روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1413|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر پارچە مەكتۇب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىلمىغىن رەت ئەي دىلبىرىم،بىلمەي يۈرەكنىڭ ھالىنى،
ھەر كۈنى قىلۇرمەن ئارمان كۆرسەم دەپ ئۇز رۇخسارىنى.
شۇ قاراڭغۇ خانەمدە يالغۇز ئوتقا چۈشكەن قىل كەبى،
تولغۇنۇپ مەن چەكسەم ئازاپ، ھەر كىم قىلۇر ئۆز كارىنى.
ئىشقىنى سالغاي  خۇدا،يەنە ئارقىدىن بەرگەي داۋا،
تىلىگىم شۇ گۈلگە تەشنا،تاپقاي بېرىپ گۈل لالىنى.
مەن سىنى ئويلاپ خىيالغا پاتقاندا بەلكى سەن ئۆزۈڭ،
ئاللىقانداق ناز-خۇلۇقتا چەكتىڭ بىراۋنىڭ دىل تارىنى.
«كۆيدۈم» دېسەم چۆكتۈڭ سۈكۈتكە يا كۈلگەنسەن ئىچىڭدە،
خىجالەت بولدۇم ئۆزۈم،باساي كۆڭۈلنىڭ پەريادىنى.
زەردىگۆش بولغان يۈرەكتە ئەسلى يوقتى ئۇنداق سىزىم،
بىلمىدىم ھېچ يۇقتى قانداق،كىسەلگە تاپماس چارىنى.
سەن ئۆزۈڭ ئەركى مىجەز،يۈرگەنسەن بەلكى ئويناپ-كۈلۈپ،
بىراق مەن يەلكەمگە ئالدىم دەردۇ-پىراقنىڭ بارىنى.
تولا «ئاھ!» تا ھەسرەتلىنىپ، بوپ كەتتى باغرىم ئوت كاۋاپ،
بۇ تۇمۇزدا خالاپمۇ قالدىم مۇز جاھان، قىش-قارىنى.
ھەر نىمە بولسا باردۇر سادىق قەلىمىم ھەمرا ماڭا،
ھەسرىتىمنى ئەيلەپ بايان پۈتتى تالاي ئەشئارىنى.
ئەي لېۋەن نازىڭنى قويغىن ،بەرگىن ماڭا ئوچۇق جاۋاپ،
خالىمىساڭ مەيلى تاپقىن مەندىن ئۆتەر دىل خارىنى.
يالغۇزلۇقمۇ ياخشىدۇر ھەم بولمايدىكەن دىل شىكەستە،
شۇ كۇپايە ئەسلەپ قويساڭ كۆڭلى ناخۇش بىچارىنى.

           بىلال ئېزىز
                              2014-يىل  13-ماي.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +30 تەڭگە +14 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 ياقتۇردۇم
نۇرلان + 15 + 5 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

غىلاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 15:53
ئىجادىي  شېئىركەن ، ياخشى  چىقىپتۇ . ھەقىقى  ھىسسىيات  ،  ...

رەھمەت،كېيىن دىققەت قىلاي.
ۋاقتى: 2014-5-18 15:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىي  شېئىركەن ، ياخشى  چىقىپتۇ . ھەقىقى  ھىسسىيات  ، ئىپادىلىنىپتۇ . يەنىمۇ  ئاھاڭدار  قىلىشقا  تىرىشىڭ !
سىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن .

باھا سۆز

رەھمەت،كېيىن دىققەت قىلاي.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-19 23:19
ۋاقتى: 2014-5-19 09:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئېركەن رەخمەت.
ۋاقتى: 2014-5-19 23:50:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن  قېرىندىشىم.
ۋاقتى: 2014-5-19 23:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن  قېرىندىشىم.
ۋاقتى: 2014-5-20 00:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىتنى  سەمىمىلىك  بىلەن  قوبۇل  قىپسىز . سىزگە  چىن  كۆڭلۈمدىن  ئۇتۇق  تىلەيمەن !

باھا سۆز

ئەسلى ناھايتى رىتىملىق ياخشق چىققان،بىراق بۇغۇمنى تەڭلەشتۈرىمەن دەپ بەزى سۆزلەرنى ئالماشتۇرسام مۇشۇنداق بو  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-21 09:00
ۋاقتى: 2014-5-20 10:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.دەرت تارتقان قەلىبلەرگە ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.ئامىن!بەك ياخشى يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە ئاللاھ بەرىكەت بەرگەي ئامىن!
"سېنى ئويلاپ خىيالغا پاتقاندابەلكى سەن ئۆزۈڭ،
ئاللىقانداق ناز خۇلۇقتا چەكتىڭ بىراۋنىڭ دىل تارىنى"
دگەن بۇ ئىككى مىسرانى مەن
"سېنى ئويلاپ ياتقىنىمدا بىخەۋەر بەلكىم ئۆزۈڭ،
ئاللىقانداق ناز خۇلۇقتا چەكتىڭ بىراۋ دىل تارىنى"
دەپ ئۆزگەرتىپ باقتىم.ھې ھې....
来自安卓客户端
غىلاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-20 00:24
تەنقىتنى  سەمىمىلىك  بىلەن  قوبۇل  قىپسىز . سىزگە  چىن  ك ...

ئەسلى ناھايتى رىتىملىق ياخشق چىققان،بىراق بۇغۇمنى تەڭلەشتۈرىمەن دەپ بەزى سۆزلەرنى ئالماشتۇرسام مۇشۇنداق بوپقالدى.
ۋاقتى: 2014-5-22 20:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى شېئىرلار چىقىۋاتىدۇ ، ئەجرىڭلارغا بارىكاللا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 22:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش