روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1401|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا---ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل ئوغلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن ياخشى كۆردىغان بىر شېئىرنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم !



كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا
ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل ئوغلان
كۆيۈملۈككە كۆيۈملۈك دۇنيا،
كۆرۈملۈككە كۆڭۈللۈك دۇنيا،
ھېچبىرىگە كەلمىدىم لايىق،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

يارىلپسەن ئەزەل مېنى دەپ،
كەم بولمىسۇن ئاش-تۇز، نېنى دەپ،
مەن نېمىلەر قىلدىم سېنى دەپ،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

مەيلى بارغا چالما-تاش ئېتىپ،
مەيلى يوققا كۆز ۋە قاش ئېتىپ،
يۈردۈم ھەر يان پۇت- قول، باش ئېتىپ،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

بولۇپتىمەن سىنىڭدىن خاپا،
ئەسلى ئۆزۈم تۇرۇپ بىۋاپا،
ئەمدى بىلسەم، ساپتىمەن جاپا،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

قۇچىقىڭنى كەرەملىك تەڭرى،
ياراتسىمۇ بىپايان-كەڭرى،
سىغماپتىمەن شەيتاننىڭ سىڭرى،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

ئۇقماي گۈزەل ئالەملىكىڭنى،
قايرىپ قويۇپ ئادەملىكىمنى،
كۆزلەپتىمەن بىردەملىكىمنى،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

كۆزگە ئىلماي ھىممىتىڭنى مەن،
شەپقىتىڭنى، ئىززىتىڭنى مەن،
خارلاپتىمەن نىمىتىڭنى مەن،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

خازان ئەيلەپ بوستانلىرىڭنى،
بۇلغاپ زېمىن،ئاسمانلىرىڭنى،
يىرتىپتىمەن داستانلىرىڭنى،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

ئۆز-ئۆزۈمنى خار زەبۇن ئەتتىم،
قەدرىڭگە مەن قانچىلىك يەتتىم،
يىتەلمىدىم، ئارماندا كەتتىم،
كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.

(شىنجاڭ گېزىتى 2011-يىلى 14-ئاۋغۇست سانىدىن)
2012.1.3.2


كەچۈر مېنى سۆيۈملۈك دۇنيا.doc
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۆتكەن ئ‍ىشقا پۇشايمان قىلماي گۈزەل كەلگۈسىگە قارايلى دوستۇم،،،،،،،شىئ‍ىرىڭىز ياخشى ☺چىقىپتۇ،،،،ھارماڭ
ۋاقتى: 2015-1-29 09:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەلۋەتتە گېزىت ژورناللاردىن كومپيوتېرغا كىرگۈزۈپ بولۇش ئۈچۈن ئازراق ۋاقت سەرپ قىلىسىز شۇ!
ۋاقتى: 2015-1-29 10:31:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىلغان شېئىردىن بىرنى يوللاپسىز، مۇشۇنداق يوللاپ تۇرسىڭىز سىزمۇ بىر كۈنى مۇشۇنداق ئېسىل شېئىرلارنى يازالايسىز.
تەكلىپ:ئاپتورنىڭ ئىسمىنى شېئىرنىڭ تېمىسىنىڭ ئاستىغا  يېزىپ قويماي، شېئىرنىڭ ئاخىرىغا ياكى ماۋزۇنىڭ ئۈستىگە يازسىڭىز قانداق؟
ۋاقتى: 2015-1-29 12:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم. رەھمەت سىزگە . باشقىلارنىڭ ئېسىل يازمىسىدىن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھۇزۇرلىنىپ ۋە ئۆگىنىشمۇ بەك مۇھىم. رەھمەت سىزگە
ياخشى شېئىرلار بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرۈپسىز. بۇ بۈگۈن سىز ئارقىلىق ئوقۇغىنىمنىڭ ئۈچىنچى پارچىسى. ھارمىغايسىز. مەزمۇنى بەك ياخشى ئىكەن. ياخشى يېزىپتۇ. دۇنيادىن ئاغرىنماسلىق كېرەك. ھەممە نەرسە بىزگە نېئمەت قىلىپ بېتىلدى. قانداق پايدىلىنىش،  ئاسراش ياكى ۋەيران قىلىش بىز ئىنسانلاردىن.  ھوقۇق بولغان يەردە مەجبۇرىيەتمۇ بار.
ۋاقتى: 2015-1-29 20:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم ، ئېلھاملىرىڭىزغا بەرىكەتلەر تىلەيمەن !!1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-5 01:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كۆپچىلىكنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-14 04:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش