روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3762|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شېئىر دىگەننى ئۆلتۈرۋەتتىم(تاققا -تۇققا شېئىر دىگەن شۇ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-20 16:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شېئىر دىگەننى ئۆلتۈرۋەتتىم


ئۆمەر قادىر (ئەنگەر)


كۆزلىرىڭنى ئەسلىسەم جېنىم،
چۈشۈپ كەتتىم چوڭقۇر بىر ھاڭغا.
كېسەل بولساڭ تۈزۈك بولمامسەن،
نىمە قىلسەن دەرت سېلىپ ماڭغا.


تالانت دىگەن بارمىكەن مەندە،
تىگىشمەيمەن ھەسەلنى قەنگە.
نىمانچىلا ئاچچىقىڭ يامان،
ئېيتىپ بەرگىن كۆيدىڭ سەن كىمگە.


چاپان كەيدىم تۆت يانچۇقى بار،
نىمىشقىمۇ يىغلايسەن زار- زار.
بىكالىققا تۇخۇم بارمىكەن،
مىڭ ياخشىغۇ قاغىدىن شۇ سار.


ئاشپەز ئۇستام تىككەن بۇ كاستۇم،
نىمانچىلا ئىسىل سايرىغان.
بۈشۈكنى سەن پىكاپ دىگەنمۇ،
ئون مومىغا ھىچكىم تويمىغان.


تۈگمەن سوراپ بارسام مەلەڭگە،
ساقچى بىلەن ھىچبىر ئىشىڭ يوق.
تېگەي دەپلا تەككەن نەدە بار،
چاچ ئىسىلدە ، ئەمما قېشىڭ يوق

باغدا بۇلبۇل سايرىماس بولدى،
زىيان تارتتىم قىلغان سودامدىن،
سالام خەتنى شۇنداق يازامسەن،
قاش ئاتسىلا قورقما ئۇكامدىن.


تۇتىۋالغان كەپتىرىم قېنى؟
داپەنجىنى ئەمدى يىمەيمەن.
دەپ بەرمەڭلار مىنى سورىسا،
ۋاپاسىزنى يارىم دىمەيمەن.


بېرىڭ ئەمدى دوختۇرخانىغا،
سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگەنمۇ سىز؟
بىنا  ئۆينى ئۇنچە چوڭ كۆرمەڭ،
باجغا كىپەك بېرىپ  كەتتىڭىز.


كۈلمىسىڭىز مەيلى دىدىققۇ،
قان بەرگەنگە ئۆلمەيدۇ ئادەم.
توپ سېتىپسىز ئۆپكە- ھېسىپنى،
سىز كۈلسىڭىز كۈلىدۇ ئالەم.


بۇ قىزلارنىڭ ھىلىسى تولا،
قۇرۇق گەپتىن ئەجەپ تويدۇققۇ!
تىللىمايلى ئىنكاس يازمىسا،
تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويدۇققۇ


"ئەنگەر شېئىرلىرى ئۈندىدار سالونى"نى قوشۈۋېلىپ بارلىق تېمىلىرىمنى ۋە باشقا نادىر مەزمونلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.قوللاپ قويۇڭ.
سالون ئىزدەش نامى:angarxeirliri
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-20 17:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئەنگەر ئۇستاز.تىتىۋېتىپسىزيا بۇ تاققۇ-تۇققۇ شېئىر دىگەننى مىنە
ۋاقتى: 2014-10-21 12:28:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلمەي دىسەم ما يۈزۈم بىلەن كۆزۈم يەنە قوشۇلۇپ
ئىغىزىمدىگەن گەدەنكەشلەر بوي بەرمەي ئىختىيارسىز
كۈلۈپ تاشلىدى، ھەي رەھمەتلىك...........
ھا ھا ھا دەھشەتقۇ    راسلا ئۆلتۈرۋېتىپسىز شىئىر دېگەننى
شىئىرچىنىڭ قاتىلىكەنسىز  
تاققا تۇققا سوزلەپ قويۇپسىز،
تاققا تۇققا  سوزلەپ قويۇپسىز، توردا كۇلكە قوزغاپ قويۇپسىز، ھارماڭ يەنە يىزىڭ توردىشىم، بۇ پىيازنى ئوبدان سويۇپسىز !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 11:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش