روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قىزىل ئالما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالما پىشىپ باغنى ئارىلاپ،
ئۈزگەن ئىدىم قىزىل ئالمىنى.
ئالما ئۈزۈپ ئېسىمگە كەلدى،
ساڭا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغىنى.

ئالما بىلەن تالاي ئەسلىمە،
كۆڭۈللەرگە ئۆتكەن ئىز سېلىپ.
خاتالاشقان ئىكەنمەن ئەسلى،
سېنىڭ بەرگەن ئالماڭنى ئېلىپ.

كۆڭۈل بىلىپ تۇتقان ئالمىنى،
باشقىلارغا قىلىپسەن سوۋغات.
ئالما ئەمەس مېنىڭ كۆڭلۈمنى،
ئۇيۇنچۇقتەك بىلىپسەن ھەيھات.

ئالما دەيدۇ پىچىرلاپ يۈرەك،
خۇددى كۆڭۈل قىزىل ئالمىدەك.
سەن ئۈزۈڭچە كۈلگىنىڭ بىلەن،
ئەل تاشلىدى سېنى چالمىدەك.


مەنبە: ئۆزۈم يازغان.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-17 01:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ئۆزىڭىز يازغابسىزھە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-17 14:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئۆزۈم يازغان.
ۋاقتى: 2013-4-17 19:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ ،ياخشى يىزىپسىز.
ۋاقتى: 2013-4-17 19:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن يەنمۇ تىرشىڭ
ۋاقتى: 2013-4-18 18:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،ياخشى يىزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 13:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش