روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شىئېر] بىر يىگىتكە نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەشتاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 16:08  

بىر يىگىتكە نەسىھەت
(يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن –ئابدۇسەمەت داۋۇت)

يازاي دىگەنتۇق ئەسلىدە،
سىنىڭ ئېنىق نامىڭنى.
ساقلاي دىدۇق يەنىلام،
سىنىڭ شەرەپ-شانىڭنى.

ساتىرامۇ ئەمەس بۇ،
كۆپتۈرمىدۇق ھىچ ئىشنى.
نەسىھەتلام سەن ئۈچۈن،
تۈزتىۋالغىن قىلمىشنى.

بىلمەيدىغۇ دىمىگىن،
قىلمىشىمنى زادىلام.
ساقلاپ قويدۇق ئاپراتتا،
ئېنىق بارغۇ كادىلام.

بۇنى كۆرگەن يالغۇزلا،
بۇ دۇنيادا بىز ئەمەس.
ئاسماندا بار كامىرا،
كۆرمەك ئۇنچە تەس ئەمەس.

نەسىھىتىمىز مۇنداققۇ،
بىر-بىرلەپ ئاڭلاپ قوي.
تۈزىتەمسەن قىنى بىر،
سەن ئۆزەڭنى چاغلاپ قوي.

گاڭدا تۇرغان كېچىدە،
چارلاپ بارساق بۇلۇڭغا،
ئالداپسەنغۇ بىراۋنى،
ئوتتۇز كويلام پۇلۇڭغا.

بۇنى كۆرۈپ بىز دەرھال،
تۇرۇپلا قىتىپ قالدۇق.
ئاپراتتا سۈرەت تارتىپ،
دەرھاللا كىتىپ قالدۇق.

ھەپتە ئۆتۈپ بىر كۈنى،
سىرداش دوستۇڭ بولساق-دەپ ،
چاقىرغانتۇق دوستلۇققا،
نەسىھەتلەر قىلساق-دەپ.
لىكىن سەنمۇ ئۇنمىدىڭ،
ئىشىم بارغۇ مىنىڭ دەپ،
غودۇڭشىدىڭ بىرھازا،
ئىچىڭ تارغۇ سىنىڭ دەپ.

ئېچىمىزمۇ تار بولسا،
تەپمەسمىدۇق كۆتۈڭگە.
ئېچىشتۇرۇپ تازا بىر،
تاش چۈشكەندەك ئۆتۈڭگە.

قورساقنىمۇ كەڭ تۇتتۇق،
بىلىۋالغىن ئۆزۈڭنى.
ناشاياندىن قاچ ئەمدى،
يوغان ئېچىپ كۆزۈڭنى.

يەنە قايتا دەيلى بىز،
ئۆزۈڭنى بىر تۇتىۋال.
ۋەزىيەتمۇ بەك جىددىي،
تىنىچ-ئامان كىتىۋال.

دىمەي دىسەك ئۆزۈڭچە،
دىيەلمەيدۇ دىمىگىن.
چۆچەك قىلىپ دەپ قويلى،
بۇنداق پوقنى يىمىگىن.

يىگىت بولساڭ تۈزۈك بول،
زەم-زەم سۈيدەك سۈزۈك بول.
يول ماڭساڭ چوڭ يولدا ماڭ،
شەك-شۈبھىسىز يىگىت بول.

شۇ كۈنىسى كىچىدە،
سىنى كۆردۇق دالدىدا.
قىلمىشلىرىڭ ناشايان،
ئۇراي دىدۇق چالمىدا.

تازا ئويلاپ بىر ھازا،
ئاسراپ قالدۇق ئۆزلەنى،
تۈزەتسىكەن چوقۇم دەپ،
يۇمۇۋالدۇق كۆزلەرنى.
تۈزەتمىسەڭ ناۋادا،
ئاخىر قالسەن داۋادا،
قىلمىشلىرىڭ پاش بولۇپ،
پۇراپ كىتەر ھاۋادا.

شۇنداق كۈنگە قالساڭ سەن،
كۈن ئالمىقىڭ تەس بولار.
بۇنى ئويلا بۇرادەر،
ئىناۋىتىڭ خەس بولار.

ئاڭلىمىساڭ نەسىھەت،
مىڭىۋەرگىن يولۇڭنى
پاكىت بىلەن پاش قىلىپ،
سىسىتىمىز ئۇلۇڭنى.

تانالمايسەن ئۇ چاغدا،
پاكىتلىرمىز بەك ئېنىق.
نەخمەيداندىن تارتىلغان،
سۈرىتىڭمۇ بەك قېنىق.

قورقاق سالدىڭ دىمىگىن،
نىجىس پوقنى يىمىگىن،
دەل ۋاختىدا تۈزەتكىن،
سەنمۇ خەقكە دىمىگىن.

بىزمۇ سىنى كۆرمىدۇق،
ئۇرمىز دەپ يەڭ تۈرمىدۇق.
تۈزىتىۋال ئەي يىگىت،
چۆچەك قىلىپ يۈرمىدۇق.

2014-يىل 5-مارت
(2000-يىللاردىكى ئەسلىمىلەر)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-6 01:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-3-6 12:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز مەن بەك ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2014-3-6 17:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن....
ۋاقتى: 2014-3-7 11:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 08:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش