روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2667|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياشا دوستۇم ئۆزۇڭنى دوراپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 21:30  

ياشا دوستۇم ئۆزۇڭنى دوراپ

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

قىسمەت بىلىپ ئۆز تەقدىرىڭدىن ،
زارلانمىغىن زارلانما زىنھار .
ئاقىللاردىن ئۆگەنگىن سوراپ ،
ياشاشتىكى مەقسىدىڭ نېمە ؟
ئەمدى ياشا ئۇلارنى دوراپ .

نادانلارغا قارىما كۇلۇپ ،
ياشار ئۇلار كۇندا مىڭ ئۇلۇپ .
كىم ياشايدۇ دوستنى كۇلدۇرۇپ ؟
سوراپ يۇرمەي ئويلانغىن ئۇزاق ....
ياشاشنى بىل كىملەرنى دوراپ .

ھايات دىگەن ئۆزى بىر سىناق ،
خەتىرى كۆپ مەنزىلى ئۇزاق .
نائەھلىدىن قاچقىن – قاچ يىراق ،
ھەقىقەتكە دوسىت بولغىن ئامراق ،
ياشا ، شۇنداق ئادەمنى دوراپ.

گۇلنى ئۇزسەڭ قورىقما ئازغاندىن ،
تۇرمۇش – جەڭگاھ كىرمە يالغاندىن.
ئۆزۇڭنى تارت يولدىن ئازغاندىن ،
ئۆز يولۇڭنى تاللىغىن ئۆزۇڭ .
ئەمدى ياشا ئۆزۇڭنى دوراپ .

98 – يىل 19 – يانىۋار
ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا (قۇمقۇدۇق)

مايبولاق ژورنىلى 2001-يىللق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-13 22:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئادەمنى ئويلىنىشقا ، ھەقىقىي ياشاشقا ئۈندەيدىغان ياخشى شىئىركەن ، نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن !

باھا سۆز

ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ ئنكاسى ماڭا ئىلھام بولىدۇ. رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 13:59
ۋاقتى: 2015-3-13 23:45:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ئاپرىن.

باھا سۆز

ياختۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 13:58
ۋاقتى: 2015-3-14 13:28:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە يەنىلا " روھلان" مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغانلىرىنى ئوقۇسام بولغىدەك.

باھا سۆز

بۇ سۆزىڭىزنى تاززززا چۈشىنەلمەي قالدىم نۇرلان ئەپەندى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 13:57
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-14 13:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 13:28
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە يەنىلا " روھلان" م ...

بۇ سۆزىڭىزنى تاززززا چۈشىنەلمەي قالدىم نۇرلان ئەپەندى.

باھا سۆز

باشقىچە چۈشەنمەڭ دوستۇم. ماڭا روھلاندىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بەكلا تەسىر قىلغان، شۇڭا بۇ ئىنكاسنى قالدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 21:34
باشقىچە چۈشەنمەڭ دوستۇم. ماڭا روھلاندىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بەكلا تەسىر قىلغان، شۇڭا بۇ ئىنكاسنى قالدۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 21:34
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-14 13:58:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 23:45
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ئاپرىن.

ياختۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم رەھمەت سىزگە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-14 13:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:20
مەزمۇنى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئادەمنى ئويلىنىشقا ، ھەقىقى ...

ئەزھەر ئەپەندىمنىڭ ئنكاسى ماڭا ئىلھام بولىدۇ. رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-3-14 19:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىڭز ئوخشايدۇ، بىر خىل ھايات پوزتسىەدە بۇمۇ! ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمغاي!

باھا سۆز

بۇندىن 16يىل بۇرۇن يېزىلغان ئەسىرىم ئىدى. ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 19:48
بۇندىن 16يىل بۇرۇن يېزىلغان ئەسىرىم ئىدى. ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-3-14 19:48
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-14 19:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 19:32
بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىڭز ئوخشايدۇ، بىر خىل ھايات پوزتس ...

بۇندىن 16يىل بۇرۇن يېزىلغان ئەسىرىم ئىدى. ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-14 19:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۈرگ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 19:32
بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىڭز ئوخشايدۇ، بىر خىل ھايات پوزتس ...

بۇندىن 16يىل بۇرۇن يېزىلغان ئەسىرىم ئىدى. ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 22:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش