روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3228|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قىزلارغا مۇراجەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

      قىزلارغا مۇراجەت

      ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

  ( بەزى قىزلىرىمىزغا تېز سىزما )

گۈزەللىكنىڭ سۇلتانى ئىدىڭلارغۇ ئۆزۈڭلار،
مەلھەم ئىدى يۈرەككە شېرىن-شىپاھ سۆزۈڭلار.

خىجىل قىلسا گۈللەرنى تولۇنئايدەك يۈزۈڭلار،
ياقار ئىدى دىلغا ئوت بىرجۈپ شەھلا كۆزۈڭلار.

دېيىشەتتۇق يىگىتلەر:جۈر بولايلى كېلىڭلار!
ساداقەتتە بەسلىشىپ كۈلەيلى، تەڭ كۈلۈڭلار!

ئەپسۇس، كېتىپ قالدىڭلار ئاز ئىكەن دەپ پۇلۇڭلار،
بولالمىدۇق شۇ سەۋەب ئۆمۈرلۈك جۈر-خىلىڭلار.

ۋىجدانى يوق ناكەسلەر دەپ قويسىلا:-يۈرۈڭلار...
كۆككە يېتىپ بېشىڭلار  تاپان يالاپ يۈردۈڭلار.

«سېخىي»لاشسا ھاتەمدەك پەرۋانىدەك كۆيدۈڭلار،
«ئاھ، پەرىشتەم! » دەپ قويسا سەۋدالارچە سۆيدۈڭلار......

قىزلار، گۈزەل ئەي قىزلار ،چىن غۇرۇرلۇق بولۇڭلار،
توزىمىسۇن بىمەھەل گۈزەل ياشلىق گۈلۈڭلار.

سۆيگۈ-ئۇلۇغ-مۇقەددەس ئۇنى بۈيۈك  بىلىڭلار،
پاك سۆيگۈگە ۋىجداننى قالقان، مىزان قىلىڭلار.

چىن ئەقىدە-سۆيگۈگە جاننى پىدا قىلىڭلار،
پۈركەنگۈسى گۈللەرگە شۇندا سۆيگۈ بېغىڭلار.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-10 12:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان شېئىرىڭىز شۇنداق ئىسىل چىقىپتۇ،رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-2-10 12:15:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزىلىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ئەركزات ئەپەندى ، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز روھلاندىن ئايلانسۇن !
ۋاقتى: 2015-2-10 12:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر  دىگەننى  ئالامەت  يىزىۋېتىپسىز  دە
ۋاقتى: 2015-2-10 13:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئەركىزات ئەپەندىم،،،،،شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.....سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-2-10 13:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «ئەركزات» ئەپەندىم، قىزلارغا ھەقىقەتەنمۇ توغرا، دەل جايىدا مۇراجەت قىپسىز، بارىكاللا!
دېمىسىۇ ھازىر بۇ رەڭگارەڭ ھەم مۇرەككەپلىككە تولغان تۇرمۇش قاينىمىدا بىر قىسىم سەبىي قىزچاقلار بەزىبىر شەھۋەتپەرەس نائەھلىلەرنىڭ بىرقانچە قېتىملىق «سوۋغىسى» ۋە ياكى كۈتۈشلىرى، ھەتتاكى بىرەر ۋاق تاماقلىرى ھەم ئانچىكى شېرىن- شېكەر گەپلىرىگە ئىشىنىپ (ئېرىپ كېتىپ)، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك غورۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى توغرا بولغان ئىشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلغان، شەھۋەتتىن خالىي تۈز مۇناسىۋەت بولسا ھىچ گەپ ئەمەس ئىدى، ئەپسۇسكى، ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ.
ھەي، ئەركەكلىرىمىز، ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىز سۈپەت، سىڭىل سۈپەت قىزلىرىمىزنى ئاسىرايلى، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلمايلى. ئەژداتلىرىمىزدا «قاشقا سانجىساڭ كۆزگە، كىشىگە قىلساڭ ئۆزۈڭگە (يانار)» دېگەن سۆز بار!
ۋاقتى: 2015-2-10 13:19:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىزات ئەپەندى تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز. بۇ خىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنىمۇ يېزىش كېرەك. رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-2-10 13:21:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل يېزۋېتىپز ھازىرقى جەميەتنى ئەينە ئەكىس ئەتتۈرۈپ برىپسز ئەمەسمۇ
ۋاقتى: 2015-2-10 14:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل يېزۋېتىپز
ۋاقتى: 2015-2-10 14:39:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك زاد ئەپەندىمنىڭ پاساھەتلىك مىسرالىرى  روھلاندا چاقناپ تۇرغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 17:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش