روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 700|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم

سەھرا دىگەن ئاجايىپ دۇنيا ،
ھوزۇر بېرەر تەنگە ساپ ھاۋا .
دىيەلەيمىز دائىم مەرھابا ،
مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم .

ئۈمۈتلەرگە لىق تولغان مۇنبەر ،
تەكشۇرۇشنى كۈتمەكتە دەپتەر .
كۈندىن –كۈنگە ئاۋۇيدۇ خەتلەر ،
مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم .

ئۈگەنمەيدۇ زېھنى ئويغاقلار ،
ئويۇنخۇمار كەپسىز بويناقلار .
گەپ يىمەيدۇ ياغاچ قۇلاقلار ،
مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم .

كۆز خىرەلىشىپ ئاقماقتا ياش ،
ياش تۇرۇپلا ئاقاردىغۇ چاچ .
ئارزۇيۇمدۇر ھالاللاپ ياشاش ،
مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم.

ئاتالساممۇ روھى ئىنزىنىر ،
مەندە يوقتۇر قىلچىلىك كىبىر .
بار مېنىڭدە ئوتلۇق بىر مېھىر .
مەن سەھرادا ئاددى مۇئەللىم .
ئاقسۇ-كەلپىن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
خاككىر927 + 5 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-18 21:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلى ناھايىتى يىنىك، راۋان تىللار بىلەن يېزىلىپتۇ.  سىزدە ئۈمىد بار ئىكەن. يەنىمۇ تىرىشسىڭىز چوقۇم ياخشى شائىر بولۇپ قالىدىكەنسىز.
تەكلىپىم: شېئىرنىڭ تېمىسى بىلەن مەزمۇنىنىڭ باغلىنىشىغا، مۇئەييەن  نۇقتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز.
ۋاقتى: 2014-8-18 22:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلغا بايكەنسىز  تىخمۇ تىرىشىڭ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 04:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش