ھاراق تاشلاتقۇزدىغان ئەڭگۈشتەر- p1 P9 |. C. O; u9 ]' [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( ھىكايە); r( w( E( c. a4 R* S Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەكبەر قادىر مۇرتۇق 7 \, r2 e1 Z' s' `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پات -پاتلا قاپىقى ئېششىپ كۆكىرىپ قالىدىغان، بۇ كەسىپدىشىمغا قارىسام ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغانلىقىنى سورىساق،ئۇ قىززىقچىلىق قىلىپ‹‹قاراڭغۇدا ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزۈمنى ئىشىك قىسىۋالدى››ياكى‹‹ بىرى مۇشتى بىلەن ئۇرۇۋىدى كۆزۈم بىلەن توسۇۋالدىم››دەپلا ئۆتكۈزۋىتەتتى.مەن خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىدە بىرقانچە قېتىم جەرىمانە قويۇلۇپ تەنقىدىي تەربىيە بېرىلگەن بولسىمۇ ھېچ ئوڭشالمىغان ئىدى، لېكىن مۇشۇ بىر ئايدىن بۇيان ئۇنىڭدا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمىدى،خىزمەت ئىپادىسىمۇ، روھىي ھالىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى ،بۇ ئىشتىن ھەممىمىز ھەم ھەيران بولدۇق ھەم ئۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق. بىر كۈنى ئىشخانىدا ئىككىمىزلا قالغاندا ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم:+ @! F$ V' s! R0 a1 m' I0 c" Z$ |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ھە ئوسمان مۇئەللىم ھەركۈنى‹‹ بىلىملىك››لا يۈرەتتىڭىز يېقىندىن بۇيان ‹‹ئوقۇش››نى تاشلاپسىزمۇ نىمە ؟جەرىمانە ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟- B5 `: W/ b/ @9 ~% K8 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە:
y9 b* ^2 k1 J4 Y% |* M- جەرىمانىدىن قورققىنىم يوق ،يېقىندا بىر ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشتىم ،شۇنىڭ كۈچى ،-دېدى سىرلىق قىلىپ.
# z0 |- Q5 |! K y+ o4 G% S-قانداق ئەڭگۈشتەر ؟8 w) i6 Y" f* ^* E$ D) Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاراق تاشلاتقۇزىدىغان ئەڭگۈشتەر .: E) G' u" m' a; Y5 @+ mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ،ئەڭگۈشتەرىنى كۆرگۈم بارلىغىنى ئېيتتىم.ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي قويۇن يانچۇغىدىن بىر قانچە ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
6 g0 `+ A; o9 b0 ^' v# W, k: oمەن دەسلەپتە ئۇنى قۇرئاندىكى ئەرەبچە يېزىلغان سۈرىلەرمىكىن دەپ قاپتىمەن ،سىنچىلاپ قارىسام ئۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە يېزىلغان بىر پارچە سالام خەت ئىكەن.خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:* \! `/ M7 a( H6 C: b% Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جان-جىگەر بۇرادىرىم ئوسمان قانداق ئەھۋالىڭ ؟مەن سېنىڭدىن تولىمۇ خىجىل ،ئەسلىدە سىنى ياخشى بىر سورۇن تۈزۈپ مېھمان قىلغاچ ئوچۇق-ئاشكارا كەچۈرۈم سورىۋالماقچى ئىدىم،لېكىن يەنە شۇ ‹‹شېرىن سۈيدۈك››نى ئېچىپ سالىمىزمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ساڭا بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.
A8 R, Y! C1 j4 iمېنى كەچۈرگىن ،ئاپام سىلەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن كەينىڭلاردىن چىقالمىدىم ،سەۋەبى سىلەر كەتكەندىن كېيىن ئاتام مىنى يېرىم سائەت توختىماي تىللىدى،بۇنداق دېسەم ئىشەنمەيۋاتقان بولۇشىڭ مۇمكىن ،ئەسلىدەئاتام مىنى داۋاملىق تىللىماقچى ئىكەن،لېكىن ئاچچىقىدا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىپ خارقىراپ يېتىپ قېلىپ ئامالسىز تىللىيالماپتۇ،ئاپامدىن ئاڭلىسام،مەستچىلىكتە ئاتامنىڭ ياقىسىغا نەچچە قېتىم ئېسىلغان بولساممۇ،ئۇ مىنى تىللاپ تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا ماڭا ئامراقكەن،ئاتامنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارزوسى مېنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغان تۈزۈك ئادەم بولىشىمنى كۆرۈش ئىكەن.! N; ^% Q% E% h0 s4 ?/ {* m4 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپامنىڭ سىلەرنى كۆرۈپ ‹‹جىم ئولتۇرغان ئادەمنى نەگە ئاپارماقچىدىڭلار؟ سىلەر بىلەن كېتىپ بىرەر قېتىم تېنىچ كېلىپ باقمىدى ،بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيگە قەدەم باسماڭلار!››دېگەن گەپلىرىنى توغرا چۈشەنگىن،چۈنكى مەن ئاپامنىڭ يۈرەك پارىسى ،ئاپام مېنىڭ ئوڭشىلىشىمنى خېلى كۈتتى ،بەلكىم سەۋىر قاچىسى توشۇپ شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ قويغاندۇ،مېنىڭمۇ ئاتام بىلەن ئاپام ھايات ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن قانغۇدەك ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ خۇشال-خورام ياشىغۇم بار ،لېكىن بىلەمسەن؟ بىر يىلدىن ئاشتى ،ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىنى،بىرەر ئېغىز ياخشى گەپ قىلغىنىنى،بىرەر قېتىم مەن ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى يېگىنىنى بىلمەيمەن.
9 f Q+ @/ ?$ nئايالىمنىڭ تېلفۇن ئۇرساڭ مېنى ‹‹يوق›› دېگىنىنى،ئۆيگە كىرسەڭ مىنى ‹‹تالاغا چىقىپ كەتكەن ››دېگەن گەپلىرىنى توغرا چۈشەنگىن،ئۇ بىچارىگىمۇ ئامال يوق،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ماڭا تېگىپ بۈگۈنگىچە مەن سىلەر بىلەن 31 قېتىم چىقىپ كېتىپ 17 قېتىم مېنىڭدىن بىگۇناھ تاياق يەپتۇ،سىنىڭچە مەن ئۇنى يەنە دۇمبالايمۇ ؟ياق! ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن.گەرچە ئۇ ئاغىينىلىرىمگە بىھۆرمەتلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ،بورۇنقى ئايالىم بار ۋاقىتتىكىدەك، مەست بولۇپ قالسام مىنى ماشىنا بىلەن ئەكىلىپ قويىدىغان ‹‹يىقىن ئاغىنە››لىرىم يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن مەن ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن،بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى قەدىرلەپ،كۆڭلىگە ھەرگىز ئازار بەرمەيمەن،ئۇنىڭ كۈنلىرى مەنسىز مەنىسىز.
6 e- `" \/ Y. Sيەتتە ياشقا كىرگەن ئوغلۇم فىردەۋىسنىڭ سېنى ‹‹كەت›› دېگىنىنى ،بەش ياشقا كىرگەن قىزىم فىلورەنىڭ قولۇمغا ئېسىلىۋېلىپ ‹‹بارما›› دەپ يىغلاپ مېنى ماڭدۇرمىغانلىقىنى توغرا چۈشەنگىن،سېنىڭ ئۈچۈن ئوغلۇمنى بىر كاچات ئۇرىۋەتكۈم كەلدى، لېكىن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گەپلىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى،بۇ يېشىدا مەن ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەپ،ياخشى مۇھىتتا تەربىيەلىسەم بولاتتى ،لېكىن ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ خۇددى بىرى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويغاندەك شۇنداق توغرا گەپلەرنى قىلىۋاتقان تۇرسا ئۇنى ئۇرۇشقا قانداقمۇ قولۇم بارسۇن؟!ئۆتكەندە بىر سورۇندا قىزىم توغرۇلۇق گەپ قىلىپ‹‹قىزىمنى ھېچكىمگە ياتلىق قىلمايمەن››دەپ يىغلاپ كەتكىنىم ئېسىڭدە بارمۇ؟ سېنىڭمۇ بىر قىزىڭ بولغانلىغى ئۈچۈن قىز بالىنىڭ قانچىلىك تاتلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتا مۇھەببىتىگە قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ساڭا كۆپ چۈشەندۈرۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق.بىز مۇشۇنداق كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە قايتماي ئىچىپ خۇدىمىزنى بىلمەي يۈرسەك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟!قىزىمنىڭ ئاتا مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان سۇغوق ئۆيدە توڭلاپ ئولتۇرالماي تالاغا چىقىپ كەتكىنىنى قەتئىي كۆرگۈم يوق!
5 ] w$ J+ H4 u# Tجان-جىگەر بۇرادىرىم ئوسمان مىنى يەنە بىر قىتىم كەچۈرگىن!بەلكىم يوقارقى گەپلىرىم ساڭا خوشياقمىغان بولىشى مومكىن،ئىچىڭدە مىنى‹‹لاتا››،‹‹ناچار››دىگەندەك كەسپىي گەپلىرىمىز بىلەن تىللاۋاتقان بولىشىڭمۇ مومكىن،مەن چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئاشۇ نىجىسنى قەتئىي تاشلاپ بىكار ۋاقىتلىرىمنى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش،بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئىبرەتلىك ھېكايە قىلىپ يېزىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە تېنىچ،خۇشال-خورام كۈن ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتىم.ھە راست،سىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرىنچى ئايالىڭدىن بىر بالىلىق بولۇپ كېيىنكى ئىككى ئايالىڭدىن بالىلىق بولالمىغىنىڭنى ئاشۇ نىجىسنىڭ سەۋەبىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ،چۈنكى ئىسپىرت ئىسپىرما تەركىبىدىكى ئۇرۇقنىڭ سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدىكەن ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆلتۈرىدىكەن.مېنىڭغۇ ساڭا تەربىيە قىلىشقا سالاھىيتىم توشمايدۇ،لېكىن چىن كۆڭلۈمدىن سېنىڭمۇ ھاراق تاشلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!بالىلىق بولالمىساڭمۇ مەيلى،لېكىن ئۆزۈڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئازراق بولسىمۇ ئويلاپ قويغىن! ھېلىمۇ ماشىناڭنىڭ ساق يېرى قالمىدى،ھېلىقى بىرەسمىي ئاغىنىمىز پەتتار ئېسىڭدىمۇ؟ئۇ يېقىندىلا مەستچىلىكتە بىرىنى باستۇرۋېتىپ ماشىنىسىدىنمۇ، پىراۋىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ،خوتۇنىغۇ خېلى بوپتىكەن كوچىغا چىقىپ كەتكىلى، بۇنداق كۈنلەر بىزنىڭ بېشىمىزغا ھەرگىز كەلمىسۇن!بەلكىم ئاغىنىمىز بارىي كۆپ ئىچىدۇ، چاتاق چىقارمايدىغۇ؟دەپ سورىشىڭ مۇمكىن ئۇ بىزگە سىر بەرمىگەن بىلەن باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۆتكەندە بىر قېتىم موتوسىكىلىت بىلەن قاتناش ساقچىسىنى سوقۇۋېتىپتۇ،يىقىندىلا ئىنىسىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ يول ياقىسىدىكى ئىستولبىنى سۇقۇپ ئۇنىمۇ سۇندۇرۇپ ماشىنىنىمۇ كاردىن چىقىرىپتۇ.ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدېمىسەملا بولمىدىمۇ؟ دەپ ئويلىشىڭ مومكىن، لېكىن مېنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىن،مەن تۇغۇلغاندا شۇنداق ساغلام بولۇپ چىشلىرىم تولۇق، كەلپۈكلىرىم نورمال ئىدى،شۇ نىجىسنىڭ كاساپىتى بىلەن مېكىيانغا چاقچاق قىلىپ خورازدىن تاياق يەپ ئىككى تال چىشىمدىن ئايرىلىپ توشقان كەلپۈك بولۇپ قالدىم.نېسىگە ئىچىۋىلىپ تېنىۋالغىنىمدا مەيپۇرۇش سول مۈرەمگە قىڭغىراق چېپىپ قويغاندا سەنمۇ بار ئىدىڭ ،بەدىنىمدىكى باشقا تارتۇقلارنىڭ تارىخىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقسام بىر پارچە رومان پۈتكۈدەك،سۆزلەۋەرسەم بۇ خەتنى كۆپ ئىچىۋىلىپ يازغان ئوخشايسەن دەپ قالمىغىن،ئاخىرىدا ساڭا دەيدىغىنىم بۇ خېتىمنى قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىققىن،مومكىن بولسا يادلىۋىلىپ كۈندە ئەسلەپ تۇرغىن!خەير ،ئامان بولغىن، جانجىگەر دوستۇم !
, h* L, ~. ~9 L" I( Rخەتنى ئوقۇپ بولۇپ بۇ خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى سورىدىم.. Z7 P& b3 n, H [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كىم بولاتتى، ئىلگىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەپ ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن خىزمەتتىن توختىتىلغان ئاغىنەم ئەكبەر يازغان.$ p* F) b+ l6 U. F) q) O/ cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-‹‹ھاراق ئىچتى››دەپلا،خىزمەتتىن توختىتىپ قويغانما؟" b9 O+ t. C: aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بەرسەم گەپ تولا، ئاشۇ قېتىم ھازىرقى ئايالى ئىككىنچىسىگە ھامىلدار بولۇپ ۋاقتى كۈنى توشۇپ كەتسىمۇ يەڭگىمگەنلىكتىن ئىچى پۇشۇپ بىرنەچچە ئۈلپەتلىرى بىلەن تېپىشىپ تازا ئىچىپتۇ، مەستچىلىكتە سورۇندىكى بىرى بىلەن ‹‹بىرىنچى خوتۇنۇم بىلەن ئارىلىشىپسەن›› دەپ جېدەللىشىپ قۇلۇغىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيچۇسوغا كىرىپ ئۇخلاپ ياتقان سوجاڭنىڭ قولىنى تارتىپ ئويغىتىپ ‹‹مەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈم !مىنى تۇتمامسىلەر؟!››دەپ ۋارقىراپ ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇرادىرىم خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل كېسىلىپ كەتتى./ }$ S% C0 ?- [+ rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوسمان مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ بىر دەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ئۇنىڭغا ‹‹ئەڭگۈشتەر››ىنى بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالغىم بارلىقىنى ئېيتىپ ئىشخانىدىن ئايرىلدىم.
8 A& e" W; l0 }7 \3 V |