سېنى ياخشى قوغدىسۇن! سەنمۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ بارچە دۇنياغا خۇشپۇراق چاچ، ئالەمنى پۇرۇقىڭغا تولدۇرۇۋەت!» دەپلا كېتىپ قاپتۇ. چۈنكى ئۇ بۇلبۇلنىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسلىۋالغۇسى يوق ئىكەن.
$ u4 Q; G, h4 T  c         ئۇ بۇلبۇل، ئۆزىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەمەلگە ئاشماي بەربات بولغانلىقىغا چىدىماي،  دەرد ئەلىمى ئىچىگە پاتماي، ھەسرەتلىك ھەم مۇڭلۇق سايراپ ئۇچۇپ كېتىپ بارغىنىدا، توساتتىنلا قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئۇنىڭ پىغانىنى ئۆرلىتىپتۇ ۋە يۈرىكىنى ئۆرتەپتۇ.# t% b/ v3 \: R- b' T. Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
            ئۇ شۇ ئۈمىدسىزلەنگەنچە، ئۇچۇپ بېرىپ توك سىمىغا قونۇپ، توكقا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتمەكچى بوپتۇ. شۇ خىيال بىلەن كېتىپ بارغىنىدا، تۇيۇقسىزلا بوران چىقىپ ئۇنى ئۇچۇرۇپ، بىر ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىغا ئەكىلىپ قويۇپ توختاپ قاپتۇ. ئۇ بۇمۇ بولغىنى دەپلا، سەل ئېگىز ئۇچۇپ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، قاناتلىرىنى بەدىنىگە چىڭ چاپلاپ، بېشىنى يەرگە قارىتىپ شىددەت بىلەن چۈشۈپتۇ. ۋە شۇ چۈشكەنچە جېنىدىن جۇدا بوپتۇ! ھەمدە بۇ دۇنيانىڭ دەرد ئەلەملىرىدىن ۋە ھىجران ئازابىنىڭ قىيناشلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپتۇ.8 W0 l- z+ @# T7 K" yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-14 12:27:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت خېلى ياخشى چىقىپتۇ
* t. `1 H/ j$ `2 K) \
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ھازىر جەميەت مانا مۇشۇنداق ......كۆپ ئە پسۇس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-19 10:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش