روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1940|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈلمېھرە : بىلمىدىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 16:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  بىلمىدىڭ

    گۈلمېھرە




    يۈرىكىم بولدى لەختە  قان تېمىپ ،
چۈنكى سەن تۇرغاچ تىنىمسىز باغرىم تىلىپ .
تۈنلىرىم ئۇلاشتى تاڭغا غەم بېسىپ ،
سەن  « جوھۇت » تويمىغاچ ھېچ قان ئىچىپ .


گۈل چىرايىم بولدى شۇندىن زەپىران ،
ئوتقا چۈشكەن قىل كەبى قىينالدى جان .
زۇلمىتىڭىدىن ئېڭىزىمدا قالدى دان ،
بىلمىدىڭ ، ھېجرىڭدە بولدۇم ناتىۋان ...


ئاسمىنىڭدا چاقنىماس ھۈكەرلىرىم ،
باغلىرىڭدا ھېد چاچالماس گۈللىرىم .
شۇ سەۋەپتىن تىتما - تىتما تەنلىرىم ،
توختىماس دەردلىك كۆزۈمدىن ياشلىرىم .



«قارىساڭلا ئويىمەن دەپ كۆزلىرىڭنى،               
سۆزلىسەڭ ھەم  كېسىمەن دەپ تىللىرىڭنى ».
ھە - دىگەنچە قىپ كۆتۈرمەس باشلىرىمنى ،
پۇشايمانغا لىق توشقۇزدۇڭ دىللىرىمنى .



سەن رەھىمسىز ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمىدىڭ ،
مەن زەبۇننىڭ ھالىغا بىر باقمىدىڭ  .
قان شوراش ھەم جان ئېلىشكەن ئادىتىڭ ،
سەن ئۈچۈن جان بەرگەننى ھەي ... بىلمىدىڭ .



ئەمدى بىلدىم سىرلىرىڭنى ئەي جانان ،
دىلنى ئەزدىڭ سەن بولۇپ ماھىر خاقان .
كۈلسۇن جېنىم ، تۈگىسۇن زۇلۇم ، كۈلسۇن جاھان ،
شۇنى بىلگىن ، بىزنى كۈتەر  تۇپراق ھامان ...




2014  - يىلى  22 - ئىيۇل قەشقەر .        
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-27 00:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق ۋە تېتىملىق چىققان بۇ لىرىكىڭىزنى ياقتۇردۇم !
ۋاقتى: 2014-11-27 12:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى ياخشى يېزىپسىز، سىزنى باشقا يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمىنا...
شىئىرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز .
گۈلمىرە خانىم سىزگە سالام. يازمىڭىز ھېسياتىڭىزنى ناھايتى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرغا تاشلاپتۇ.  يارايسىز . تەكلىۋېم شىئېرى تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ. شىئېر تىلىنىڭ ئويناقلىقى بىلەن باشقا ژانېرلاردىن پەرىقلىق راڭدار ھەم جەلىپكار. «ناۋادا بوش بىلەن سادام مەخسىدىنى شىئېر ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويغان بولسا پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى پارتىلمىغان بولاتتى »ـدەيدۇ ئوكتاۋىئو پاز. دىمەك شىئېردىكى تىل قانچە ئويناق قانچە رەڭدار بولسا ئۇ دەل سىزنى يۇرىتىدۇ. قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
ۋاقتى: 2014-11-27 19:10:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شائىرنىڭ شىئىرغا خىلى يىقىنلاپ قاپتۇ جۇمۇ بۇ شىئىر يارايسىز تىخمۇ تىرشىڭ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 06:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش