روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سونىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سونىت

( ئۆز ئجادىيەتلىرىمدىن )

سەھرادا بىر كىچىك كەنىت ، باغلىرى كۆركەم ،
قۇياش تۆككەن نۇرلىرىنى ئاڭا ئايىماي .
ھايات قايناق ، باسقاچ باھار باغرىغا مەھكەم ،
گۈل ئىشقىدا تۇرالامدۇ بۇلبۇل سايرىماي .
گۈل - چېچەكلەر تارقىتىدۇ جەننەت ھىدىنى ،
جانغا ھۇزۇر بەخىش ئىتەر رەڭدار جۇلاسى .
قىز - جۇۋانلار تىرىشىدۇ باغدىن بېدىنى ،
شوخ كۈلكىگە تەڭكەش بولدى كاككۇك ناۋاسى .
چوپان بالا چىقتى سەھەر قۇيىنى ھەيدەپ ،
« - قوش - ھۇش ! » بىلەن ، ئاڭا ئىتى ماڭدى ئەگىشىپ .
توياقلاردىن ئۇچتى تۇزان ھاۋادا لەيلەپ ،
كەڭ دالاغا چاپتى قويلار تىنماي سەكرىشىپ .
بوۋىسىغا قىلدى نەۋرە پۈشتەك غەلۋىسى ،
چاشقانقۇلاق سۆگەتلەرگە تارتىپ پىشىدىن .
قىز ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى قويغان ئوسمىسى ،
ھەركىم ھەريان شاتلىق ئىزدەر قىلغان ئىشىدىن .
     كۆلدى ئەسلەپ بوۋاي - موماي بالىلىقىنى ،
     ئۇنتۇپ تامام ئۆتكەن ئۆمۈر چالىلىقىنى .

تامام.

بۇ سونىت ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە ھەمبەھىرلىنىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-25 14:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ دىماقلىرىغا باھار پەسلى گۇل گىياھلىرىنىڭ پۇرىقى كىلىدىكەن. ياخشى يېزىپسىز

باھا سۆز

رەخمەت سىزگە.  ۋاقتى: 2014-3-25 20:14
ۋاقتى: 2014-3-25 20:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سونىت دىگەن ئۇيغۇر شىئرىيتىدىكى قايسى خىل شىئىرلارغا يېقىن كىلىدۇ؟ مەن مۇشۇ خىل شىئىرلارنى تازا چۈشۈنىپ كىتەلمىدىم؟

باھا سۆز

ئەمما بەزىدە سونىت 18 مىسرامۇ يىزىلىدۇ.  ۋاقتى: 2014-3-25 20:44
سونت ئاتالغۇسى 14 مىسرالىق شىئىرغا قارىتىلغان ئاتالغۇ ئىكەن،  ۋاقتى: 2014-3-25 20:43

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-22 12:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش