روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2836|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-20 15:34:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
لەرزان ئۇچۇپ چىققاندەك كۆلدىن.
يۇمران تېنى كۆرۈنۈپ تۇرار،
سىم-سىم يامغۇر قالدۇرغان ھۆلدىن.

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
يوچۇن كۆزدىن جىلۋىلىك ئۆتۈپ.
تەشنا كۆڭۈل شادلىنار مەستخۇش،
يارنىڭ شېرىن ۋەسلىنى كۈتۈپ.

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
ئىسسىق بەلباغ سىرىنى يېشىپ.
ئويناپ كېتەر دولقۇنلاپ دېڭىز،
قۇملۇق ساھىل باغرىنى تېشىپ.

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
جانغا ئىشىق ئوتىنى يېقىپ.
تۇنۇش ئىقلىم، ناتۇنۇش ئەرگە-
گۇمان بىلەن شۈبھىلىك بېقىپ.

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
كۆتمەك قۇيرۇق قېشىنى ئېتىپ.
ئاپتاپ سىنار خاتىرجەم غەمسىز،
سرى ئۆچكەن كارۋاتتا يېتىپ.

بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
قايناپ تۇرغان ئارالغا كېلىپ.
غۇبار دىلدىن ئىمتىھان ئالار،
نازى بىلەن دەيدەيگە سېلىپ.
2014.11.26        سەنيا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 15:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى ئۇنتۇلۇپ قالماي شېئىرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان دوستلارغا تەشەككۈر!
سىزگىمۇ تەشەككۈر
ۋاقتى: 2014-12-20 16:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلىق پۇرار نازىنىن قىزلار،
ئوت سالسىمۇ ئوتلۇق يۈرەككە.
سەنيادىمۇ ئازماپتۇ ئىزلار،
ھەۋەس كۆڭۈل بەرمەس بۆلەككە.

ھەۋەس ئەپەندىمنىڭ يېقىملىق مىسرالىرىغا تەشەككۈر.
ھەۋەس ئۇستازنىڭ سەنيادىكى كۈنلىرى يەنىلا ئۆتكۈر كۈزىتىش سەزگۈسى ، ئۆزىگە ئۈنسىز تەسىر قىلۋاتقان ئۇبۇكتىپ دۇنيانىڭ غىدىقلىشىدىن ئىھام ئېلىش بىلەن ئۆتۈۋېتىپتۇ. ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئۇستاز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 17:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستلار، سىلەرگە كۆپ رەھمەت!

باھا سۆز

ئۇستاز ، قاچانلاردا كېتىۋالدىڭىز ئۇ تەرەپلەرگە؟ ساياھىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك، ئىجفدىيتىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول بۇلۇش  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-20 18:30
ۋاقتى: 2014-12-20 18:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 17:36
رەھمەت دوستلار، سىلەرگە كۆپ رەھمەت!


ئۇستاز ، قاچانلاردا كېتىۋالدىڭىز ئۇ تەرەپلەرگە؟
ساياھىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك، ئىجادىيتىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.
شىئېرىڭىزنى ياقتۇردۇم، رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2014-12-21 09:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنىن قىزلارنى ئازراق كۈزىتەيلى،يەڭگىمىز خاپا بوپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-12-26 14:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە  كۈندىن  بېرى  قارىسام  بۇ  توردىشىمىزنڭ  ئۇ  قىزلار، بۇ  قىزلار ناملىقلا  شېئىرلىرى،،،  ئىنكاسلار ئارقىلىق ھەۋەس ناملىق  بۇ  توردىشىمىزنڭ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئۇستاز  ئىكەنلىكىنى ھەمدا  سەنيادا سەياھەتتە  ئېكەنلىكىنى بىلدىم...قارىغاندا ئۇستازغا  سەنيانىڭ قىزلىرى  بەك  باشقىچە ئىلھام  ئاتا  قىلىۋەتتىمۇ  قانداق..؟   

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 03:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش