روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1035|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىر چىنە چۆچۈرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئېسىل كىيىنگەن بىر جۈپ ئەر-ئايال كىرىپ كەلدى. ئەر سەپەر سومكىسى ئېسىۋالغان بولۇپ، بۇلار قارىماققا، ساياھەتكە چىققان بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا ئوخشايتتى.          كۈتكۈچى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى سۇندى، ئەر تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ، ئايالغا تەڭلىدى-دە:          -سەن بۇيرۇت، نېمە يىگۈڭ بولسا شۇنى بۇيرۇتقىن،-دېدى . ئايال تىزىملىككە قاراپمۇ قويماستىن، كۈتكۈچىگە قاراپ:          -بىزگە چۆچۈرە ئەكىلىپ بېرىڭ،-دېدى.          كۈتكۈچى بىر ئاز گاڭگىراپ قالدى،بۇنداق ھەشەمەتلىك رېستۇراندا نەدىمۇ چۆچۈرە بولسۇن ، كۈتكۈچى ئۆزىنى خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ يا دەپ ئويلاپ، ئايالغا قارىۋېدى، ئايال سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئۇدۇل تەرەپتە ئولتۇرغان ئەر ئېغىز ئاچتى:          -نېمە چۆچۈرىكەن ئۇ ، باشقا تاماق بۇيرىتە ، يا بىز پۇلى يوق ئادەملەر بولمىساق؟          ئايال بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:          -مېنىڭ چۆچۈرە ئىچكۈم بار،-دېدى. ئەر خىجالەت بولغان ھالدا كۈتكۈچىگە :          -ھە بوپتۇ، ئىككى چىنە چۆچۈرە كەلتۈرۈڭ،-دېدى.          -ياق، بىر چىنە،-ئايال ئەرنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا سۆز قوشتى. ئەر تېخىمۇ ھاڭۋېقىپ قالدى. ئەرنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈشكە باشلىدى.          -سىز ماڭا ۋەدە بەرگەنغۇ، ساياھەت جەريانىدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب،-دېدى ئايال.          ئەر جىمىپ قالدى. كۈتكۈچى كۆڭلىدە:‹قارا ماۋۇ پىخسىق خوتۇننى، بۇنچە ھەشەمەتلىك رېستۇراندا چۆچۈرە بۇيرۇتقىنىنى دېمەيلا تۇراي، تېخى ئىككىسى بىر چىنە ئىچىدىكەن›دەپ ئويلىغىنىچە، مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئايالغا :          -كەچۈرۈڭ، بىزنىڭ بۇ يەردە چۆچۈرە يوق ، ئەگەر چۆچۈرە ئىچمەكچى بولسىڭىز، يول بويىدىكى ئاشپۇزۇلغا چۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ،-دېدى.          ئايال ناھايىتى تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: نېمىشقا چۆچۈرە يوق ، سىلەر چۆچۈرىنىڭ پۇلىنى ئاز كۆرۈپ ياراتمايۋاتامسىلەر؟،-دېدى.          ئايالنىڭ گېپىنى يىراقتىن ئاڭلاپ تۇرغان خوجايىن مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۈتكۈچىنى قول ئىشارىتى بىلەن چاقىردى.خوجايىنمۇ بۇ ئەر-ئايالغا قاراپ ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلدى، كىيىنىشىدىن قارىغاندا، تاماققا پۇلى يەتمىگۈدەكمۇ خەقلەر ئەمەسكەن، بەلكىم بىرە ئويى باردۇر. نېمىلا بولمىسۇن ، ئىشىك ئالدىغا كەلگەن خېرىدارنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئورنى-دە، دەپ ئويلاپ، بوش ئاۋازدا كۈتكۈچىگە پىچىرلىدى:          -پەسكە چۈشۈپ، سىرتتىكى ئاشخانىدىن بىر چىنە چۆچۈرە ئەكىرىڭ، ھېساۋات قىلىدىغاندا، چۆچۈرە قانچە پۇلغا كەلگەن بولسا، شۇ پۇلنىڭ بىر ھەسسىسىنى ئېلىڭ.          خوجايىن كۈتكۈچىگە تاپىلاپ بولۇپ،بۇ غەيرى ئەر-ئايالنى كۆزەتكەچ ئولتۇردى.          بىر ئازدىن كېيىن، كۈتكۈچى ھورى ئۆرلەپ تۇرغان قىزىق بىر چىنە چۆچۈرىنى ئايالنىڭ ئالدىغا قويدى:          -ئەمسە، ئاۋايلاپ ئىچىڭ.          چۆچۈرىنى كۆرۈپ ئايالنىڭ كۆزلىرى يېنىپ كەتتى، ئۇ يۈزىنى چۆچۈرىگە يېقىن ئەكىلىپ، چىقىۋاتقان ھورىنى قېنىپ بىر سۈمۈردى  ، ئاندىن قوشۇق بىلەن چۆچۈرىنى ئاستا ئارىلاشتۇردى، بىر ھازا قاراپ تۇرۇپمۇ يېيىشكە كۆزى قىيمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئايالغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئەتراپقا بىرەر قۇر سەپسالدى، خۇددى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ئەجەبلىنىپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى.          -ئەجەپ بىلمىدىم، زادى نېمە قىلىۋاتىسەن؟ شۇنچە يىراقتىن مۇشۇ بىر چىنە چۆچۈرىنى دەپ كەلگەنمىدىڭ؟،-دېدى ئەر ئاچچىقلانغان ھالدا.          ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ:          -مەن ياقتۇرىمەن ،-دېگىنىچە يەنە چۆچۈرىگە ئېڭىشتى. ئەر ئۈستەلدىكى تاماق تىزىملىكىنى قولىغا ئالغاچ:          -ھە بوپتۇ، ياخشى كۆرسەڭ ئىچىۋەر، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ياقتۇرغىنىنى بۇيرىتاي، بىر كۈن تاماق يېمەي مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاچتى،-دېگىنىچە قول ئىشارىسى بىلەن كۈتكۈچىنى چاقىرىپ يەتتە سەككىز خىل داڭلىق قورىمىلاردىن بۇيرۇتتى.          ئەر تامىقىنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايال كۈتكۈچىگە :          -ئاۋۋال سىز ئۇنىڭدىن پۇلى بار يوقلىقىنى سوراپ بېقىڭ،-دېدى. ئەر ئاچچىقلانغىنىدىن قىزىرىپ كەتتى :          -مېنىڭ پۇلۇم يوقمىكەن؟،-دېگىنىچە زەردە بىلەن قويۇن يانچۇقىغا قول سالدى،-مېنىڭ پورتمالىم؟،-ئەر شۇزامان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،يانچۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاقتۇردى، ھەتتا يانفۇنىنىڭمۇ يوقلىقىنى سەزدى. ئەر بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئالدىدىكى بۇ ئايالغا تەسلىم بولغان ھالەتتە ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلىدى.          ئايال ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن :          -بولدى ئەمدى بىھۇدە ئاۋارە بولماڭ، مەن ئاخشام پورتمال بىلەن يانفۇننى كۆلگە تاشلىۋەتكەن،-دېدى.          ئەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پارتلاپ كېتەيلا دېدى :          -سەن ساراڭ بوپسەن!          ئايال خۇددى ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغان قىياپەتتە، چۆچۈرىنى قوشۇق بىلەن ئاستا ئېلىشتۈرۈپ ئولتۇردى. ئەر تۇيۇقسىز بىر نېمە يادىغا يەتكەندەك، يېنىدىكى سەپەر سومكىسىنىڭ سېرتمىسىنى ئېچىپ قولىنى سالدى.          ئايال سوغۇققىنە ھالدا:          بولدى ئىزدىمەڭ، سىزنىڭ قول سائىتىڭىز، مېنىڭ ئۈزۈكۈم ھەم بىز سەپەرگە ئېلىپ چىققان پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن كۆلگە تاشلىۋەتتىم. ھازىر يېنىمدا بەش سوم پۇللا بار، مۇشۇ بىر چىنە چۆچۈرىنىڭ ھەققىنى تۆلەشكە يېتىدۇ،-دېدى.          ئەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئايالغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى:          -سەن راستىنلا ساراڭ بوپسەن، سەن راستىنلا ساراڭ بوپسەن، يېنىمىزدا پۇل بولمىسا، شۇنچە يىراققا قانداق قايتىپ كېتىمىز؟          ئايال يەنىلا شۇ ئېغىر-بېسىقلىقى بىلەن سۆزلىدى:          -سىز نېمىگە جىددىيلىشىسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئىككى پۇتىمىز بارغۇ، مېڭىپ كېتىمىز.          ئەر ‹ھىم!› دېگىنىچە جىمىپ قالدى. ئايال يەنە سۆزىنى باشلىدى :          -20 يىلنىڭ ئالدىدا ، يېنىمىزدا بىر تىيىن پۇلمۇ يوق، ئۆيگە ئوخشاشلا مېڭىپ كەتكەنتۇققۇ، ئۇ چاغدا تېخى ھاۋا ھازىرقىدىن سوغۇق ئىدى. ئەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئايالغا چەكچەيدى:          -نېمە ، سەن نېمە دەۋاتىسەن؟          -سىز راستىنلا ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟          ئەر ھاڭۋاققىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى. ئايال ئېغىر ئۇھ تارتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:          -قارىغاندا، نەچچە توك توك پۇل تېپىپلا، ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز. 20 يىلنىڭ ئالدىدا ، ئىككىمىز سودا قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلدۇق، ئويلىمىغان يەردىن، ئالدامچىغا ئۇچراپ بارلىق پۇللىرىمىز يوق بولدى. ھەتتا ئۆيگە قايتقۇدەكمۇ پۇلىمىز قالمىدى. بۇ يەردىن ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا، سىز ماڭا بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ بەرگەن. بىلىمەن، ئۇ چاغدا يېنىڭىزدا پەقەت 50 تىيىنلا پۇل بار ئىدى.          ئەر ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، چۆچۈپ ئەتراپقا قارىدى:          -بۇ... بۇ يەردە ...          -شۇنداق، بۇ يەر شۇ، مەن مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن. ئەينى يىللىرى بۇ يەر ھەم كىچىك ھەم كونا بىر چۆچۈرىخانا ئىدى.          ئەر ئۈندىمەستىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى. ئايال يېنىدا تۇرغان كۈتكۈچىگە قاراپ:          -قىزچاق، ماڭا بىر قۇرۇق چىنە ئەكىلىپ بەرسىڭىز،-دېدى.          كۈتكۈچى ناھايىتى تىزلىكتە چىنىنى ئەكەلدى . ئايال چۆچۈرىنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر چىنىگە يېرىمىنى تۆكتى-دە، ئەرنىڭ ئالدىغا ئاستا سۈرۈپ قويدى:          -ئىچىڭە، ئىچىپ بولۇپ بىللە مېڭىپ ئۆيگە كېتىمىز.          ئەر ئالدىدىكى يېرىم چىنە چۆچۈرىگە قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:          -قورسىقىم ئاچمىدى.          ئايالنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ كەتتى.          -20 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ سىز شۇنداق دېگەن،-ئايال سۆزىنى تۈگىتىپلا چۆچۈرىگە قاراپ، قوشۇقنىمۇ تۇتماستىن جىمجىتقىنا ئولتۇرۇپ كەتتى.          -نېمىشقا ئىچمەيسەن؟،-دېدى ئەر.          ئايال ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.          -20يىلنىڭ ئالدىدا، سىز مۇشۇنداق سورىغان، يادىمدا بار، شۇ چاغدا مەن سىزگە ئىچسەك تەڭ ئىچىمىز، ئىچمىسەك تەڭ ئىچمەيمىز دېگەن، ھازىرمۇ يەنىلا شۇ جاۋاب.          ئەر ئۈندىمەستىن قوشۇقنى قولىغا ئالدى. نېمىشقىكىن ئەرنىڭ قولى تىترەپ توختىمايتتى، تىترىگىنىدىن ئەمدىلا قوشۇققا ئالغان چۆچۈرىمۇ چۈشۈپ كەتتى، چۆچۈرىگە نەچچە قېتىم قوشۇق سېلىپ،ناھايىتى تەسلىكتە بىر چۆچۈرىنى قوشۇققا ئالدى-دە،ئاغزىغا سالدى، كۈچەپ يۈتتى. ئىككىنچى چۆچۈرىنى ئاغزىغا سېلىشى بىلەن تەڭلا، ئەرنىڭ ياشلىرى توختىماستىن تۆكۈلۈپ كەتتى. ئايال ئەرنىڭ يېگىنىنى كۆرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن قوشۇقنى ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى. چۆچۈرە ئەمدىلا ئاغزىغا كىرىشىگە ئايالنىڭ ياشلىرىمۇ چىنىگە ئېقىپ چۈشتى. بۇ بىر جۈپ ئەر ئايال مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۆلۈنگەن ئىككى چىنە چۆچۈرىنى ئىچىپ تۈگەتتى.          ئەر قوشۇقىنى قويۇپ، بوشقىنە ئاۋازدا ئايالدىن سورىدى:          -تويدىڭمۇ ؟          ئايال بېشىنى لىڭشىتتى. ئەر تۇيۇقسىز يادىغا بىر نەرسە يەتكەندەك جىددىيلىشىپ، ئېڭىشكىنىچە ئايىغىنى سالدى، پېتىكىنى چىقىرىپ قولىنى ئاياغنىڭ ئىچىگە تىقىۋېدى ، ئويلىمىغان يەردىن ئەرنىڭ قولىغا بەش سوم پۇل چىقتى. ئەر ھاڭۋاققىنىچە قولىدىكى پۇلغا قاراپ قېتىپ قالدى .          ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەرگە قارىدى :          -20 يىلنىڭ ئالدىدا، سىز 50 تىيىن پۇلۇملا بار دەپ مېنى ئالداپ،پەقەت بىر چىنىلا چۆچۈرە ئالغان. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ يەنە 50 تىيىن پۇلىڭىز بار ئىدى، ئۇنى دەل ئايىغىڭىزنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپتىكەنسىز. بىلىمەن، سىز ئۇ تىقىپ قويغان 50 تىيىن پۇلنى كېيىن مېنىڭ قورسىقىم يەنە ئاچقاندا چىقارماقچى بولغان. بۈگۈن چۆچۈرىنىڭ يېرىمىنى سىزگە زورلاپ ئىچۈرىۋەتسەم، قورسىقىمنىڭ تويمىغانلىقىنى بىلىپ، يەنە بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىش ئۈچۈن بۇ پۇلنى چىقاردىڭىز.ھەرھالدا، سىز ئۆزىڭىز قىلغان ئىشنى ئۇنتۇپ قالماپسىز، بۇ بەش سوم پۇلنى بىكارغا تىقىپ قويماپتىمەن!          ئەر پۇلنى كۈتكۈچىگە تەڭلەپ يەنە بىر چىنە چۆچۈرە ئەكىرىشنى بۇيرۇدى. كۈتكۈچى پۇلنى ئالماستىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى-دە، ھايالشىمايلا لىپمۇلىق بىر چىنە چۆچۈرىنى كۆتۈرۈپ كىردى.          ئەر ئايالنىڭ قاچىسىغا چۆچۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بۆلۈپ بەردى:          -ئىسسىقىدا ئىچكىن!          ئايال ئاشقا تەگمەستىن:          -ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، مېڭىپ ئۆيگە قايتايلى، مەندىن رەنجىمەڭ، مەن پەقەت ئايرىلىش ئالدىدا سىز بىلەن بىللە خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئاچلىق ۋە جاپانى بېشىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ باقماقچى بولدۇم،-دېدى.          ئەر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ، بېشىنى كۆتۈرمەي چۆچۈرىنى ئىچىپ بولدى ئاندىن ئايالنى ئالدىرىتىپ :          -تېزرەك ئىچكىن، ئىچىپ بولۇپ بىللە ئۆيگە قايتىمىز،-دېدى.          -خاتىرجەم بولۇڭ، گېپىمدە تۇرىمەن، قايتىپ بېرىپلا ئىمزا قويىمەن. بىر تىيىننىمۇ ئالمايمەن. سىز مەيلى قايسى ئايال بىلەن ئۆتۈڭ، توققۇز، ئون خوتۇن ئالامسىز ، مەن ئارىلاشمايمەن...ئەر تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپلا ۋارقىرىغىنىچە:          -مەن قايتىپ بېرىپلا ھېلىقى ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى كۆيدۈرىۋېتىمەن، بولامدۇ؟،-دېدى-دە، ئويلىمىغان يەردىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى،-مەن خاتالىشىپتىمەن، مېنىڭ كاللام ئېلىشىپ قاپتۇ. ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە تەمكىنلىك بىلەن ئولتۇرۇپ، چۆچۈرىنى ئىچىپ تۈگەتتى ۋە :          قىزچاق، ھېساۋات قىلىڭ،-دېدى.          بىر ياقتا قاراپ ئولتۇرغان خوجايىن تۇيۇقسىز سەگىگەندەك بولۇپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن تېز-تېز مېڭىپ كېلىپ ئايالنىڭ قولىنى توسۇپ قالدى ھەمدە يېنىدىن ئىككى يۈز سوم پۇلنى چىقىرىپ تەڭلىدى.          -ئۆيگە بېرىپ ئاجرىشىش كېلىشىمنامىنى كۆيدۈرىۋېتىدىغان تۇرۇقلۇق، يەنە پىيادە مېڭىپ قايتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟          ئەر-ئايال ئىككىلىنىپ خوجايىنغا قارىدى، خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ:-بىز دېگەن كونا تونۇشلار، سىلەر 20 يىلنىڭ ئالدىدا ئىچكەن چۆچۈرىنى دەل مەن ساتقان. ئۇ چۆچۈرىنى ئايالىم ئۆز قولى بىلەن تۈگكەن،-دېدى-دە، پۇلنى ئەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، كەينىگە قارىماستىن كېتىپ قالدى.   
# ~3 z7 M  A) E! i; F. W; ], X, a8 B/ J; i# Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       مەنبە :  پاكسۆز  تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
Nabijan0996 + 15 + 9 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەركەن. ئۆز ئىجادىيىتىڭىزمۇ.
ۋاقتى: 2014-1-31 22:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا تەسىزلىككەن
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-2-1 00:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوچىرە قىزىقمۇ بىلمىدىم كۇزۇمدىن ياش چىقىپ كىتىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 09:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش