روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 658|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سونىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەپ. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 18:45  

سونىت



( ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن )

ئەشۇ شىرىن ئەسلىمىلەر گۇيا چۈش كەبى ،
پەپىلەيدۇ بەرمەك ئۈچۈن ئازاپقا بەرھەم .
كۆزلىرىمدىن تۈكۈلگەن ياش ياسايدۇ ئۆركەش،
داۋام قىلار ئازاپ ھەمدە جانىمدا ھەردەم .
گۈل جىسمىڭدىن سىن ئالغاچقا كۆزلىرىم مىنىڭ ،
قايان باقسام زاھىر شۇندا نۇرلۇق سىمايىڭ .
ئاھلىرىمنى باغاشلايدۇ زۇلمەتلىك كېچە ،
نىمە قىلاي ، سەنسىز بولماس پىكىر-خىيالىم .
ئۇنۇتمىغىن ، مەن سىنىڭلا ئىككى دۇنيالىق ،
بۇ ھەقىقەت ، پۈتۈلگەندۇر مەھفۇزدا شۇنداق !
ئىقرار قىلاي ، قايسى سىرنى بىلمەكچى مەندىن ؟
ئوتۇڭدا مەن كۆيدۈم ، مىنى قىينىما بۇنداق .
جاننى ئالسا نەھايەتتە ئەزرائىل كىلىپ ،
شۇندىمۇ ھەم سىنى يادلاپ چىققۇسى بۇ جان .
قول ئۇزارتسا سەن ئىختىيار بەرمىگەن مەلئۇن ،
غەزەپ بىلەن قەبرەمدە دەس تۇرىمەن شۇئان !.....
         ئەي دىلبىرىم ۋەسلىڭ ئۈچۈن جانىم تەسەددۇق ،
         بىر جان ئەمەس ، ھەتتا مىڭ جان قىلمايدۇ ئارتۇق .

تامام.
بۇ سونىت يەنە كۇچا مۇنبىرى، ۋىروس ئىمپىريەسى ۋە بۇلاقجان مۇنبىرىگىمۇ ھەمبەھىرلىنىدۇ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   200ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 20:18  

رەھمەت سىزگە
ئۇستاز مۇشۇ سونىت دىگەن سۆزگە بىر تەبىر بىرىۋەتمەمسىز. رەھمەت

باھا سۆز

ئەمما بەزىدە سونىت 14 مىسرادىن ئېشىپ 16~18 مىسراغىچە يىزىلىپمۇ چىقىدۇ.  ۋاقتى: 2014-3-12 10:09
« سونت » دىگەن بۇ ئاتالغۇ 14 مىسرالىق شىئىرگە قارىتىلغان خاس ئاتالغۇ ئىكەن.  ۋاقتى: 2014-3-12 10:08
ۋاقتى: 2014-3-12 11:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېقىن سۇدەك راۋان  چىقىپتۇ   بۇ   شىئېر.....

باھا سۆز

رەخمەت سىزگە.  ۋاقتى: 2014-3-13 10:43

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 05:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش