تۇنۇشۇپ ئۆتمەستىن تېخى نەچچە ئاي،
قەلبتىن- قەلبكە سالدۇق پايانداز.
قولۇمغ تەگكەندە تۇيۇڭ باغىقى،
گۈلباھار بېغىمدا كۆرۈندى ئاياز.
راستمۇ دەپ ئۆزۈمگە قۇياتتىم
سۇئال،
ياق دەيسەن ئۆزۈڭمۇ بىلىمەن جېنىم.
روستەمدەك ئۆزۈمنى سانىسام ئەمما،
بۇ دەرتلەر ئالدىدا تىترىدى تېنىم.
ئىككىمىز ياندىشىپ چۈشكەن سۈرەتكە،
خىياللار ئىلكىدە قارىدىم ئۇزاق.
ۋىسالنىڭ بېغىدا سېلىشساق گىرە،
ئارزۇلار بېغىدا تۇغۇلغان بۇۋاق.
ئېسىمدە گۈزەلىم ئاشۇ تۈن كېچە،
ماڭغانتۇق مەلەڭدە قوللار تۇتۇشۇپ.
بىرتەن بىز، بىر جان بىز دېسەڭمۇ ئەمما،
قالدۇققۇ ئاخىرى ھەسرەتلەر يۇتۇپ.
ئازابلىق كەچمىشتە ئەۋەتتىم سالام،
تىلەيمەن تۇيۇڭغا جانىم بەخت- قۇت.
ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىما ماڭا،
مەن سېنى سۆيىمەن، ئەمما سەن ئۇنۇت.