- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 108
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- UID
- 10201
- يازما
- 108
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- توردا
- 3 سائەت
|
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۈستىدىكى ئادىل قانۇن ئىسىملىك تورداش.
تەكلىپ - پىكىر بەرگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
مېنىڭ بىلىمىم ئىنتايىن ئاز، گەرچە ئوقۇتقۇچىلاردىكى بىر قىسىم خاتالىقنى كۆرۈپ يېتەلىگەن بولساممۇ، ئەمما، ئوقۇتقۇچىلار قانداق بولۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرەلىگۈدەك ئىقتىدارىم يوق. مەن بۇ جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلارغا قېلىپ بىكىتىپ بېرەلىگۈدەك ئىلىمگە ئىگە ئەمەسمەن. ئەمما، " ئوقۇتقۇچىلار مۇنداق بولۇشى كېرەك" دەپ بىر قېلىپ تۈزۈپ چىقىلىدىغان بولسا، ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ قېلىپقا چۈشمەيدىغانلىقىغا تۇلۇق ئىشىنىمەن.
گەرچە بۇ تېمامغا نۇرغۇن كىشلەر قارشى ئىدىيىدىكى ئىنكاس يېزىشقان بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇنى يازغىنىمغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمىدىم.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاقلاپ، مېنى ئەيىبلىگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىدە مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەر بار بولغان كىشلەردۇر. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزىدەكلەرنى ئاقلىماقچى بولدى. گەرچە ئۇلار بۇ تېمىنى قوبۇل قىلالمىغان بولسىمۇ، ھىچ بولمىغاندا، ئۆزلىرىگە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان، خاتالىقلىرىنى بايقاپ تۇرىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدى.
مېنىڭچە بۇنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇتقۇچى (گەرچە ماڭا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ،) ئۆز قىلمىشلىرىنى، دەرسخانىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلىدى. ئېغىزلىرىدا، ئىنكاسلىرىدا ئۆزلىرىنى بۇنداق ئاقلىغان بىلەن، ئۆزى ئۈستىدە ئازراق بولسىمۇ ئويلاندى، دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ تېمىنى يوللىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن(ئەيىبلەش ئىنكاسلىرى ئۈستۈمگە ياغسىمۇ).
باشقۇرغۇچىلاردىن بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈشنى ئۆزۈم تەلەپ قىلمايمەن، ئەمما ئۆچۈرىۋەتسە قىلچە پىكرىم يوق. نەچچە مىڭ ئادەم كۆرۈپ بولدى، تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان پىكىر- ئىنكاسلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىپ بولدۇم. بۇ تېما ئارقىلىق ئۆزۈم خىيال قىلغاندىنمۇ ئارتۇقراق نەتىجىگە ئېرىشتىم.
............................................................
تىلتۇمار ئىسىملىك تورداشقا:
سىز غەيۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئايرىشتا ئۆزىڭىز بىلىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسلانسىڭىز توغرا يەكۈنگە ئېرىشەلمەيسىز.
سىزنىڭ سوتىڭىز ئەخلاق مەسىلىلىرىگە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ.
ئۇنداق ھەممە مۇنبەرگە كىرىۋېلىپ بىزنىڭ ئىتىقادىمىزغا يات بولغان سەپسەتىلىرىڭىزنى جار سالمىغايسىز.
................................................................
تورداشلارغا ئەفىفىينىڭ ئۇستازىمغا خەت ناملىق تېمىسىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاندىن ئەلكۈيى تور ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىكى تۆۋەندىكى يازمىنىمۇ ئوقۇپ باققايسىلەر:
ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسېر قىلغان،ئۇ مەڭگۈ ئۇنتىيالمايدىغان ھەم ئۇنتۇشنىمۇ خالىمايدىغان ئىزگۈلۈك ئەسلىمىسى بولىدۇ،مەنمۇ ھەم شۇنداق.مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بەلكىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىم بولسا كېرەك.ئالىي مەكتەپ دىمەكلىك،جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭ مەيدانىغا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغان زەبەردەسىت جەڭچىلەرنىمۇنتىزىم تەربىيلەيدىغان ئاخىرقى بارگاھ.لېكىن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ.شۇنداقلا،بەزى نەرسىلەرنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ئىجابي تەسىرىدىن سەلبى تەسىرى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.تۆۋەندىكىلەر مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مەندە قالدۇرغان سەلبي تەسىرلىرى..........
1.ئالىي مەكتەپ بەك ئېسىلكەن،مەن ئەسلىدە يالغان سۆزلەشتىن بەك قورقاتتىم،لىكىن،بۇ يەردە تۇنجى بولۇپ ئېگەللىگىنىم جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئالداش بولدى.
2.مەن ئېلگىرى ناھايتى تىرىشچان ئېدىم،ئەمما،بۇ يەردە تېزدىنلا تىرىشىشنىڭ ئورنىغا كۆچۈرمىىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل كەسىپنى ئىگەللىۋالدىم.
3.باشقىلارنى بوزەك قىلىش ناچار ئەخلاق،لىكىن،باشقىلارتەرىپىدىن بوزەك بولۇش بۇ قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.1-يىلى بەكمۇ بىچارىلەشتىم،بوزەك بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم.لىكىن،2-يىلى"يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش(新生教育)"ئەترىتىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلاندىم.
4.ئىلگرى ھاراق، تاماكىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيتتىم.يېرىم يىلدىن كىيىنلا بۇ ھۈنەرلەرنى ئەتراپلىق ئىگەللەپ،ناھايتى كۆپ دوسىت تېپىۋالدىم.
5
.بۇ يەردە سىزنىڭ "ئىلغار " بولۇپ سايلىنىشىڭىز تىرىشچانلىقىڭىزدىن كۆرە،مەسئۇل ئوقۇتقۇچىغا كۆرسەتكەن شاپائىتىڭىزگە باغلىقتەك تۇرىدۇ.
6.ئوقۇتقۇچى دېسە كۆز ئالدىمدا ئۇلۇغ بىر زاتنىڭ سىماسى پەيدا بولاتتى،لىكىن، ھازىر ئالدىمدا تۇرغىنى باشقىلارغا ھەقىقى مېھىر-مۇھەببەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى، مەلۇم مەسئۇلىيەت تۈپەيلى ئىلاجىسىز كۈيىۋاتقان نۇرسىز چىراقلار،خالاس......
7. 59 نومۇر بىلەن لاياقەتسىز بولۇش مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ سىزگە قىلغان ئىشارىتى،ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ تەلىۋىنى دەرھال ئورۇنداڭ.....
8.مۇھەببەت ھەققىدە سۆز بولسا تاھىر-زۆھرە، فەرھاد-شېرىنلەر كۆز ئالدىمغا كىلەتتى،ۋاي خۇدايىم! ئالىي مەكتەپ مۇھەببەتنىڭ قايناق بازىرىكەنغۇ؟!...
9.بۇ يەردىكى ساندۇق-ساندۇقلارغا سېلىنغان كىتاپلار ھاراق ،تاماكىڭىزنىڭ پۇلىنى تەمىنلەيدىغان ئېكىسپورت خام ئەشياسى ،خالاس.
10.ياتاققا قەدەم باسسىڭىز، ئەخلاق كاتىگورىيىسىدىن ھالقىغان بىر توپ ئىنسانلار ياشاۋاتقان جەمئيەتنى كۆرەلەيسىز.
11.بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىڭىزنى، ئاتا-ئانىڭىزنى ھەربىر قېتىم ئالدىغاندا ئۆزىڭىزنڭ شۇ قەدەر "ئىقتىدارلىق" ئىكەنلىكىڭىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولىسىز.
12.بۇ يەردىكى تاماق يىيىش قانداقتۇر بىر خىل ئىھتىياج ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى،بىر توپ چىلبۆرىنىڭ ئۇچرىغانلىكى نەرسىگە ياۋۇزلارچە ھۇجۇم قوزغىشى...
13.بىزنىڭ كۆرۈشۈش ئادىتىمىزدىكى"ئەسسالام " نىڭ ئورنىنى بۇ يەردە "ئاناڭنى" دىگەن سۆز غەلبىلىك ئىگەللىگەن...
14.كىيىم-كېچىكىڭىزنى ھەرگىز سىرتقا يايماڭ،كىيىم سومكىڭىزنى ھەرگىز يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ،بولمىسا تەبىئىيلا يالىڭاچلىنىپ قالىسىز.
15.ئوغۇللار ھاجەتخانىسىنى دېزىنفىكسىيە قىلىش ھاجەتسىز،چۈنكى ئۇنىڭغا ھەر كۈنلۈكى نەچچە يۈزلىگەن "شەپقەتچى"لەر تەمىنلىگەن تاماكا ئىسى يىتەرلىك.
قەدىرلىك دوسلىرىم،مەن يۇقارقىلار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلىرىمىزنى ناچار دىمەكچى ئەمەسمەن،بەلكى،مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى ئۆزۈم ھېس قىلغان، باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىق تۈپەيلى پەيدا بولغان ھەم بولىۋاتقان بىر قىسىم ناچار ئەخلاق،ناچار ئادەتلەرنى كەڭ دوسلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى، خالاس.ئەزىز دوسلارنىڭ داۋاملىق تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2010-يىلى9-ئاينىڭ 3-كۈنى (جۈمە)
يوللىغۇچى: توققۇزتارا ناھىيە قوي فېرما باشلانغۇچ مەكتەپتە
مەنبە : ئالىي مەكتەپتىكى كۈندىلىك خاتىرەمدىن
http://www.alkuyi.com/asar/show.php?mid=5767 |
|