بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yukselix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-19 22:04
سېغىنىش
مېھرىبان ئانا!
مېنى تاشلاپ كەتتىڭ يىگانە.
سەنسىز كۈنلىرىم
ئۆتتى مەنىسىز،
ئۈششۈك تەككەن يۇپۇرماق كەبى ،
سەندىن ئايرىلىپ بولدۇم سەرسانە.
جاپاكەش ئانا!
مېھرىبان سىمايىڭ ھامان يادىمدا ،
ئۇماق نەۋرىلەر
ھەرقېتىم ئىسمىڭنى چاقىرغىنىدا .
ئاھ،ھەسرەتتىن پىغانىم ئۆرلەپ،
لىغىرلايدۇ ياش بىر جۈپ كۆزۈمدە.
غەمگۇزار ئانا........!
بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى ئەجەپ،
مانا بۈگۈن
يۈكۈنۈپ قەبرەڭ ئالدىدا.
مېنى باققان ھۆرمىتىڭ ئۈچۈن،
قىلىمەن دۇئا يېنىش-يېنىشلاپ،
2014يىل كەلپىن |