روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] تەس ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھازىر نۇرغۇن ھەۋەسكارلىرىمىز داڭلىق شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ «دىھقان بولماق تەس» شىئېرىغا تەقلىد قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇردىغان (قارىماققا دەرھال قىززىق تۇيۇلىدىغان) شىئېرلارنى يىزىپ، ھەرقايسى مۇنبەلەردە ئىلان قىلماقتا، (ئادەم بولماق تەس، مۇدىر بولماق تەس، رەھبەر بولماق تەس، ئۇستاز بولماق تەس، موللام بولماق تەس، يول تاپماق تەس، پۇل تاپماق تەس، خوتۇن بولماق تەس، ...... قاتارلىقلارغا ئوخشاش)، ھەتتا بىر قىسىم ناخشا ھەۋەسكارلىرىمىز ناخشا قىلىپ ئوقۇپ، ئىشپۇشقىنى چىقىرىش ۋاستىسى قىلماقتا، مىنىڭچە بۇ خىل قىلمىش ئىزدىنىشكە، ئالغا قاراپ ئىنتىلىشكە بولغان ئىرادىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ئاددىي بولسىمۇ «تەس ئەمەس» ناملىق شىئېرىمى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق ئورتاقلاشماقچىمەن.

تەس ئەمەس
(يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن-ئابدۇسەمەت داۋۇت)

ئىرادىگە باغلىقتۇر،
ھەممە ئىشلار ئەزەلدىن.
ئىلھام-بەخش كىلىدۇ،
ئەل توۋلىغان غەزەلدىن.

«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،
كۆڭۈل قويغان ئادەمگە».
دىگەن ئىدى ئەجداتلار،
ئەۋلاتلىرى ئادەمگە.

لىكىن ھازىر بەزىلەر،
«..تەس»دەپ يازدى نەزمىلەر.
ئىرادىسى بوشىشىپ،
«تەس ئەمەس»تىن تەزدىلەر.

چاۋاك چىلىپ تەلۋىلەر،
ماسلاشتىغۇ ئەزمىلەر.
ناخشا توۋلاپ جاي-جايدا،
قايناتماقتا بەزمىلەر.
**     ***        **
بۇ جاھاندا ئەزەلدىن،
ئاقىلغا ئىش تەس ئەمەس.
ئىرادىلىك بولسىلا،
ئەل ئالدىدا خەس ئەمەس.

چوڭنى كۆرسەك ھۆرمەتلەپ،
كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ،
قەدىرلەشنى ئۆگەنسەك،
ئادەم بولماق تەس ئەمەس.

مائارىپنى چۈشەنسەك،
ئەجدادلاردىن سۆيۈنۈپ،
ئۇستازلارغا ئىشەنسەك،
مۇدىر بولماق تەس ئەمەس.

ئىزدىنىشكە ماھىر بوپ،
ئەل غىمىنى كۆزلىسەك،
توغرا سۆزنى سۆزلىسەك،
رەھبەر بولماق تەس ئەمەس.

ناچار ئىشتىن قول ئۈزۈپ،
شەرم-ھايانى سازلىساق،
توغرا يولدىن ئازمىساق،
يول تاپماقمۇ تەس ئەمەس.

ناچار مالنى داڭلىماي،
خىرىدارنى ئالدىماي،
تىجارەتكە يۈزلەنسەك،
پۇل تاپماقمۇ تەس ئەمەس.

كۈلۈپ قويۇپ ئالدىدا،
غەيۋەت قىلماي دالدىدا،
ئىللىق چىراي بولساق بىز،
دوست تاپماقمۇ تەس ئەمەس.

ئىلىم پەندە ئىزدەنسەك،
كەشپىياتلار قوغلىشىپ،
يىڭىلىققا يۈزلەنسەك،
ئالىم بولماق تەس ئەمەس.

پىراۋىمىز جىڭ بولسا،
ئىرادىمىز چىڭ بولسا،
قۇلىقىمىز دىڭ بولسا،
شوپۇر بولماق تەس ئەمەس.

بىمارلارنى كۆزلىسەك،
سۇنغان تەننى تۈزلىسەك،
راست سۆزلەرنى سۆزلىسەك،
دوختۇر بولماق تەس ئەمەس.

مىچىتتا ئاچساق كۇرۇسنى،
سىياسەتكە دۇرۇسنى،
يەكلىمىسەك ئورۇسنى،
ئىمام بولماق تەس ئەمەس.

ئىرادىمىز چىڭ بولسا،
ئارزۇيىمىز جىڭ بولسا،
تەپەككۇرمىز كەڭ بولسا،
ھەممە ئىشلار تەس ئەمەس.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
2014يىل 21-مارت

تەۋىسسىيەم: بۇ شىئېرىمنى ئوقۇغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىر قىتىم ئوقۇپلا بولدى قىلماي، تەكرار ئوقۇپ چىقىپ تۈزىتىشكە تىگىشلىك جارلىرنى تۈزىتىشكە، تولۇقلاشقا تىگىشلىك جايلىرنى تولۇقلاش توغۇرسىدىكى قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماي بىرىشىنى سەمىيمى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى يەنە بىر ئادەمگە ئوخشىمايدۇ-دە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +65 ئىناۋەت +50 تەڭگە +40 بايلىق +48 تۆھپە +23 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 25 + 25 + 15 + 23 + 13 ياقتۇردۇم
ADiL + 40 + 25 + 25 + 25 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-22 10:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارلىقىغا يەنە كۆپلىگەن «تەس ئەمەس» لەرنى قوشۇپ باقسىڭىز بولاتتى، ۋاقتىڭىز چىقسا داۋامىنى يەنە ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ يېزىپ باقارسىز، بۇ ھەقىقەتەن يىشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-3-22 13:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمام بولماق تەس ئەمەستىن باشقا ھەممىسىنى بەك ياقتۇردۇم . ئىمام بولماق تەس ئەمەسكە ئاددى سۆز بىلەن ئىزاھلاش خاتالىققا باشلايدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ئو توغۇرلۇق يازما يېزىش بەلىم خاتالىققا باشلاپ قېلىشى مۇمكىن ، يا شەرىئەتكە يا سىياسەتكە. شۇڭا بېرىدىغان كىچىككىنە تەكلىپىم مۇشۇ. باشقىلىرىنى ئاساسەن بەك ياقتۇردۇم.
ۋاقتى: 2014-4-27 12:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەشتاق ئەپەندىم، ئەقلىڭىزگە ئارىكاللا!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 08:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش