روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

زەمزەم كەبىي تامچاڭلار بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-5 18:14  & K# I8 F; j2 I+ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ E8 E+ u0 S, p) {4 A6 m    مەنكى، يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ بازىرى سۆگەتئېرىق كەنتىدىن دېھقان روزى ئابدۇقادىر  تولىمۇ ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ بۇ تەشەببۇسنامىنى چىقاردىم،
% f' ~; o: W) f# g# [0 ~/ Y2 Q2 A8 E    ئوغلۇم مۇھەممەتجان روزى 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 19-كۈنى ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىل يەنى 2016-يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى، 1 ياشقا توشقىلى 2 كۈن قالغان چاغدا،  سالامەتلىكى ياخشى بولماي يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈتكەندە، بالىمىزغا  ئۆپكە تۇبىركىليۇز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى دەپ دىئاگنۇز قويدى ھەمدە بالىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1- دوختۇرخانىسىغا جىددىي يۆتكەشنى ئېيتتى. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىمۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى دىئاگنۇزنىڭ توغرىلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىللە بالنىتسىدا يېتىپ داۋالاشنى باشلىدى. ئاتا - ئانام دېھقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە داداممۇ ئۆپكە تىبىركىليۇز كېسەللىكى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ قالغىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىمىز دادامنى داۋالىتىشقا سەرپ قىلىنىپ كەتكەچكە، ئائىلىمىزدىكى توققۇز جان كىشى 13 مو يەرگىلا قاراشلىق بولغاچقا، ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق.  ھازىرغا قەدەر دوختۇخانىغا 15000 يۈەن تۆلىگەن بولساقمۇ، بۇ پۇللار يېتىشمەي قالدى. كەنت كومىتېتى، كەنت سىكىرتارى، ئەتراپتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەرنى قىلىپ تۇردى. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىنى بېسىپ داۋالىغاندا  ساقىيىپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. بىراق، كېتەرلىك ئىقتىسادنى تەييارلاش ئۈچۈن بىز ھەقىقەتەنمۇ تەڭقىسلىق ۋە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. , y# A' i' L% Q" a. y. ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شۇڭا، ھەر بىر ياخشى نىيەتلىك ئەزىزلەرنىڭ پەرزەنتىمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنۇپ دەردىمگە دەرمان بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
% i( H, ]% Y& G+ j   ئالاقىلاشقۇچى: روزى ئابدۇقادىر   تېلىفۇن: 15199816883
, ]& f/ S8 M1 @- Y, uدوختۇرخانا ئادېرىسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1- دوختۇرخانىسى بالىلار 1-بۆلۈم 3- ياتاق 13-كارىۋات.; ^- _6 u* e5 s* b) h) V+ gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  يېزا -ئامانەت قەرز  كوپىراتىپ بانكىسى:
8 j" U3 [: v( |! q  6212 8720 3232 3977 / h- m; p7 V' d; a8 m" p4 Y! oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   سودا-سانائەت بانكىسى:
4 K7 h$ T2 G' ]5 I2 i; T, h% d0 y/ J6212  2630  1200  4433 860
  G$ }6 Y' V# L7 u (روزى ئابدۇقادىر)
3 w& m! G" H4 O1 ~% d8 ~+ R
& V; S! b# ^4 V! [, R: h, a  Z/ I) ?+ z" Y" p7 o$ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى.
& E$ S) ]' y( \3 R) I(بۇ مۇراجىئەتنامىنى خاتىرجەم ھالدا تور، مۇنبەر، ئۈندىدار،  چ چ توپى، ئۈندىدار توپى، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىۋېتىڭ. خەيرلىك ئىشتىن باشقىلار خەۋەرسىز قالمىسۇن! يوللىغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-5 20:17:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ قېرىندىشىم ... پەرزەنتىڭىزنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى تىلەيمەن ... ھەر بەندە بۇ دۇنياغا ئۆز رىسقى بىلەن ئاپىرىدە بولغان ... ياخشى نىيەتلەر چوقۇم ئەتراپىڭىزدا ۋە بارچە ئەزىلەر سىز ئۈچۈن قاراپ تۇرمايدۇ ... ئۈمۈدۋار بولۇڭ ...
ۋاقتى: 2016-3-5 22:47:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىننىڭياقى پۇل يامان يەرگە چۈشكەندە كېسەل كۆپىيىپ قالدى دىسە،ئاللاھ شىپالىق بېرە
ۋاقتى: 2016-3-6 19:12:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىزا مەكتەپ پىدايى ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ بىقىڭ ،،،   بىز مۇنبەردىكى ئازغىنە ئەزا ياردەم قىلدۇق دىگەن بىلەن پەقەت ۋاقىتلىقلا بولىدۇ خالاس ،،،، شۇڭا ئاشۇ ئاقكۆڭۈل پىدايى ئەترەتلىرىنى ئىزدەپ بىقىڭ ،،،،،،  يەنە بىرى كەنتىڭىزگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەنمۇ پىكىرلىشىڭ ،ئۇلار چوقۇم دەردىڭىزگە دەرمان بولىدۇ
ئاللا بالىڭىزغا شىپالىق بېرە ئاكا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 18:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت! مەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ جەمئىيەتنى ئىزدەپ تېپىپ بولغۇچە، دوختۇرخانا پۇل تۆلە! دەپ ئاۋارە قىپتۇ. شۇڭا، بۇ مۇراجىئەتنامىنى ۋاكالىتەن يوللاپ قويغانتىم. + _. H' R) R% I$ |$ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كەمىنە خالىسانە تەشۋىق قىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارغا 2000 يۈندەك ئىئانە يىغىپ ئەۋەتىپ بەردىم. يەنە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرى تېلېفۇنلىشىپ ياردەم قىلىپ يوقلاپتۇ. 10 يۈەننىمۇ، 50 يۈەننىمۇ، 100 يۈەننىمۇ، 500 يۈەننىمۇ ئىنتايىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدىم. يەكەندىكى تىل-ئەدەبىيات  چ چ توپىدىكى كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلار، پىشىۋا تورى چ چ توپىدىكى قەدىردان دوستلار ئاز كۆپ دېمەي ياردەم قىلدى. ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 06:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش