روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 16604|ئىنكاس: 39
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يۈزۈم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى باللا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈزۈم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى باللا

, d/ Y8 o5 {# u9 k+ C, U       مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم بەش كۈنلۈك ئوكۇل يېزىپ بەرگەن ئىدى.مانا بۈگۈن ئۈچۈنچى كۈنى مەن دوختۇرخانىغا بېرىشقا شۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن .سەۋەبى ئوكۇل سالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس،ئوكۇل سالىدىغان ئاشۇ چىرايلىق سېستىرا قىزنى كۆرۈش ئۈچۈن.ئويلاپ باقسام ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.ئۇ قىزنى بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولغان ئوخشايمەن.ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىنى سۈپەتلەپ بېرىشكە مۇنۇ تىلىم بەكلا ئاجىزلىق قىلىدۇ.بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ كۆڭلۈمنى ئۇ قىزغا ئىزھار قىلمىسام زادى بولمايدۇ.مەن شۇ نىيەتتە ئورنۇمدىن شۇنداق سەھەر تۇرۇپ كەتتىم،دوختۇرخانىغا بالدۇر بېرىۋېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى ساقلاپ ئولتۇرمايلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ يىگىدەك بىر نەرسە بولسا يەۋېلىپلا ماڭماقچى بولدۇم .توڭلاتقۇدا  بىر باش لوپا(تۇرۇپ)دىن باشقا ھېچنىمە يوقكەن .يىمەي ماڭاي دىسەم يەنە تېخى شۇنىڭ بىلەن لوپىنى سەي قىلىپ ناشتا قىلدىم-دە دوختۇرخانىغا چاپتىم.مېنىڭ بۇنچىلىك ئالدىراشتىكى مەقسىدىم ئوكۇل بۆلىمىگە بالدۇر بېرىپ ئادەم ئاز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇ قىزغا كوڭلۇمنى ئىزھار قىلىۋېلىش ئىدى.
9 P2 G* z  X! U% C% D مانا دوختۇرخانىغىمۇ كېپ بولدۇم ،ئوكۇل بۆلىمىگىمۇ كىردىم .تەلىيىمگە ئۇ قىز ئۆزى يالغۇز ئىكەن.مېنى بۇرۇنقىدەكلا ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن كۈتىۋالدى ۋە قولۇمدىكى ئوكۇللارنى ئالغاچ شۇنداق يېقىملىق ئاۋازى بىلەن تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشىمنى ئېيتىپ ،ئىچىدىكى ئۆيگە ئوكۇل تەڭشەشكە كىرىپ كەتتى.مەن بولسام يەنىلا ھاياجان ئىلكىدە ،گەپنى نەدىن باشلاش توغرىسىدا ۋە ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشىنى ئويلىغاچ كارۋاتتا دۇم يېتىپ ئۇنى ساقلىدىم.مېنىڭ قەلبىمدىكى پەرىشتەم ئۇزاق ھايال بولمايلا چىقىپ ئوكۇل ئۇرۇشقا تەييارلاندى.ئۇ ئىسپىرتلىق پاختىنى كاسسامغا سۈركىشىگە قوسۇقىم باشقىچىلا بىئارام بولۇشقا باشلىدى.قارىغاندا ئەتتىگەن يىگەن لوپا كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان ئوخشايدۇ-دە ،-دەپ ئويلىدىم.سېستىرا قىز مېنىڭ باشقىچە بولىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ يەنە شۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن «قورقماڭ ،ئانچە ئاغىرمايدۇ،بۇنچىلىك چىڭ تۈگىلىۋالماڭ ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويىۋېتىڭ ،ھە! ئەركىن قويىۋېتىڭ ››-دىدى.كاساپەت،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆزۈمنى قويىۋەتتىم.سېستىرا قىزنىڭ ئوكۇل يېڭنىسىنى سانچىشىغا ئۈلگۈرۈپ ،شۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلغان «دورتتتتتتتتتتتت دورت  دورت ،غارت –غورت›› ئاۋاز ئوكۇل بۆلىمىگە بىر كەلدى .مەن ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا ۋە كىشىنىڭ يۈرىكىنى غۇژژىدە ئېرىتىۋېتىدىغان ئاۋازىغا مەستخۇش بولۇپ، قوسىقىمنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ   يەل قويىۋەتكەن ئىدىم . بىر يىگىت ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئالدىدا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە يۈزى چۈشكەن ئىش بارمۇ؟!ئەمدى بۇ يۈزۈمنى نەگە قويىمەن !!؟
4 z* Z& g0 `# z% j8 f5 e: U. X) p$ @7 B: o: ?4 Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 B9 Q! w# h( B! L$ o* \0 I* l. ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ تېمىلار  ‹‹ئەنگەر شېئىرلىرى سالونى››غىمۇ يوللاندى.ئۇندىدار ئوينايدىغان دوستلارنىڭ سالونىمنى قوشىۋېلىپ باشقا تېمىلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.سالونىمنىڭ ئىزدەش نامى:angarxeirliri
" l- O+ C: ]% T* ^

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +3 تەڭگە +3 يىغىش سەۋەبى
ئەلتبەر + 3 + 3 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-8 21:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا، تۈگىشىپسىزغۇ ئەمدى، روھلان سالونىغىمۇ يوللاپ قويساق بولامدۇ يا، روھلاندىكى ئەنگىنئەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى دەپ؟ {:6_263:}
ۋاقتى: 2014-12-8 22:20:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي كارامەت نىمانچە قىززىق مەنمۇ كۈلۈپ توڭۇپ كەتكىنىم ئىسىمدىن چىقىپلا كىتىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-12-8 22:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنسەم
راست بولغان ئىشمۇ ياكى .........
/ @9 H; @1 V8 E4 r" {2 lئاپلا راستلا چاتاق بوپتۇغۇ
ۋاقتى: 2014-12-8 22:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇر بولا مۇشتاغ بولا مانا ئالە شەرىڭنى ھاھاھاھا.............يۇمۇر دېگەننى چانايدىكەن ماۋۇ ئاداش مانا......
9 P, U) d1 V9 J. `2 U) qئىنكاسنى تېخىمۇ كۆپ يازاي دېگەن بىراق كۈلۈپ بولالماي شۇ.....................................................
ۋاقتى: 2014-12-9 00:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇر بۇلا ماشتا بۇلا  ھاھاھاھاھا...چاتاق بوپتۇغۇ ئەمدى...
ۋاقتى: 2014-12-9 00:51:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۈزىڭىزنى نەگە قويساق بۇلار.....ئادىلكام ياخشىراق ئويلىشىپ باقسا روھلانغىلا قويمامسىز ھەممىمىز ئۆز بولغاندىكىن:،،،،ھارماڭ
ۋاقتى: 2014-12-9 01:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك سەت ئىش بوپتۇ .قالغان ئوكۇلنى سالدۇرماڭ ھامان ئۇ ئوكۇلنى سالمايدۇ{:6_276:}
ۋاقتى: 2014-12-9 01:42:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۇمۇرمۇ ياكى ھەقىقى …… ياق! بۇ يۇمۇردەك قىلىدۇ جۇمۇ & R; R' p/ R/ d: B' F( ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-3 16:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش