‹‹سالام›› دەپ سەبىيلەر تەلمۈرۈپ باققان،
قاراڭغۇ دىللارغا مەشئەللەر ياققان،
ئەۋلاتلار بەختى ئۈچۈن سۇ بۇلۇپ ئاققان،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
پارلىتىپ يۇرتۇمدا تەۋپىق روھىنى،
بىلدۈرۈپ ھاياتنىڭ ئېگىز- ئويىنى،
ئەجرىمدىن گۈللىتىپ ۋەتەن قوينىنى،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
مەن ئۈچۈن سىنىپ ئۇ- گۈزەل بىر ماكان،
كىتاپ، بور، دوسكىلار شۇنچە قەدىردان،
سەبىيلەر چېھرىدە كۆرىنەر جاھان،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
مەن باغۋەن، سەبىيلەر باغدىكى كۆچەت،
پەرۋىشسىز ئاينىماس تېپىپ كۈچ- قۇۋۋەت،
بىلىملەر كانىدىن كۆرسىتىپ ھىممەت،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
ئەۋلاتقا بىلىمدىن ياسايمەن قانات،
بىلىمدىن يېشىلەر تالاي تىلسىمات،
بىلىمسىز گۈللەنمەس ئەسلا بۇھايات،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
ئەل ئۈچۈن ئەۋلاتلار تىزسا گۈلدەستە،
ئارمانلىق يوللارغا ماڭسا بەس- بەستە،
كۈلىمەن ئارمانسىز قاراپ ھەۋەستە،
مەرىپەت بېغىنىڭ پەرۋىشكارى مەن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم |