| 
 دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغرىسى  
 
 
          گۈلمېھرە 
 
 
ھۆكۈمرانى بوپسەن قەلبىمنىڭ ، 
كىشەنلەندى بۇ كۆڭۈل شەكسىز . 
چىرماپ ئالدى مېنى مىسكىنلىك، 
ئازاپلىرىم تۈگىمەس سەنسىز . 
 
 
سىمايىڭنى ئىزلەيمەن ھارماي ،  
كۆرەلمىسەم يىغلار يۈرىكىم . 
ھېدلىرىڭنى  ئېپ كەلسە شامال ، 
شىرىنلىكتە چۇلغىنار قەلبىم . 
 
 
تۇيۇپ قالدىم يۈرىكىم يوقتەك ، 
سەندە ئىكەن بۇ ئەڭ توغرىسى . 
تۇيدۇرماستىن ئېلىپ قېچىپسەن ، 
دەيمۇ سېنى يۈرەك ئوغرىسى . 
 
 
ئارمانلىرىم كۆتۈرەر چۇقان ، 
تۈن قارىسى كەلسە تىۋىشسىز . 
تولۇن ئاينى ئوخشىتىپ ساڭا ، 
ھېدلىغۇم بار قانغۇچە ئۈنسىز ... 
 
 
         
مەنبە ؛ مەن شۇ .  |