جاھاندا ياشىماق تەسكەن بەك قىيىن،
ياشاشنىڭ يولىنى بىلدىم بەك كىيىن،
كۆز ئېچىپ قارىسام بۇ كەڭ جاھانغا،
جان ئېلىپ قۇيۇپتۇ ھەتتا بىر تىيىن.
بۇ گۈزەل تەبىئەت، چەكسىز كائىنات،
بەگلەردەك ياشايدۇ پەقەت ئادىمىزات.
ئەقىلنى ئىشلىتىپ ياشىمىسا ئەگەر،
تەبىئەت ئۈستىدىن توۋلايدۇ ھەيھات.
باغلاردا يۈگۈردۈم قوغلاپ كېپىنەك،
كېپىنەك تۇتتۇم مەن خوش بولدى يۈرەك.
تاپىنىم ئاستدىن چىقتى بىر ئاۋاز:
توغرىمۇ ئەي نادان گۈللەر چەيلىمەك؟!
ئۆلۈمنى ئويلىسام شۈركىنەر تېنىم،
ۋە لېكىن ھامىنى چىقار بۇ جېنىم.
ئەل ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىپ ئۆتەي،
تۇپراققا ھەق سىڭسۇن تىنىم ھەم قېنىم.
|