روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2112|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-22 12:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ


        گۈلمېھرە


  بوستانلارنى ئەيلىگەن ئاۋات ،
كۈيچى بۇلبۇل سايرىغان خۇش - شاد .
ياپراقلىرىڭ چەكمىگەن پەرياد ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .

شوخلىقىنى يوقاتتى دەريا ،
گۈل بەرگىدە تىترەيدۇ ياشلار .
مۇڭغا پېتىپ تولغاندى تاشلار،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .

كەلمەس بولدى باغلاردىن ئەمدى ،
شوخ نەغمىچى قۇشلارنىڭ كۈيى .
كەلمەس خۇشبۇي چېچەكنىڭ ھېدى ...
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


كۆكتە پەرۋاز قىلماس شۇڭقارى ،
بۇغۇچلانغان بەردەم قاناتى .
ئوت چاچراتماس تۇلپار تۇياقى ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .

تەبەسسۇمدا باقالماس ھېلال ،
نازى بىلەن ئاقالماس زىلال .
دۇنيا سۈرەر ئازاپلىق خىيال ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


ئورمانلارنىڭ جىلۋىسى ئۆچكەن ،
كۆكتە بەخىت يۇلتۇزى كۆچكەن .
ئارزۇ - ئۈمىد نەگىدۇر يۈتكەن ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


باھار قەدىرى ئۆتۈلەر كۈندە ،
قىش جۇدۇنى تارتقاچقا نەرە .
كۈلپەتلەرگە گۇۋا ھەر قەترە ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .

ھەسرىتىمنى يۇتتۇم ئىچىمگە ،
ئايلانسىمۇ باغلىرىم چۆلگە .
كىرگەچكە مەن تىرىكلا گۆرگە ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


يېتەرمەنمۇ جانان ۋەسلىڭگە ،
گۈل - چېچەككە تولغان پەسلىڭگە .
قالدۇرارمەن نىمە نەسلىمگە ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


قاچانغىچە غەمدە ياشارمەن ،
ھېجرانىڭدا ھەسرەت چېكەرمەن .
ۋىسالىڭغا قاچان يېتەرمەن ،
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ .


ئۆتمۈش بولۇپ كەتتى ئۇ كۈنلەر ،
مەڭگۈ قايتىپ كەلمەس كەچمىشلەر ...
ئۇپۇق كەبى ئاقارماس تۈنلەر ...
باھارىڭنى سېغىندىم ئەجەپ ...


2014 -يىلى 7 - ئىيۇل ، قەشقەر .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +35 تەڭگە +29 بايلىق +20 تۆھپە +4 يىغىش سەۋەبى
جام + 20 + 20 + 20 + 20 + 4 ياقتۇردۇم
روھلان7 + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-22 12:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىدىي پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر .
ۋاقتى: 2014-10-22 13:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «گۈلمىرە2» خانىم، ھارمىغايسىز، شېئىرىڭىزنىڭ تىلى راۋان، لېرىك ھېسسياتقا تولغان، چۈشىنىشلىك، تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزنى مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلىرىڭىز بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز. ئالتۇن تېنىڭىزگە ئامانلىق، بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تېلەيمەن!
ۋاقتى: 2014-10-23 13:31:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر خېلىلا ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.
تەكلىپىم: باشتىكى ئىككى كۇبلىتتىكى  بەزى سۆزلەرنى قايتا پىششىقلاڭ.

باھا سۆز

بولىدۇ ، ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، رەھمەت .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-23 13:42
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-23 13:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 13:31
شېئىر خېلىلا ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيى ...

بولىدۇ ، ئەسكەرتمە بەرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، رەھمەت .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 02:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش