روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1636|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر ئادەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر  ئادەم
ئۆمەر قادىر ئەنگىنئەر
ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىغۇم بار مۇشۇ دەم،
ئەرلىكىمنى سىنار  بۇندا قايغۇ-غەم.
پۇشايماننىڭ چوللىرىگە مەھكۇمكەن ،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر  ئادەم.

باغلىرىدا سايرىماسكەن  بۇلبۇلمۇ،
چاپالماسكەن تۇلپار ئاتلىق دۇلدۇلمۇ.
ئاغرىقىغا شىپا  قىلماس سۇمبۇلمۇ،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر  ئادەم.

كىرپىكلەر نەملەنگەن ،يۈرەكلەر ئەنسىز،
بال-ھەسەل  يۇتساڭمۇ بىلىنەر تەمسىز.
سېزىدۇ ئۆزىنى خۇددى   ۋەتەنسىز،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر  ئادەم.

دۇنيا قارا ،تار بولىدۇ بۇ ئالەم،
ئاتا-ئانىدىن ئايرىلغاندا ھەر ئادەم.

ئىزاھ:بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن سۇمبۇل- ئىزمۇق ئائىلىسىدىكى
كۆپ يىللىق ،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك،يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ.
تېچلاندۇرۇش ۋە ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.



"ئەنگەر شېئىرلىرى سالونى"نى قوشۈۋېلىپ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئىزدەش نامى:angarxeirliri
ئالدىنقى: بۇ كىچە
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-4 15:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاتا تاغ، ئانا باغ ››. ئۆلمەس ھېكمەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان بۇ شىئېرىڭىزنى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەمگە شىئېرىڭز ئارقىلىق جاكارلاۋاتقان نىدا مەڭگۈلۈك نەسىھەت بولغاي. قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 03:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش