روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
مۇڭغا پاتقان كوچاڭغا ئۈنۈپ.
سىڭىپ كىرسەم قەلبىڭگە نۇردەك،
ۋەسلى ئاتەش سۆيگۈڭگە كۈنۈپ

لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
قارا چۈشتەك دوقمۇشتا قۇنۇپ.
ئالسام تۈندە شەيتاندىن قىساس،
بەرگەن ھالال لەۋزىڭنى تۇنۇپ.

لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
يىرتقۇچ قۇشتەك مىلىنىپ قانغا.
شېرىن ھۇزۇر تىرناقتىن تاكى،
يامراپ چىقىپ قوشۇلسا جانغا.

لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
غازاڭ باسقان روھىڭنى قۇچۇپ.
يوقھپ كېتەر سېنىڭدىن كۈلپەت،
بىسى سۇنغان شەمشەردەك ئۇچۇپ...

لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
قىلىپ غەيۈر يۈرەكنى دەسمى.
قېنىپ جۇشقۇن ھاياتقا باغرىم،
يىگىت بولسام دۇنيادا رەسمى...
مەنبە: ئىجادىيىتىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-16 14:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يىزپسىز تىخمۇ تىرشىڭ.
ياخشى يېزىپسىزغۇ، مەنىلىك بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-3-16 14:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يېزىلىپتۇ بىراق يىرتقۇچ قۇشنىڭ پەقەت تىرنىقىلا قان بۇلىدۇ بۇنى ئويلىشىپ كۈرۈڭ قېرىندىشىم

باھا سۆز

قانداق قۇشكىنا ئۇ تىرنىقىنىلا قان قىلدىغان توۋا…  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-17 00:42
ۋاقتى: 2014-3-16 15:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان ئەپەندىمنىڭ جەڭگىۋار مىسرالىرىغا مۇبارەك بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-3-16 16:08:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىركەن، يەنىمۇ ئەكراق مۇكەممەللەشتۈرسىڭىز ئولغۇدەك! رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2014-3-16 17:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ . ھارمىغايسىز
جەسۇر2 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 14:46
رەھمەت ياخشى يېزىلىپتۇ بىراق يىرتقۇچ قۇشنىڭ پەقەت تىر ...

قانداق قۇشكىنا ئۇ تىرنىقىنىلا قان قىلدىغان     توۋا…

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-19 23:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش