روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆز ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر مۈشۈك بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ھەمىشە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەن. بىركۈنى ئۇ چاشقاننى تۇتالماي قاچۇرۇپ قويۇپتۇ ھەمدە «ئۇ بەك ئورۇقكەن، كېيىن سەمرىگەندە بىر گەپ بولار» دەپتۇ. ئاندىن كۆل بويىغا بېلىق تۇتقىلى بېرىپتۇ، كارپ بېلىقى قۇيرۇقى بىلەن ئۇنى بىر ئۇرۇپتىكەن، يەنە پېتىدىن چۈشمەي«ئۇنى تۇتقۇم يوق ئىدى، تۇتىمەن دېسەم ئاسانلا تۇتۇۋالالايتتىم. مەن ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ يۈزۈمنى يۇيۇۋالدىم»دەپتۇ.
6 i8 _3 K+ J( H1 ^9 L7 ^% `' }كېيىن ئۇ كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولغاندا، يەنە ھوشىنى تاپماي:«مېنى خەتەردە قالدى، دەپ ئويلاۋاتامسىلەر قانداق، مەن سۇ ئۈزۈۋاتىمەن...»دەپتۇ ھەمدە گېپىنىڭ ئايىغى چىقمايلا سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. ھەمراھلىرى بىر-بىرىگە، «ئۇ بىزگە سۇغا شۇڭغۇش ماھارىتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ،كېتەيلى»دەپ كېتىپ قېلىشىپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۈشۈك سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە ھەم بىچارە مۈشۈك ئىكەن. 1 B. F% t+ }- Z. E, K$ wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دېمەك، يۇقىرقى مىسالدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ دۇنيادا بەزى ئادەملەر ئاشۇ مۈشۈككە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدۇ. ساختىلىق ئىچىدە ياشايدۇ. ئۆز كەمچىلىكلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەمدە ئارتۇقچىلىقمۇ، كەمچىلىكمۇ بولىدۇ. چۈنكى نۇقسانسىز ئادەم دۇنيادا مەۋجۈت ئەمەس. بىراق، ئادەم ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئوخشاشمىغان شارائىتتا قانداق مەنىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلىسە، ئۇنى مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. ( [/ m; r( V1 o% e6 ^. u% bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادەمدىكى بەزى ئارتۇقچىلىقلار تۇغما بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتمەك تەس، بەزى ئارتۇقچىلىقلار كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. يەنە بەزى ئارتۇقچىلىقلارنىڭ مىجەز-خاراكتېر بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق لېكىن سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ. بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر سىزگە خېلى بىر مەزگىللەرگىچە، ھەتتا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. سىزگە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ياشاش تىرىشچانلىقىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ ياكى توسقۇنلۇق قىلىدۇ. سىزنىڭمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكلەردىن خالىي بولمىقىڭىز تەس. بىراق، بۇنىڭ قورقۇپ كەتكۈدەك يېرى يوق. بۇ دۇنيادا يۈزدە-يۈز مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. لېكىن، كەمچىلىك بار تۇرۇقلۇق ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق. بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە پارازىت قۇرتنىڭ ئۆز بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىشىغا يول قويۇش ھەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى- ئۆزى ھالاك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.5 N' p0 S8 ]# O5 S8 J$ N- {9 W# J  uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆزىڭىزدە كەمچىلىك بارلىقىدىن نومۇس قىلماڭ. ئۇنىڭغا يۈزلىنىشكە، ئۆزىڭىزدىكى خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ. بۇ بىر ئاقىلانىلىك شۇنداقلا باتۇرلۇق. ئۇنداقتا، ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى دادىللىق بىلەن تېپىپ چىقىڭ. ھېلىقى مۈشۈككە ئوخشاش ئۆزىڭىزنى ھەم ئۆزگىلەرنىمۇ ئالداپ، ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالماڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-13 18:45:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال بىر ئۇقۇپ چىقاي ھە..
ۋاقتى: 2014-4-21 23:28:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز. رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 00:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش