روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سېنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۆكۈلەر ياشلىرىم تۇرىمەن تەنھا،
قەبرىدە، تۇپراقتا باردۇر سۆيگىنىم.
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتىغۇ بۈگۈن،
تارىخقا ئايلاندى مېنىڭ كۆيگىنىم.

قول تۇتۇپ ماڭغانتۇق دەريا بويىدا،
ئۇسسۇلمۇ ئوينىغان دوسلار تويىدا.
گاھ ناخشا توۋلىغان ماڭا جۈر بۇلۇپ،
ھەمنەپەس بولغانتۇق ھايات يولىدا.

باغلاردا بەزمىدە ئوينىساق بىر كۈن،
دالادا يۈگۈرگەن قۇياشنى قوغلاپ.
بىر ئالما تاپقاندا كۆزلەر قىيمىغان،
يېگەنغۇ ئۇنىمۇ تەڭدىن پارچىلاپ.

لەۋ ياققانغا يۇلتۇز گۇۋاھچى،
قىلغان ئىدۇق ئاينى خىجالەت.
كۆرۈشمىسەك نەچچە كۈنگىچە،
چىدالمايتتۇق قىلالماي تاقەت.

قۇلۇمدا تۇرىدۇ كۈلۈپ سۈرىتىڭ،
مەن ئاڭا تۇرىمەن كۈلەلمەي جانان.
سەن بىلەن كۆڭلۈمنى دەپنە ئەيلىدىم،
مۇھەببەت گۈلزارىم بولدىغۇ خازان.

ئاھ خۇدا! مەن نىچۈن بىتەلەي ئىنسان،
ھەسرەتتە قالدۇرۇپ كەتتىڭغۇ مېنى.
تەقدىرگە تەن بەرمەي يوقتۇر ھېچ ئامال،
ھەركۈنى ماتەمدە ئەسلەيمەن سېنى.

مەنبە: ئۆزۈم يازغان.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-17 19:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ شېرىڭىزنى ئوقۇپ تۇنجى مۇھابىتىم ئىسىمگە كىلىپ قالدىياخشى يېزىپ سىز
ۋاقتى: 2013-4-17 19:25:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز.ئاپىرىن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-15 17:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش