روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] غۇرۇرلۇق ياشاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                            غۇرۇرلۇق ياشاڭ
(ئاپتۇرى-يەكەن ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئابدۇسەمەت داۋۇت)

ياشىغان ئىكەنسىز، غۇرۇرلۇق ياشاڭ،
ئېسىل خىسلىتىڭىز كۈلدۈرسۇن ئەلنى.
كۆكىرەر ئەل بىلەن پۈتۈن يەر جاھان،
غۇرۇر كەمىرىدە چىڭ باغلاڭ بەلنى.

ياشىغان ئىكەنسىز، غۇرۇرلۇق ياشاڭ،
تەمەخور، ئاچكۆزلۈك ياتتۇر ئادەمگە.
ئىززەت ئىزدەپ، ھۆرمەت تېپىڭ ئالەمچە،
ئوخشايسىز مەردلىكتە ئېسىل ھاتەمگە.

ياشىغان ئىكەنسىز، غۇرۇرلۇق ياشاڭ،
تىرىشىڭ، تىرمىشىڭ، بىلىم ئىگەللەڭ.
ئەل سۆيسە ھوقۇقنى بىرىدۇ سىزگە،
مەغرۇر ھالدا زومىگەرنى يۈگەنلەڭ.

ياشىغان ئىكەنسىز، غۇرۇرلۇق ياشاڭ،
مەمەدان نامەرتنى ھەرگىز دوست دىمەڭ.
ھەزەر ئەيلەڭ دائىم، ئالدامچىلاردىن،
ئۇ بەرگەن تائامنى ھەرگىزمۇ يىمەڭ.

ياشىغان ئىكەنسىز، غۇرۇرلۇق ياشاڭ،
ئالەمچە كەڭ بولسۇن نەزەر-دائىرڭىز.
ماڭسىڭىز، تۇرسىڭىز ئەلنىلا كۆزلەڭ،
شۇ بولسۇن مەڭگۈلۈك ئېسىل غايىڭىز.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتم
                           2014-يىل  10-ماي
                                                      يەكەن ئاۋات

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +40 تەڭگە +40 بايلىق +40 تۆھپە +14 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 40 + 40 + 40 + 40 + 14 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-11 11:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققەتەن قەلەم قۇۋتىڭىز كۇچلۇك ئىكەن ھارمىغايسىز ياخشى شىئرلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن.

باھا سۆز

رەھمەت ئىدرىسجان، شىئېرىمنى ئوقۇپ مېنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-11 12:17
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-11 12:17:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 11:44
ھەققەتەن قەلەم قۇۋتىڭىز كۇچلۇك ئىكەن ھارمىغايسىز ياخش ...

رەھمەت ئىدرىسجان، شىئېرىمنى ئوقۇپ مېنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2014-5-11 16:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ناھايىتى كۈچلۈككەن ،ئەلگە نەپ يىتدىغان مۇشۇنداق ئەسەرلىرڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقنى ئۈمۈد قىلمەن ،قوللىرڭىزغا دەت يەتمىسۇن

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە، ئەلگە نەپ يەتكۈزەلىسەم، ئەڭ زور مەدەت ماڭا ئەنە شۇ!  ۋاقتى: 2014-5-25 12:40
ۋاقتى: 2014-5-12 16:44:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز.ئاللاھ قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن.ئامىن
来自安卓客户端

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە، ئاللاھ ئىككىمىزگە تەڭ بەرسۇن!  ۋاقتى: 2014-5-25 12:41
ۋاقتى: 2014-5-12 18:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش بارماقنى چىقىرىپ داڭلىغۇدەك ئەسەر بوپتۇ. بەك ياخىشى يېزىپسىز رھمەت سىزگە

باھا سۆز

قوللىغانلىقىڭىزقا رەھمەت! شىئېرىمنى باشقىلار ئوقۇپ ئۇنىڭدىن بەلگۈلۈك بەھىر ئالسا مەن شۇنىڭدىن خۇش.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-14 22:18
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-14 22:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nawruz0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 18:00
باش بارماقنى چىقىرىپ داڭلىغۇدەك ئەسەر بوپتۇ. بەك ياخىش ...

قوللىغانلىقىڭىزقا رەھمەت! شىئېرىمنى باشقىلار ئوقۇپ ئۇنىڭدىن بەلگۈلۈك بەھىر ئالسا مەن شۇنىڭدىن خۇش.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 10:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش