- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 108
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- UID
- 10201
- يازما
- 108
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- توردا
- 3 سائەت
|
غېرىل ئەپەندى!
ئادەمنى ھەقىقىي توغرا يولغا باشلايدىغان، ئادەمنى ئېسىل قىلىدىغان نەرسە يەنىلا دىن( ئىسلام دىنى) دىن ئىبارەت. دىندىن ئايرىلغان پەن- تېخنىكا ئىنسانلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بەلكى ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆز خۇداسىنى تونۇمىغان، رازى قىلىشقا تىرىشمىغان دۇنياۋىي ئالىمدىن ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان، ساۋادى چىقمىغان تەقۋادار مۇسۇلمان ياخشىدۇر.
ئاخشام سىكايپىدا چەتئەلدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خەلقئارادىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرغا " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ ئۇچۇر يوللىسام، ئۇ ئەپەندى ماڭا "سالام" دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. بايا مەھەللىدە ساۋادسىز دېھقان بوۋايلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام بەرگەنىدىم، ئۇلار "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئۇ كاتتا ئالىمنىڭ سالىمىمغا بەرگەن جاۋابى مېنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.
شۇڭا دەيمەن، ئۆز رەببىنى تونۇمىغان، ئىتائەت قىلىشنى بىلمىگەن دۇنياۋىي ئالىمدىن، ياراتقۇچىسىدىن قورقىدىغان، قەلبى پاكىز ئاددىي ئادەم مېنىڭ نەزەرىمدە ياخشىدۇر. ئۆزىنىڭ "قۇل" ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ئىنسان ھەرگىزمۇ باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ.
شۇڭا مەن يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئاز تولا پەننىي بىلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇلارنى ئانچە ئۇلۇغلاپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسىنى بېرەلمىدى.
رىماتىزىم كېسىلى بار بىر ئادەم تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا كىرسە، دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن كارى بولماي رىماتىزىم كېسىلىنى داۋالاشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇۋالسا بىمارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
ئەجابا سىز ئاشۇ دوختۇر بىمارنى رىماتىزىم ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيلەمسىز؟ |
|