روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەرىشتىلەر شەرھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    پەرىشتىلەر شەرھى

ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

مومام سۆزلەپ بېرەتتى،
پەرىشتىلەر قىسسىسى.
  قانماي-قانماي ئاڭلايتتىم،
قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىسى.

بوۋام چۆچەك ئېيتاتتى،
تولۇنئايلىق ئاخشامدا.
خىزىرلارنى كۆرەتتىم،  
يۇلتۇزلۇق  كەڭ ئاسماندا.

    ***  ***  ***
ياشانغانچە ياشىرىپ،
ئوخشاپ قالار بالىغا.  
ئوخشاپ قالار كۈنسېرى،
قىلغان ئىشى چالىغا.

تولۇق ئەمەس ئېسىدە،
ھېلى قويغان-تۇتقىنى.
يېسە يانار، مىڭ تەستە
چايناپ-يالماپ يۇتقىنى.

دىلى نازۇك شۇ قەدەر،
گويا جانان چىنىسى.
قەلبى قاردەك بىغۇبار،
يوقتۇر ھېچبىر ھىيلىسى.
پۇت-قوللىرى بىقۇۋۋەت،
بېلى يادەك مۈكچەيگەن.
كامېرادەك كۆزلىرى،
نۇرى ئۆچكەن- چەكچەيگەن.
  
شۇنچە سەگەك تۇيغۇسى،
تىۋىشىڭنى سېزىدۇ.
زەئىپلەشكەن ۋۇجۇدى،
  يۈرىكىڭنى ئېزىدۇ...

بەردەم ئىدى شۇ قەدەر،  
سەن تايچاقتەك چاپقاندا.
مېھنىتىدىن شادىمان
كۆكتە پەرلەر قاققاندا.

تۇر!!!+مۇش!!!=تۇرمۇش!!!
ئاھ،  تۇر!!!+مۇش!!!،
ئۇلارنى ھالسىراتتى.
ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلىرى،
  ھەر يانغا تەڭ قاراتتى.

سىلجىساڭلا يېنىدىن،
غېرىپسىنىپ قارايدۇ.
ھاتەمدىنمۇ سېخىي ئۇ،
زاغرا بەرسەڭ يارايدۇ.

كېلىپ-كەتسەڭ پۇرايدۇ،
تام-تورۇستىن ھىدىڭنى.   
   كۆزلىرىگە سۇۋايدۇ،   
باسقان ھەر بىر ئىزىڭنى.

چېپىپ يۈرسەڭ كۈن بويى،
نەدە قويۇم، كالام...دەپ.
دۇئاغا قول كۆتېرەر:
-ئامان بولغىن، بالام...دەپ.

مېھمان ئۇلار تۆت كۈنلۈك،
خىزمىتىنى قىلىۋال.
مەھكەم بېسىپ باغرىڭغا،
چىن مېھرىگە قېنىۋال.

سۆزلەپ قالسا ئۇھسىنىپ،
ئۆزگىلەرگە، ئۆزىگە.
سەنمۇ قايناپ چۆگۈندەك،
مۇنچاق ئاسما  كۆزىگە.

يېتىپ دەردى-ھالىغا،   
سىردىشى بول، دوستى بول.
مۇبارەكلەپ ئۆمرىنى
سۇنغىن دەستە، دەستە گۈل.

             ***  ***  ***   
ئىزدەپ خىزىر-پەرىشتە،
چېپىپ يۈرمە ئەرشكە.
ئاتا-ئاناڭ ئەڭ ئۇلۇغ،
خىزىر سۈپەت پەرشتە.

2014-يىل25-ئىيۇن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاتا ئانىنى ھەقىقى سۈپەتلىگەن مەزمۇن بوپتۇ.ئەركىزات ئەپەندىنىڭ ئىسىل يازمىلىرى ئۈزۈلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-26 13:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-27 18:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىزنى ئوقۇپ ، مومام بىلەن بۇۋام يادىمغا يىتىپ قالدى ................

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-26 06:49

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش