روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1866|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يارغا مەكتۇپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يارغا مەكتۇپ
ئەنۋەر ئىسمايىل
گۈزەل جانان پىراقىڭدا ئەجەپ ھالىم خاراب بولدى،
پىراقىڭدا ۋۇجۇدۇم چوغ، كۆيۈپ باغرىم كاۋاپ بولدى،
ئەجەپ ھالىم، كۆيۈپ باغرىم، سېلىپ دەرتلەر ماڭا چەكسىز،
خاراب بولدى، كاۋاپ بولدى، ماڭا چەكسىز ئازاپ بولدى.

قارايمەن ھەر سەھەر ئاخشام بولۇپ تەشنا دىدارىڭغا،
سەھەر ئاخشام كۆزۈم يولدا كۆرۈپ قانماي جامالىڭغا.
بولۇپ تەشنا كۆرۈپ قانماي مۇرادىمغا يىتەلمەيمەن،
دىدارىڭغا، جامالىڭغا، يىتەلمەيمەن ۋىسالىڭغا.

قىلىپ كەلدىڭ ئۆزۈڭگە يار ئەدەپ-ئەخلاق لاتاپەتنى،
ئۆزۈڭگە  يار بىلىپ يۈكسەك،  بۈيۈك  ئارزۇ شىجائەتنى.
ئەدەپ- ئەخلاق، بۈيۈك ئارزۇ كۆكەرسۇن چىن مۇراد تاپقۇز،
لاتاپەتنى، شىجائەتنى، مۇراد تاپقۇز  پاراسەتنى.

كەلگىن جانان ئەجرىمىزدىن  پاك سۆيگۈمىز چىچەك ئاچسۇن،
ئەجرىمىزدىن  تولۇپ كۈچكە، كۈلۈپ خەندان ۋىسال تاپسۇن.
پاك سۆيگۈمىز  كۈلۈپ خەندان، ساپ ئالتۇندەك جۇلالاپ چىن،
چىچەك ئاچسۇن، ۋىسال تاپسۇن، جۇلالاپ چىن نۇرىن چاچسۇن.
(200604274)  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-28 23:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر خېلىلا ياخشى يېزىلىپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 01:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار، بۇ مېنىڭ ئىجادىيتىم ئەمەس، مەن ياخشى كۆرگەچكە كۆپچىلىكىنىڭ ھوزۇرىغان سۇندۇم !
مۇساۋىيات تەرەپايىن ئىدى
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىر ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-1-29 09:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhemmed يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 02:41
مۇساۋىيات تەرەپايىن ئىدى

ئاجايىپ قاپىيىلىك يېزىلغان شېئىركەن. گورزىنتال ئوقۇسىمۇ، ۋېرتكال ئوقۇسىمۇ ئىپادىلىگەن مەزمۇن ئوخشاش..
قالتىس. بۇنداق شېئىرنى يېزىشقا كۆپ ئەجىر كېتىدىكەن. ھەم شۇنداق يېقىشلىق راۋان چىقىپتۇ. ياقتۇردۇم. رەھمەت! ياخشى شېئىرلار بولسا داۋاملىق ھەمبەھىرلىنىپ تۇرارسىز.
ۋاقتى: 2015-1-29 20:02:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئايلانسۇن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-14 03:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش