روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4120|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

رەھبەر، سىزمۇ ئارام ئېلىڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ: _& M8 Y6 c# }- q7 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ G9 I% u9 m9 P+ e
رەھبەر، سىزمۇ ئارام ئېلىڭ!3 I& k, d( M% f6 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& M' N% r* }$ `3 W5 N4 |2 z0 r9 Z(فېليەتون)

$ o/ J$ m% J6 U- `: ~
& F  m. M' N# k, l1 P0 k1 d- _7 Y6 ?5 cھۆرمەتلىك رەھبەر: سىز ئاۋام ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان بىر ياخشى رەھبەر. سىزنىڭچە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ۋاقتىمۇ،چېكىمۇ يوق. شۇڭىمۇ، ھېيت –بايرام، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بولامدۇ، ھەتتا كېچىنى كېچە دېمەي، نۇرغۇن جاپالارنى چېكىپ ئامما ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتىسىز. بۇنى پات-پات تېلېۋىزور، گېزىت-ژۇرناللاردىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزغا قول قويىدۇ، سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. سىزنىڭ بۇ روھىڭىزدىن ھەممەيلەن تىرىشىپ ئۆگىنىمىز. مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇلارنىڭ بىرى.+ y1 z4 B+ P) J; a- j$ }7 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز قاچانلا قارىسا شەنبە، يەكشەنبە، بايرام- تەتىللەردە خىزمەت تەكشۈرۈش بىلەن يۇرتىمىزغا كېلىسىز. مۇشۇ كېلىشىڭىز مېنى قەۋەتلا خۇشال قىلىدۇ. ھەممە ئادەم باھالاش، تەكشۈرۈشلەردىن جاق تويۇۋاتسا، ساڭا نېمە پايدىسى بار دەمسىزا؟ ھەي...ھەي...بۇ گېپىڭىز تاز قاملاشمىدى جۇمۇ!  بەك ئاڭلىغۇڭىز بولسا، مانا، ئاڭلاپ تۇرۇڭ ئەمىسە!% @* N' @: e0 k! ?# S1 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىزنىڭ كېلىدىغانلىق خەۋىرىڭىز ئاڭلىنىشى بىلەنلا،  سىزنىڭ ئاشۇ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان گۈلدەك چېھرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ، ئىشخانىلاردا ئاي ئايلاپ دۆۋىلىشىپ تۇرىدىغان دەپتەر- قەغەزلەرنىڭ توپىسىنى بىر قۇر قېقىشتۇرۇپ، چاشقان يېگەنلىرىنى بىر يانغا ئايرىپ تاغارغا قاچىلاپ ساقلاپ قويىمەن، قىشىچە مەشكە ئوبدانلا تۇتۇرۇق بولىدۇ! قالغان ئارخىپ دېگەنلەرمۇ ئېشەك ھارۋىسىدا بىر ھارۋا كېلەر، ئۇنى دەرھال ئامبارغا ئەكىرىپ قويسام ئىش پۈتىدۇ. سىز كەتكەندە قەغەزچىگە جىڭلاپ ساتسام پۇل. ياكى لازىچىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەممۇ، قىشىچە ئۆيگە لازا ئالغىلى سالمايدۇ دېگەن گەپ!
- D& a' A; H2 M. ?- K1 [2 z& f! W7 mئاندىن يېڭى قەغەزلەرنى سان-سىفىر، پىلان- دوكلاتلار بىلەن ئالا قويماي بوياشقا چۈشۈپ كېتىمەن. نېمە؟ ئىككى- ئۈچ كۈندە بىرەر يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئارخىپلىرىنى تەييارلاپ بولغىلى بولىدۇ دەمسىزا؟ ھا...ھا...ھا...تولىمۇ ھاماقەت ئىكەنسىز. قەيىرىڭىز ئۈرۈمچىدەك زامانىۋىي كاتتا شەھەردە چوڭ بولغان باشلىققا ئوخشايدۇ سىزنىڭ؟ ئىشنىڭ يولى دېگەن ئاسان:  ھازىر دېگەن تور، ئۇچۇر دەۋرى. پىلان، خۇلاسە، جەدۋەل دېگەنلەر توردا ساماندەك تۇرۇپتۇ. كومپىيۇتېرىمدىمۇ ئۆتكەن يىلنىڭ بىرمۇنچە ماتېرىياللىرى ساقلاغلىق! شۇلارنىڭ قاش - قاپاقلىرىغا ئازراقلا گىرىم قىلسام ئىش پۈتتى دېگەن گەپ! ئاندىن تور باغلاپ كەتكەن جاۋەن-ئىشكاپلارنى بىر قۇر تازىلايمەن-دە، ئاللىقاچان داتلىشىپ ئاچقۇچنى تونۇماس بولۇپ كەتكەن قۇلۇپنى قايرىپلا ئېچىپ، يىپيېڭى قاپلارغا قاچىلاپ، چىرايلىق تىزىپ قويىمەن! بەرىبىر سىلەردەك چوڭ يەردىن كەلگەنلەر دېگەن خەت ئوقۇشتەك ئۇششاق ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيسىلەر-دە! قالدىسىغا ئىشخانامدىكى ئاپپارات ئارقىلىق بىر نەچچە رەسىم تارتىپ، ياكى توردىن مۇناسىپ رەسىم چۈشۈرۈپ، يۇيغۇزۇپ، چۈشەندۈرۈش يېزىپ چاپلاپ قويساملا بولدى، بەرىبىر سىلەر بىزنى تونۇپ كەتمىگەندىكىن!0 Z) g! h  S" g7 g+ l, aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھە، يوللىرىڭلارغا ھەر كۈنى سۇ چاچامسىلەر دېدىڭىزما؟ نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن؟ قايسى سۇنى چاچىمىز؟ يۇرتىمىز ساپلا قۇملۇق تۇرسا! ئاشۇ سەھرالىق تومپايلار ئۈچۈن سۇنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەخمەقمۇ بىز؟ ئۇلار دېگەن كۈندە دېگۈدەك توپىغا مېلىنىپ يۈرىدىغان رەزگى بىر خەق، قەدرىنى بىلمەيدۇ... مۇنداق يارىشىقى دېگەننى سىلەردەك قەدرىنى بىلىدىغان كىشىلەرگە قىلىمىز. شۇڭىمۇ ماۋۇ سۇنىمۇ شەرىپىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر ئۆيدىن رەھبەر ئۆتىدىغان يولغا ئەللىك چېلەكتىن سۇ چاچىسەن دەپ يۈرۈپ چاچقۇزدۇق، ۋاي!... ھەر قېتىم سىزنى كېلىدىكەن دەپ، تىزىمىزغىچە توپا كېچىپ ماڭىدىغان يوللارنى سۇ چېچىپ پاكىزە تازىلاپ، مۇشۇنداق چىنىدەك قىلىۋېتىمىز. سىزنىڭ قاپقارا شىبلىتىڭىزنىڭ بىز قاتۇرۇپ قويغان يولدا توپا - چاڭ قونمىغانلىقىنى كۆرسەم خۇددى مېنىڭ شىبلىتىم ھېيت ۋاقتىدا پارقىراپلا تۇرغاندەك قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتىمەن! لېكىنزە، مۇشۇ دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى قالايمىقانلا بىر نېمە، بوياش تولىمۇ ئەپسىز! بولمىسا كۈز ۋاقتىدىمۇ يۇرتىمىزدا ياپيېشىل باھار پەسلىنى كۆرسىتەلىشىمىزدە گەپ يوق ئىدى!
7 d9 _# H5 y: r" dئۈندىمەي تۇرىسىزغۇ؟! توپا ئۆرلەپ تۇرغان چىرايىمىزغا قاراپ بىر قېتىم سۇس كۈلۈمسىرىسىڭىز ياكى مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىڭىزنى لىڭشىتىپلا قويسىڭىز، نەچچە كۈنلۈك، نەچچە يىللىق ھاردۇقىمىز پۇررىدە ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپ، قۇشتەكلا يەڭگىل بولۇپ كېتەرمىزمىكىن دەيمەن! بەزىدە سىزنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىڭىزنى ئۇقالماي، بىرەر قېتىم بولسىمۇ يىراقتىن كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمىز!  h0 q1 s' F! sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ساڭا شەخسىي پايدام يوقمۇ دەمسىز؟ بار..بار..ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ پايدىسى بار! جانابىي رەھبەر ئۆتكەن يىلى كەلگەندىمۇ ئاجايىپ بىر پايدا بولغان! نېمە پايدا دېدىڭىزما؟ ھە، ھە... بۇ چوڭ پايدىمۇ ئەمەس. شۇ كۈنى ئانامنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەيدىغان كۈنى مەن باھالاش بىلەن ئۆيگە كىرەلمەي، ئانامنىڭ داۋالىنىشىغا بېرىشقا ئاتاپ ئېلىپ قويغان بەش مىڭ كوي پۇلنى ۋاقتىدا بېرەلمەي، ۋىلايەتكە ماشىنىدا يۆتكەپ بولغۇچە رەھمەتلىك ئانام يول ئۈستىدىلا قازا قىلدى دېسە... بولمىسا شۇ پۇل ئانامنىڭ يانچۇقىدا قالغان بولسا، باشقا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىم بىلەن بۆلۈشەلمەي نېمە ئاۋارىچىلىق تارتاتتىمكىن تاڭ؟! سىز مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن بىلەن مەن ئاشۇ بەش مىڭ كوينى جۇغلاپ بولغۇچە، باشلىقىمدىن يۈز قېتىم دەشنام، مىڭ قېتىم تىل- ھاقارەت ئىشىتمىسەم ھېساب ئەمەس! نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ ھالال قان- تەرىم ئەمەسمۇ! ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئىدارە يىل ئاخىرىدا ئۇ سەۋەب، بۇ سەۋەب بىلەن تۇتۇپ قالىدىغان پۇللارنىمۇ بەزىدە سىزنىڭ باھانىڭىز بىلەن بېرىپ قالىدۇ. بولمىسا، ئىدارىدە پۇلنى دېمىسە كىمنىڭ ئىشلىگۈسى كېلىدۇ دەيسىز؟!سىزنى كەلمىسۇن دېگەنلەرگە تاس قالىمەن نەشتەر بولۇپ سانچىلىپلا كەتكىلى!+ h9 W  K" W+ e$ D$ ?4 z; ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يەنە باشقا پايدام يوقمۇ دەمسىزا؟ بار...بار...سىز كەلسىڭىز ماڭا يەنىلا ئوبدان پايدا بار. توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراقلارغا بارىمەن دەپ يۈرۈپ، بىر مۇنچە چىقىم قىلىدىغان ئادەمگەرچىلىك پۇللىرى يانچۇقۇمدا قالىدۇ ئەمەسمۇ؟! يەنە تېخى بۇ يەكشەنبە چوڭ ئوغلۇمنى باغچىدا ئوينىتىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ قويغان. سىز كېلىپلا باغچىغا بارمايدىغان بولدۇم. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار دەمسىز؟ شۇنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز، تۇرقىڭىزدىن قارىسا بالىسى يوق بويتاقتەكقۇ تۇرمايسىز... ئۈرۈمچىدە باغچا ھەقسىز بولغان بىلەن بۇ يەر دېگەن دوپپامدەك كىچىك بىر ناھىيە، ئېرىقتىكى قومچاق چېغىدا ئىگىسى بار! ھېچبولمىسا ئويۇنچۇقلارغا تۆلەيدىغان پۇللىرىم يانچۇقۇمدا قالىدۇ...يەنە تېخى ئوغلۇمنىڭ بازاردا ئۇچرىغانلا نەرسىنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان يامان ئادىتىمۇ بار... شۇلارنى ئېلىپ بېرىشكە كېتىدىغان پۇلۇم تېجىلىپ قالىدۇ-دە!! `& E3 s7 @; b* L( @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نېمە؟ سېنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىڭ يوق دەمسىز؟ نېمىسىنى دەيسىز: ئىشلىرىمغۇ بىر بىرىدىن جىق ئىدى. ئەمما، سىز كېلىدىغان تۇرسىڭىز قانداقمۇ سىزنى تاشلاپ باشقا ئىشقا قولۇم بارسۇن؟! يېزىدىكى دادامنى كېلەر ھەپتىلەرگىچە بېرىپ يوقلاپ كەلسەممۇ بولىدۇ. ئانامنىڭ يىل نەزىرى دېگەننى ئۆيدىكىلەر جامائەتنىڭ ھە ھۇسى بىلەن قىلىپ تۈگىتىۋېتەلەيدۇ، مەن بىر ئادەم بولمىغانغا ھېچنېمە بولماس! ئاغرىپ بالنىسىتتا يېتىپ قالغان كىچىك ئوغلۇمغا چوڭ ئاچام دېھقان بولغاندىكىن بىر نەچچە كۈن قاراپ تۇرسا تۇرار!
' @/ ?% l& C& d( B, pئەمما، ئەمما، ھۆرمەتلىك رەھبەر! مەن بىر ئىشقا تولمىۇ ھەيران قالدىم: مەنغۇ قىلىدىغان ئىشلىرىم تولا بولسىمۇ، سىزنى كېلىدىكەن دەپ، ھەممە ئىشىمنى قويىمەن. ئەمما، سىزنىڭ شەنبە- يەكشەنبە، بايرام كۈنلىرىڭىزدە باشقا پىلانلاپ قويغان ئىشلىرىڭىزمۇ يوقمىدۇ دەيمەن؟ ئارام كۈنلىرى دېگەندە بالىلىرىڭىزنى ئوينىتىشقا، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل-ئاغىينىلىرىڭىزنى يوقلاشقىمۇ چولىسى تەگمەمدىكىن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە... شۇڭىمۇ سىزگە بەزىدە  بەك ئىچىم ئاغرىپمۇ قالىدۇ...ياكى ياش، قاملاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىلىڭىز كاتتا بولغاندىكىن، خوتۇن ئالماي، نەمۇ نە باھالاش دەپ قويۇپ قىز قۇشلاپ يۈرەمسىز يا؟ ھا...ھا... چاخچاق قىلىپ قويدۇم..كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ھە! 6 \1 x8 ~) e3 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
لېكىن، بىر مەسئۇلىيەتچان ئامما بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر ئەندىشەمنى سىزگە ئېيتمىسام زادى بولمايدۇ. بولمىسا سىزگە قانداقمۇ كۆڭۈل بۆلگەن، مەسئۇل بولغان بولىمەن؟2 R3 V) o$ h( }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنى مېنىڭلا ئەمەس،  بارلىق ئاممىنىڭ سىزگە بولغان كۈچلۈك  مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
; C% p4 ?+ v, B9 }3 S( u" mھۆرمەتلىك رەھبەر: سىز ياش ھەم تولىمۇ سالاپەتلىك ھەم سېمىز ئىكەنسىز. شۇڭا بىر تەۋسىيەم شۇكى: يېقىدىن بىرى تولا خەۋەر كۆرۈپ، سىزنىڭ يەرلىك تاماقلارغا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقىدىم. ئەڭ ياخشىسى گۆش، تۇخۇم دېگەندەك  يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك تاماقلارنى ئاز يەڭ. بولمىسا ئاسانلا قېنىڭىزغا ماي ئۆتۈشۈپ كېتىشى، يەنە خەلق ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز خىزمەت قىلىشىڭىز ۋە تۆھپە قۇشۇشىڭىزغا دەخلى يېتىشى تۇرغانلا گەپ. ھاراق - تاماكا دېگەننىڭ زىيىنىنى سىزگە چۈشەندۈرمىسەممۇ ئۆزىڭىز چۈشىنىسىز. ئاندىن شەنبە - يەكشەنبە، ھېيت - بايراملاردىمۇ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە جەم بولۇپ قويۇڭ. ئائىلىنىڭ نەقەدەر ئىللىق ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا ھېس قىلىسىز. ھەر قېتىم ئاساسىي قاتلاملاردا شەنبە - يەكشەنبە، ھېيت - بايراملاردا  ئاراممۇ ئالماي، مۇنداق جاپالىق ئىشلەپ چارچاپ كېتىپ تاسادىپي سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، بىز ئامما بولغۇچىلار سىزگە ھەرگىزمۇ يۈز كېلەلمەيمىز. بىزغۇ سىز كېلىدىغان بولغاندىكىن  قانچىلىك ئىشلەپ چارچاپ كەتسەك بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. بىز دېگەن ئادەتتىكى ئادەم، چوڭ ئىشلارغا بىز ياراپ كەتمەيمىز. ئۆلسەكمۇ، ئاۋۇ قومۇش بېسىپ كەتكەن ئەسكى مازارلىققا ئاپىرىپلا كۆمۈۋېتىدۇ شۇ! بىراق، سىز قىلىدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان چوڭ- چوڭ خىزمەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ...ئۇ چاغدا قانچە پۇشايمان قىلساقمۇ چوقۇم ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز...
5 D1 h) G* l5 }/ l2 Wشۇڭا سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن دوستانە ئۆتۈنەي: سۆيۈملۈك رەھبەر! سىزمۇ ئارام ئېلىڭ! خەق سىزنى سىزنى ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان بىر خىزمەت تەلۋىسى ئىكەن دەپ قالمىسۇن!7 f8 H; j. H) f$ {! h6 `& w5 v& `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

8 l% M6 G/ q8 L; V9 C. P' Q) B* k" S) ^' uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› نىڭ 2-ئاي 14-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى
2 {- z& i3 n6 k  C& T3 A+ h
% S( [4 O. J4 W* h$ ?0 q
# \) S( {8 Y. `7 C/ G2 d  g; }$ {' _% `( Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ q0 u& k1 Q/ W3 T  Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

پەچەت فىليەتون ئىكەن ماۋۇ، روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغا بېرەيلى.
ۋاقتى: 2014-3-3 13:44:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقەپ بەلەن فىليۇتەن ئىكەنا دىمىسۇ ئارام ئېلىش كۈنى نىمە بار تەكشۈرۈش دەپ تۆۋەندىكىلەرنى قىيناپ
ۋاقتى: 2014-3-3 20:24:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 13:112 Q7 B4 e1 E# E4 A( `1 p( r* s3 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەچەت فىليەتون ئىكەن ماۋۇ، روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغ ...

: B' ~& M7 }! T2 H5 z& m0 Sئاتامان روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغا كومپيۇتېر تورىدىكى يازمىلارنى قانداق چىقىرىمىز؟چۈشەنچە بەرسىڭىز.

باھا سۆز

ئەڭ ئاددى ئۇسۇل: خالىغان بىر دوستىڭىزغا ياكى روھلانداشلار ئۈندىدار توپىغا روھلاننىڭ تور ئادرىسىنى يوللاڭ، ئ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-3-3 20:30
ۋاقتى: 2014-3-3 20:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkinjuma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 20:24/ d$ E8 z5 k- P1 [8 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتامان روھلاننىڭ ئۈندىدار سالونىغا كومپيۇتېر تورىد ...

! i2 T! P& a( N* N3 E  uئەڭ ئاددى ئۇسۇل:: ~* k$ P" B  [  l2 q0 `% {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خالىغان بىر دوستىڭىزغا ياكى روھلانداشلار ئۈندىدار توپىغا روھلاننىڭ تور ئادرىسىنى يوللاڭ، ئاندىن شۇ ئادرىسنى چەكسىڭىز مۇنبەر ئېچىلىدۇ، ئكزىڭىز يولىماقچى بولغان تېمىنى ئېچىپلا ھەمبەھىرلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ھەمبەھىرلىسىڭىز بولىدۇ.
ۋاقتى: 2014-3-3 21:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئەسەركەن بۇ، رەھمەت
ۋاقتى: 2014-3-4 12:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ياقتۇرۇپ  ئۇقىدىم  رەخمەت
ۋاقتى: 2014-3-5 11:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتنى يېزىپتۇ.......      {:6_276:}      رەھمەت . ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.
ۋاقتى: 2014-3-5 12:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھبەر بۇنى چۈشەنمەسمىكىن،بەزى رەھبەرلەردە بۇنى چۈشەنگىدەك كاللا يوق.
ۋاقتى: 2014-3-5 14:58:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 17:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش