روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1794|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئويلىما--- نۇرىيە ئېلاخون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                         ئويلىما
                    نۇرىيە ئېلاخون
تۇغۇلدۇڭمۇ دۇنياغا ئۆلۈممۇ بار بىر كۈنى،
بۇ تەبىئەت ھۆكۈمىدىن قاچىمەن، دەپ ئويلىما.
ئەجەل يەتسە خوشلاشماي، ھەددىڭ ئەمەس ھاياتتىن،
بۇ دۇنياغا تۈۋرۈك بوپ قالىمەن، دەپ ئويلىما.

تۇرمۇش يولى مۇرەككەپ، داۋانلىرى ئاز ئەمەس،
ئويناپ يۈرۈپ بۇ يولنى باسىمەن، دەپ ئويلىما.
ئەجىر قىلماي، تەر تۆكمەي، ھالاۋەت يوق جاھاندا،
ئۈجمە پىشسا ئاغزىمنى ئاچىمەن، دەپ ئويلىما.

ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئىلىم-ھېكمەت، پەن كېرەك،
شۇ ئاچقۇچسىز تىلسىمنى ئاچىمەن، دەپ ئويلىما.
جاپا چەكمەي تېرىشماي، ھەييار بولۇپ تەييارغا،
چىقىپ قالسا سورىقى قاچىمەن، دەپ ئويلىما.

ئۆمۈر گويا ئاتقان ئوق، قايتماس ھەرگىز كەينىگە،
ئۇچقۇر يوللار يولىنى توسىمەن دەپ ئويلىما.
ئىنسان ئۈچۈن بىر كىلىپ، بىر كېتىدۇ ھاياتلىق،
بۈگۈن كەتسەم ئەتە كېپ ياشايمەن، دەپ ئويلىما.

ۋاقىت شۇنداق رەھىمسىز، بىلمەس مىھرى-شەپقەتنى،
چىڭ تۇت ئۇنى،خام-خىيال دەرياسىنى بويلىما.
تۇتماي تۇرۇپ ۋاقىتنىڭ تىزگىنىنى قولۇڭدا،
سەن ئۇنىڭدىن ئىلتىپات كۈتىمەن دەپ ئويلىما.

(شىنجاڭ گېزىتى 1999-يىلى 2-فېۋرال سانىدىن)
2012.1.3.2
ئالدىنقى: يارغا مەكتۇپ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-1-29 10:25:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمە نۇرىيە ئېلاخۇن ئاياللىرىمىز ئىچىدىكى ئاز يازىدىغان، ساز يازىدىغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى...
تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-1-29 12:07:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ يازمىسى بىلەن يەنە ئۇچراشقىنىمدىن خوش بولدۇم. رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز.
ئىنكاسلاردىن ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئاپتور ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلانى ئىگەللەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ شېئىرىنى ناھايتىمۇ ياقتۇردۇم رەھمەت، شۇنچە ئېسىل شېئىرنى ئوقۇۋالدىم. ھەربىر كوپلىت،  ھەربىر مىسراسى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىكەن، ئويغىتىدىكەن.
ۋاقتى: 2015-1-29 20:07:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل يازمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-14 04:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش