روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغىن - مۇختەر سۈپۈرگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغىن
مۇختەر سۈپۈرگى
تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەل- ۋەتەنگە تۆھپىلەر قاتماق بولساڭ ئوقۇغىن،
نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالماق بولساڭ ئوقۇغىن،
ئەيىپىڭنى ئىلىمدە ياپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش》 دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
نادانلارنى ئېشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،
بەيگىلەردە ئۆزگىدىن ئاشماق بولساڭ ئوقۇغىن.

ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
چىققان بىزدە روياپقا دورا ئاتلىق مۆجىزە،
نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،
بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،
كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، 《نە ئۈچۈن》 دەپ باقمايسەن،
قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،
ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،
تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،
خىسلىتىڭدىن نۇر- زىيا چاچماق بولساڭ ئوقۇغىن.

نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،
ئۇچتى ئايغا، مارسقا، بولدى ئاڭا پەن قانات،
ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،
ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۈنچە مۇناجات،
باياشاتلىق تۆرىدە ياتماق بولساڭ ئوقۇغىن.

مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،
گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقانداك،
قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،
يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشۈكىدە مېھماندەك،
قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،
بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇر ئاتايسەن،
ماڭىسەنۇ ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،
مۇشۇ ھالىڭ- تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،
ياراتقۇچى ئىگەمگە ياقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يارالغاندا لاي- خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
يىراق ئېرا- ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
بېقىپ كەلدى يەر شارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،
سەن، مەن ۋە ئۇ بولمىقى بەلكى سىردۇر ئىنساننىڭ،
يىلتىزىڭنى- ئەسلىڭنى تاپماق بولساڭ ئوقۇغىن.

يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى- خىسلەتتىن،
ئالماي ساۋاق يۈرەمسەن شۇنچە ئاچچىق ئىبرەتتىن،
كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،
يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،
دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقماق بولساڭ ئوقۇغىن.

《يېڭى قاشتېشى》ژۇرنىلى 2014-يىل 4-سانىدىن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-13 21:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگۈنۈڭلار دىگەن ئىدى بىر زات. ھەم شۇ زاتقا ياراتقۇچىنىڭ پەرىشتىسىمۇ تۇنجى بولۇپ دىگەن سۆزى ‹‹ئوقۇ›› ئىدى. تولىمۇ ياخشى ئەھەر يوللاپسىز. رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-3-13 22:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى بەك ياخشى ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-3-13 23:48:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان شىئر ئىكەن رەھمەت سىزگىمۇ.
ۋاقتى: 2015-3-14 13:29:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى يوللىغۇچى مۇختەر سۈپۈرگى ئەمەسقۇ دەيمەن؟
شۇنداق. ماڭا يېقىپ قالغاچقا يوللىدىم بۇ شېئىرنى.  ئەسكەرتىشمۇ بەردىم.
ۋاقتى: 2015-3-14 17:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جايىدا يېزىلغان بەلەن شېئىركەن. تېخىمۇ تىرىشىڭ!
بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى مەن ئەمەس. مەن ياقتۇرغاچقا  روھلانداشلارمۇ ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ يوللىدىم.
ماڭا  بەك  يارىدى  
ۋاقتى: 2015-3-15 01:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم، شېئىرنىڭ تىلى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ، ئاممىباب بولۇپ چۈشىنىشلىك ئىكەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-16 01:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش