روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1884|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈلمىرە : يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرىكىمگە قىلمىغىن ئۇۋال

   گۈلمېھرە




ماي ئېيىنىڭ ئايدىڭ ئاخشىمى ،
ھېدلىرىڭنى ئېپ كەلدى شامال .
ھېجرانىڭدا  قىينالغىنىمدا   ،
مۇڭداش بولدى كۆكتىكى  ھېلال ...


ۋىسالىڭغا يېتەلمەي كۈن - تۈن ،
يۈرمەكتىمەن  مەيۈس  بى نىشان .
ئازاپ  بىلەن  قارىسام    ئايغا ،
ئايمۇ   ماڭا   باقار   پەرىشان .

تاپالمىغاچ سۆيگۈڭدىن ۋىسال ،
بولماقتىمەن ھېجرىڭدە مالال .
كەلگىن قۇچاق ئېچىپ ئەي دىلدار ،
يۈرىكىمگە قىلماستىن   ئۇۋال ...

مەنبە --- مەن .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-8 11:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن ... كىشىگە بىر قېتىملىق ئويلىنىشنى يۈرەككە سالىدىكەن ... تەشەككۈر ... ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...
ۋاقتى: 2014-11-8 12:13:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز . داۋاملىق تىرشىڭ
ياخشىى مۇھەببەت لىركىسى ئەكەپسىز ،ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-11-8 18:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزمۇ يۈرەككە تەككۇدەك چىقىپتۇ ...
ۋاقتى: 2014-11-8 19:30:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  ،  بەك  ياخشى  يېزىۋىتىپسىز
ۋاقتى: 2014-11-9 20:33:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-11-10 01:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز . داۋاملىق تىرشىڭ
ۋاقتى: 2014-11-11 03:34:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىكىمگە قىلماستىن   ئۇۋال ...
قېتىۋالغىن ناخشاڭغا مىنى.
يۈرۈكۈممۇ ناخشاڭغا تۇتاش،
سېغىندۇرار ھەر دائىم سىنى.

ياخشى يېزىپسىز شۇڭا ئەگەشكۇم كەلدى
دەتمەنلە ئاز ئەمەس جۇمۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 22:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش