روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2676|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قاملاشمىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قاملاشمىغان نۇتقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كۈچلۈك كوماندىغا قارايدىغان بولساق، يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن تەكلىپ قىلىنغان چولپانلارنىڭ كۆپلۈكىنى بايقايمىز. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئورۇن ئۈچۈن ئىقتىدارلىقلارنىڭ بولماسلىقى ياكى بار بولغان ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئەتىۋارلانماسلىقى ئاخىرقى ھىساپتا شۇ ئورۇننىڭ ھالاكىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەكتەپتىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكلا گۇمانلىنىدىكەن. ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىلا غەزىپى ئۆرلەيدىكەن. پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى باشقا مەكتەپكە يۆتكىۋىتىش توغرىسىدا دوكلات سۇنۇدىكەن. ئۇ ئىنتايىن گۇمانخور بولۇپ، «بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى - مېنىڭ مۇدىرلىق ئورنۇمنى تارتىۋىلىش ئۈچۈندۇر » دەپلا چۈشۈنىدىكەن. ئۇ بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:
% U! y$ J& P4 E. B" w: L4 z2 `«مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، مۇدىر دېمەك ، سەن نەرسىلەرنىڭ باشلىقى دېگەن گەپ، باشلىق دېگەن نېمە ئىش قىلىدۇ؟ سەن نەرسىلەرنى باشقۇرىدۇ، تەنقىدلەيدۇ، گەپ ئاڭلىمىساڭ پۇلۇڭنى تۇتىدۇ، مەسىلە سادىر قىلساڭ خىزمەتتىن ھەيدەيدۇ. يېقىندىن بۇيان بەزىلىرىڭ مېنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ خاقانى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قېلىشتىڭ، ھە دېسىلا دەرس ئۆتۈش ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئاشۇ قاپاقباش  ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن بولۇشۇپ كەتتىڭ. مەن خالىسام بىرەرسىڭنى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىرالايمەن. خالىسام كۆزۈمگە سىغمىغانلىرىڭنى بىرەر جىنايەت چاپلاپ تۈرمىگە سولاتقۇزىۋىتەلەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە مېنىڭ دېگىنىم قانۇندۇر.  تۈنۈگۈن ئىدارىدە ئېچىلغان يىغىندا «مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم» دېيىلدى. سەن نەرسىلەر مۇقىملىق دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنەمسەن!؟  «مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم » دېگەنلىك ، ئوقۇتۇش، تاپشۇرۇق ئانچە مۇھىم ئەمەس دېگەنلىك بولماي نېمە ؟  ماڭا تىنىمسىز دەرس ئۆتىدىغان ،تىنىمسىز تاپشۇرۇق تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئەمەس، تىنىمسىز تازىلىقنى ياخشى قىلىدىغان، مۇقىملىق ئارخىپىنى ياخشى ئىشلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ مەسىلە تېپىپ چىقالايدىغان، سىياسىي دوكلاتنى قاملاشتۇرۇپ يازالايدىغان ئوقۇتقۇچى كېرەك! يەنە بەزىلىرىڭ بۇ كىچىك تازلارغا رەسىم سىزىشنى ،ماقالە يېزىشنى ،موللاق ئېتىشنى ئۆگىتىۋىتىپسەن. ئەگەر ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە قالايمىقان ھەركەتلەرگە قاتناشسا، ئەكسىيەتچىل رەسىم سىزىپ قويسا، ئىناقسىزلىق تېرىيدىغان ماقالە يېزىپ قويسا...كىم جاۋاپكار بولىدۇ ؟ ئەلۋەتتە، مەن جاۋاپكار بولىمەن. بۇ خىلۋەت يېزىدىن ئالىي مەكتەپكە بارىدىغانلار چىقمىسا نېمە بوپتۇ؟!  مەنمۇ مۇشۇ يېزىدا تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپ سەنلەرگە باشلىق بولالىدىمغۇ؟ ئادەم قانچە كۆپ نەرسىنى بىلگەنسىرى «پىكىرچى» بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ بالىلارغا ئارتۇقچە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتىمىز دەپ ئاۋارە بولۇشما؟!  ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ،ئۇ يەردە «دورا ياساشنى ئۆگىنىۋالسا...» كەلگۈسىدە يېزىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئاپەت ئەمەسمۇ؟!  ئەگەر شۇنداق بوپ قالسا بېرىلىپ دەرس ئۆتكەنلىرىڭ «تارىخنىڭ جىنايەتكارلىرى بولۇشىسەن، تارىخنىڭ لەنەت تۈ ۋرۈگىگە باغلىنىسەن». بۇ سۆزۈمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتۇش. سەنلەر 100 ئوقۇغۇچىنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ماڭدۇرساڭمۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر، بىراق، بىرەر ئوقۇغۇچۇڭ «مەسىلە سادىر قىلىدىكەن» قاتتىق جازالىنىسەن. سەنلەر قانداق دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟!..........2 F$ f! o5 d: G$ W- a& v' j3 iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
=========================================================================
9 m. [3 \3 Z$ v2 [/ y6 @ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىغا بېسىلغان «رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانلار ۋە كەمەك ھەييارنىڭ يېڭى ھىيلىسى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-6 00:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف !!!!!
" [: N, B( f& V* R% U% _- r8 {* Eمۇشۇنداق مۇدىرلارنىڭ باشقۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىغايسەن ئىلاھىم !!!
ۋاقتى: 2014-3-6 09:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرزات发表于2014-03-06 00:44:13 " z* ~8 q) U7 Z! U) z' x/ Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇف !!!!!
& n  y; c( ]! B$ s; U8 N; Pمۇشۇنداق مۇدىرلارنىڭ باشقۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىغايسەن ئىلاھىم !!!
مېنىڭچە ھازىر بۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى قالمىدى ھەم تېمىدا دېيىلگىنىدەك ھوقۇقلارمۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىغا بېرىلمەيدۇ." b6 t; g1 v# c# Q* s( {. Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-3-6 13:19:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانلار "ئاجايىپ ئوخشىتىش ئىكەن.ھىكمەت خاتىرەمگە يىزىۋالدىم.
ۋاقتى: 2014-3-6 13:33:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر چاغلاردا مەلۇم بىر يىغىندا يوقۇردا ئېيتىلغان نوتۇق مەزمۇنىدىكى بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن (ئەلۋەتتە ئۇ ئون يىللار ئىلگىرىكى گەپ).) V& q2 g+ P( g) vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئادىل ئاتامان ئېيتقاندەك، گەرچە ھازىر ئۇنداق مەكتەپ مۇدىرلىرى قالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكى يىللاردا مۇشۇنداق قالايمىقان سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ "مۇدىرلىق" ھوقۇقىنى پەش قىلىدىغان سامان قۇرساقلار كۆرۈلگەن. (يوقۇرقى مەزمۇندا بەزى جەھەتلەردە قىسمەن ئاشۇرۋېتىلگەن، كىنايە قىلىنغان سۆز- ئىبارىلەر مەۋجۇت) مائارىپنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ئەۋلادلارنى ئىلىم- پەن بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي يۈنۈلۈشىدىن چەتنەپ كەتكەن ئەھۋاللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ھازىرمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىنىمگە ئاساسلانغاندا مائارىپ ساھەسىدە ھېلىھەم بىرقىسىم سىياسىي خىزمەتنى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىۋالىدىغان ئەھۋاللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. گەرچە ھازىر مەركىزى كومىتېتتىن تارتىپ تۆۋەنگىچە مۇقىملىق، بىخەتەرلىك تەكىتلىنىۋاتقان، مۇقىملىق- بىخەتەرلىك ھەممە ئىشلارنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىگە ھەممە قايىل (مەنمۇ ئەلۋەتتە قايىل) بولساقمۇ، بىراق بەزىبىر ئىشلاردا يەنىلا چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئويلاپ باقايلى، مائارىپتا ئوقۇ- ئوقۇتۇش بولمىسا قانداق بولىدۇ، ئەشۇ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتى كۈندىلىك خىزمەتلەرنىڭ 2- سى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا مائارىپنىڭ ئاساسىي يۈنۈلۈشى چەتنەپ كەتمەمدۇ؟ ماقۇل، مۇقىملىق، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت سىياسىي خىزمەتمۇ تەكىتلەنسۇن، ئەمما ئۇ چوقۇم مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى، مائارىپ ساھەسىنىڭ شارائىتىغا ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. مائارىپ ساھەسىنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسى بىلەن مۇتلەق ئوخشىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. مەركەزدىكى دانا رەھبەرلەرمۇ "ھەرقايسى جايلار ئۆز شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈشى كېرەك" دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. مۇشۇ كۆرسەتمىنى مائارىپ ساھەسىدە نېمىشقا قوللىنىشقا بولمايدىكەن؟ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى مەن تۇرۇشلۇق جايدىكى بىر مەكتەپكە مەلۇم سەۋەب بىلەن باردىم، مەكتەپتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 50 مىڭ خەتلىك خاتىرە يېزىشتىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپە چۈشۈپ، زار- زار قاقشاپ ئولتۇرۇپتۇ. (ئەلۋەتتە مەن بۇنداق ئىشلارنى تولا ئاڭلاپ، تولا كۆرۈپ كەتكەن). ھەي ئىسىت بىچارە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، ھەي ئىسىت شۇ ئورۇنسىز ئۇپراپ كەتكەن زېھىن!' h5 T) S& f' V% @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بولدىلا، مەن بۇ يەردە ئارتۇقچە قايناپ ئولتۇرغۇممۇ يوق، سەۋەبى ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئەمما مەيلى كىم بولسۇن، مەن شۇنداق قاراشتىمەنكى: ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىرقىسىم سەۋەبلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ھەرخىل باھانە- سەۋەب كۆرسىتىپ ئىگىلىۋېلىش- ئاخىرقى ھېسابتا تارىخ ئالدىدا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەرنى- سەۋەنلىكلەرنى ئۆزىگە بوغچا قىلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا مەيلى سىز كىم، قايسى باشلىق بولۇڭ، ئاقىلانە بولۇپ، مائارىپنىڭ تۈپكى مەقسىدى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكىڭىز كېرەك.
ۋاقتى: 2014-3-8 09:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز دوستۇم ،بىزنىڭ مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلىرىمىزدا يۇقىرىقى مەكتەپ مۇدىرىغا ئوخشاشلا بولغانلىقى ئۈچۈن ،پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز مائارىپ قا كۆپلەپ مەبلەغ سالسىمۇ مائارىپنىڭ سۈپىتى ئۆسمەكتە يوق تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-3-8 09:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز دوستۇم ،بىزنىڭ مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلىرىمىزدا يۇقىرىقى مەكتەپ مۇدىرىغا ئوخشاشلا بولغانلىقى ئۈچۈن ،پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز مائارىپ قا كۆپلەپ مەبلەغ سالسىمۇ مائارىپنىڭ سۈپىتى ئۆسمەكتە يوق تۆۋەنلەۋاتىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-21 04:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش