ئۇنۋېرىستىت ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ئىنسانىي پەزىلەت
مۇتەپپەككۇر
كىچىكىمىزدىن باشلاپ « ئوقۇتقۇچى - ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ كەلدۇق. ئەمما مەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھازىرقى كۆز ئالدىمدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قۇرۇق شوئار دەپ قارايمەن. بۇنداق قارىشىمنىڭ مەلۇم ئاساسلرى بار.
تۆۋەندىكى سوئاللارنى ئويلىنىپ باقايلى: بىر ئادەمنىڭ (ياكى سىزنىڭ) ئىدىيە جەھەتتىن ھازىرقىدەك ھالغا كېلىشىدە ئوقۇتقۇچى قانچىلىك تەسىر كۆرسەتتى؟ قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلىدى؟ قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىك دەرسى ئۆتۈپ باقتى؟ قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ توغرا دۇنيا قاراش تىكلىشىگە ياردەم قىلالىدى؟
ھازىرغا قەدەر ماڭا بىرەر قېتىممۇ «ئادىمىيلىك دەرسى» ياكى «قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش دەرسى» ۋە ياكى ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ قانداق ياشاش كېرەك؟ دېگەنلەرگە جاۋاب تاپىدىغان دەرس ئۆتۈلۈپ باقمىدى دەپ قارايمەن. بەلكىم باشقا تورداشلىرىممۇ بۇنداق دەرسنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسا كېرەك. ئەمما، يۇقارقىلار ئۆزىنى ئادەم دەپ قارىغان ھەر بىر مەخلۇق چوقۇم بىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاساسىي بىلىم ئىدى. ئەپسۇس، نۇرغۇنلىغان « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز روھىغىمۇ ئىنژىنىر بولالمىغانلىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ تۇرماقتا. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتەلىسۇن؟ ( يۇقارقىلار پۈتۈنلۈك ئەمەس، ھەقىقىي ئىنژىنىرلارمۇ باردۇ بەلكىم).
تۆۋەندە مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ماڭا بىۋاستە دەرس ئۆتۈپ باققان، بىۋاستە پاراڭلىشىپ باققان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ دەرستىن سىرتقى تەربىيەلىرى ۋە پاراڭلىرىنىڭ كاللامدا ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىملىرىنى يىغىنچاقلىغان ئاساستا بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:
1. تەييارلىق ئوقۇۋاتقان چاغدىكى سىنىپ مەسئۇلۇم خەنزۇ، ئەر، 50 ياش ئەتراپىدا، مۇئاۋىن پروففىسور.
بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ئىنتايىن خۇشچاقچاق بولغاچقا، دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرستىن سىرتقى سوئاللارنى سوراپ پاراڭلشالايتتۇق. گەرچە بۇ ئوقۇتقۇچى دىنسىز بولسىمۇ، ئەمما، ئادىمىيلىك پەزىلىتى خېلى ياخشى ئىدى. ئۇ بىزگە تۆۋەندىكىدەك تەربىيەلەرنى قىلاتتى:
ھاراق- تاماكا سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق، ئۇنداق نەرسىلەرگە يېقىنلاشماڭلار. مەن ھازىرغا قەدەر ھاراق تاماكىغا يولاپ باقمىدىم، شۇڭا ھازىرغىچە بىلەن چىرايىمغا قورۇقمۇ چۈشمىدى. مەكتەپ بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى 7 كىلومىتىر كېلىدۇ، لېكىن مەن ۋىلىسپىت بىلەن كېلىمەن، سالامەتلىكىم ئىنتايىن ياخشى. بۇلار مېنىڭ ھاراق تاماكىغا يېقىنلاشمىغانلىقىمدىن بولغان.
ـ مۇئەللىم، سىز چوشقا گۆشى يەمسىز؟
ـ چوشقا بەك مەينەت نەرسە، مەن چوشقا گۆشى يىمەيمەن، قوي گۆشىگە ئامراق. ئايالىم بىلەن بازارغا چىقساق، ئىككىمىز ئىككى ئاشخانىغا كىرىمىز، ئۇ چوشقا گۆشىنى يەۋېرىدۇ، مەن چوشقا گۆشى يىمىگەچكە مىللىيچە ئاشخانىلارغا كىرىمەن.
بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزىنىڭ پەرزەنت باشقۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلىگەندە مۇنداق دەيتتى:
_ مېنىڭ بىر قىزىم بار، ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇيدۇ. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ يېڭى يوق كىيىملەرنى كىيىشىگە، چاچلىرىنى بۈدۈرە قىلىپ ياسىتىۋېلىشىغا، پاخپايتىۋېلىشىغا، تار، غەلىتە ئىشتانلارنى كىيىۋېلىشىغا، كۇسار بىلەن يۈرۈشىگە يول قويمايمەن. بۇنداق ئىشلارنى بەك يامان كۆرىمەن. قىز بالا دىگەن ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلار ئاددىي- ساددا كىيىنىشى، ئوقۇغۇچىلىق سۈپىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
يۇقارقىلار ماڭا بىر يىل سىنىپ مەسئۇلى بولغان دىنسىز ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارغا دائىم دەيدىغان سۆزلىرىنىڭ يىغىنچاقلانغان بىر قىسمى. نۇرغۇن «مۇسۇلمان» ئوقۇتقۇچىلىرىم يۇقارقى دىنسىز ئوقۇتقۇچىچىلىك تەربىيە بېرىپ باقمىدى.
2. تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدىكى خىمىيە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئازراق سۆزى يادىمدا قاپتۇ.بۇ ئوقۇتقۇچىمىز 50 ياشلاردىن ئاشقان ئەر، ئۇيغۇر. ئورگانىك خىمىيە دەرسىنى سۆزلەۋاتقاندا، ئوقۇتقۇچىمىز مۇنداق دېدى:
ـ نىفىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بەك كۆپ. ئۇنىڭدىن ماشىنىلارنىڭ يېقىلغۇلىرى، سۇلياۋ ماتىرىياللار، كىيىم كېچەكلەر ياسالغاندىن سىرت، قورساققا ئىستىمال قىلىنىدىغان نەرسىلەرمۇ ياسالماقتا. ھازىر ئىسپىرىتمۇ نىفىتتىن ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇنداق ئىسپىرىت ئادەم بەدىنىنى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەيدۇ. ھاراق زاۋۇتلىرىدا ئاساسەن نىفىتتىن ئايرىۋېلىنغان ئىسپىرىتنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ھاراقلارنىڭ ئادەمنى زەھەرلەش كۈچى بۇرۇنقى بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈك ماددىلاردىن ياسالغان ھاراققا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك. شۇڭا ساۋاقداشلارنىڭ ئىسپرىتلىق ئىستىمال بۇيۇملىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار زەھەرلىمەڭلار.
ـ قىزلار دەرس ۋاقتىدا سېغىز چاينىماڭلار، مەن سىلەرنىڭ داداڭلاردەك ئادەم، مېنى ئاز-تولا ھۆرمەت قىلىپ قويۇڭلار، باشقىلارنىڭ ئالدىدا سېغىز چايناپ، ئېتىلدۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ يۈرۈش تولىمۇ ھۆرمەتسىزلىك.
يۇقارقى ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئانچە كۆپ تەربىيە بەرمىگەن بولسىمۇ، ھىچ بولمىغاندا ھاراقنىڭ زىيىنىنى خېلى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنى بۇ يازمىغا قىستۇرۇشۇمدىكى ئاساسىي مەقسەت، تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ سۆز – ھەرىكىتى يۇقارقىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغانلىقى، يەنە بىرسى، ئېسىمدە قالغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تەربىيىۋى خارەكتىرلىك سۆزلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش.
3. كەسىپكە چۈشكەندىن كېيىنكى سىنىپ مەسئۇلىمىز: ئەر، ئۇيغۇر، 50 ياشلار چامىسىدا، مۇئاۋىن پىروففېسور، ياپونىيەدە ئوقۇپ كىرگەن. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز گەرچە سىنىپ مەسئۇلىمىز بولسىمۇ، ئانچە كۆپ يىغىن ئاچمايدۇ. يەكشەنبە كۈنى كەچتىكى سىنىپ يىغىنىنىمۇ ئاچمايدۇ. پەقەت ھېيت- بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇنراق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېردىغان ئىشلار بولۇپ قالسا يىغىن ئېچىپ قويىدۇ.
بىر قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئالدىدا سىنىپ مەسئۇلىمىز يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق مەزمۇن تۆۋەندىكىلەر بولدى:
ـ بايرامدا ئۆيىگە قايتمايدىغانلار سىرتلاردا قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭلار. مەكتەپ ئىچىدە ھاراق ئىچمەڭلار. ئامال بار رېستۇرانلارغا بېرىپ يىغىلىش ئۆتكۈزمەڭلار. ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرمەڭلار. گەپ ئېنىق بولسۇن: مەكتەپ سىرتىدا قانداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ئەمما ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرمەڭ، مەس ھالىتىڭىزدە مەكتەپ ئىچىگە كىرمەڭ!
يۇقارقى تەربىيەنىڭ مەزمۇنىنى تورداشلار چۈشەندى، دەپ قارايمەن. ھاراق ھارام دەپ ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئەنە شۇنداق تەربىيە قىلىندى. يۇقارقىدەك تەربىيە پەقەت شۇ بىر قېتىملا بولمىدى. 4- ئاينىڭ بېشىدىكى قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغان چاغدىمۇ بىر قېتىم يىغىن ئېچىلدى. بۇ قېتىممۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق تىمىسى - ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرمەسلىك، بولدى.
ـ سىلەرگە سىرتتا ھاراق ئىچمە دېمىدىم. ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغان ھالىڭغا نەچچە بوتۇلكىنى ئىچىۋېلىپ، مەس ھالىتىڭدە مەكتەپكە كىرىپ، ئىش تېرىما. مەكتەپ سىرتىدا قانداق قىلساڭ قىل.
يۇقارقىلار ئالىي مەكتەپتە دەرس ئۆتىدىغان بىر پىروففىسورنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان تەربىيىسى. سىنىپ مەسئۇلى تۇرۇقلۇق، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا: ھاراقتىن يىراق تۇرۇڭلار، مەكتەپ سىرتىدىمۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، دېگەن گەپنى دېمىدى. ( بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىچىدىغانلىقى ئېنىق). ئىككى يىلدىن بېرى يۇقارقىلاردەك بىر نەچچە قېتىملىق يىغىندىن سىرت ، ئادىمىيلىك پەزىلەت، ياشاشتىكى نىشان، ئەقىدە- ئىتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە بىرەر قېتىممۇ تەربىيە قىلىپ باقمىدى.
4. فىزىكا دەرسى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىمىز. ئەر، ئۇيغۇر، 45 ياشلار چامىسىدا. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە دەرستىن سىرت ئانچە كۆپ تەربىيە بېرىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، دەرس ۋاقتىدا سەل ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولۇپ قالسىلا مۇنداق دەيتتى:
ـ تىنىچلىنىڭلار! مېنىڭ دەرسىمدە ئۈچ ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ: بىرىنچى، پاراڭ سېلىشقا بولمايدۇ. ئىككىنچى، فىزىكا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ياكى كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۈچىنچى، فىزىكا تەجرىبە دوكلاتى يېزىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلساڭلار كارىم يوق. پاراڭ سالمىساڭلارلا، ئۇخلىساڭلارمۇ مەيلى. ھازىر MP3 دەيدىغان بىر نەرسە چىقتى، ئۇ نەرسە بەك قولايلىق، نەچچە يۈز ناخشا پاتىدۇ. دەرس ئاڭلاش خوشياقمىسا شۇنى قۇلىقىڭلارغا تىقىۋېلىپ ناخشا ئاڭلىمامسىلەر؟ ياكى بولمىسا رومان ئوقۇساڭلارمۇ بولىدۇ، كۇتۇپخانىدا رومان كىتابلار ئىنتايىن جىق.
ـ پاراڭنى توختىتىڭلار! قۇلىقىم ئاغرىپ كەتتى، پاراڭ سالماي ئۇخلىساڭلار بولمامدۇ؟ دەرس زادى خوشياقمىسا چىقىپ كەتسەڭلارمۇ بولىدۇ، رۇخسەت. بىر ئىش يادىڭلاردا بولسۇن، فىزىكىدىن ئىمتاھان بار!
ـ ھەي باللا، فىزىكىدىن ئىمتاھان ئېلىنىدۇ! (ئەمەلىيەتتىغۇ، ئىمتاھان ئالىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلەتتۇق، ئىمتاھان ئېلىش نورمال ئىش ئىدى، لېكىن مۇئەللىم دائىم شۇنداق دەپ قوياتتى).
مۇئەللىمنىڭ دېگىنىدەك، مەۋسۇم ئاخىرىدا راستلا فىزىكىدىن ئىمتاھان ئېلىندى. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدى، تەتىلدىن كېيىن تۇلۇقلىما ئىمتاھانغىمۇ قاتنىشىپ باقتى، لېكىن بىرسىمۇ ئۆتەلمىدى.
ئىككىنچى مەۋسۇمدا فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئالماشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچىمىز، يۇقارقى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەل ئەكسىچە، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاشقا قەتئىي يول قويمايتتى. ئالدىنقى مەۋسۇمدا ئوقۇتقۇچى پاراڭ سالماڭلار، دەپ قاخشىغانسىرى سىنىپتا پاراڭ ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەن بولسا، كىيىنكى مەۋسۇمدا، ئوقۇتقۇچى پاراڭ سالماڭلار، دېگەن گەپنى قىلىپ باقمىدى. لېكىن، بىر مەۋسۇم تۈگىگىچە فىزىكا دەرس ۋاقتىدا سىنىپ ئىنتايىن تىنىچ بولدى. بۇ قېتىمقى ئىمتاھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى ئالدىنقى مەۋسۇمدىكىدىن خېلى يۇقىرى بولدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز دەرستىن سىرت، ئەخلاق – پەزىلەت، ئادىمىيلىك جەھەتلەردە ئانچە تەربىيە قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا ئايرىم توختالمىدىم، ئالدىنقى ئوقۇتقۇچىغا سېلىشتۇرما بولۇشى ئۈچۈنلا يوللاپ قويدۇم.
5. ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز: ئەر، ئۇيغۇر، 45 ياشلار چامىسىدا.
بۇ ئوقۇتقۇچى ئالدىنقى يىلى بىر نەچچە قېتىم مەستلىكى يېشىلمىگەن ھالەتتە، بەزىدە ھاراق پۇراپ تۇرغان ھالەتتە دەرسكە كىرگەن ئىدى. شۇ چاغدىلا بۇ ئوقۇتقۇچىنى زابوي مىكىن دەپ ئويلايتتۇق. لېكىن بىرەر قېتىممۇ تاماكا چەككنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئىككى يىلدىن بېرى دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، سىنىپتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى ئىدى.بىر قېتىملىق دەرستە مەن ئەڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىدىم دەرس ئارىلىقىدا مۇئەللىم پارتامنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان چاي قۇتىسىنى ئېلىپ قۇتىنىڭ ئاغزىغا چاي قۇيۇپ خۇددى ھاراق كۆتۈرگەندەك ئىچتى. ئاندىن ماڭا قاراپ چاقچاق تەلەپپۇزىدا:
ـ بىرەر رومكا كۆتۈرۈپ قويامسەن؟ دېدى.
مەنمۇ چاقچاق تەلەپپۇزىدا:
ـ ياق، ئىچمەيمەن. مەن ئۆمرۈمدە ھاراق- تاماكىغا يولاپ باقمىدىم، ھاراقنىمۇ ئىچەمدۇ؟ ۋاسكىتبول مەيدانىغا پىۋىنى داڭلاپ لوزىنكىلارنى ئېسىۋېتىپتۇ، ئىچمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز، دېگەندەك خەتلەر باركەن. مەكتەپ ئىچىگە ھاراقنىڭ ئېلانلىرىنى ئېسىۋەتسە، بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟، دېدىم.
ـ پىۋە دىگەن ئادەتتىكى ئىچىملىك ئەمەسمۇ؟
ـ پىۋىدىمۇ ئىسپىرىت بار، ئادەمنى مەست قىلىدۇغۇ؟ مەست قىلغان ئىچىملىك ھەممىسى ھاراق.
ـ تاماكىنىغۇ چېكىدىغان نەرسە ئەمەس، ھاراقنى ئاز- تولا ئىچىپ قويسا نېمە بوپتۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، رەددىيە بەرمەكچى بولدۇم:
ـ مۇئەللىم، ئۇيغۇرلار چوشقا گۆشى يەمدۇ؟
ـ ياق.
ـ نىمىشقا؟
ـ چوشقا گۆشى ھارام تۇرسا!
-ھاراق ھارام ئەمەسمۇ؟ ھاراق تېخى چوشقا گۆشىدىنمۇ بەكراق زىيانلىق. ھاراق ئىچىپ مەست بولغان ئادەم چوشقا گۆشىنىمۇ يېيىشى مۇمكىن.
ـ چوشقا دېگەن مەينەت نەرسىلەرنى يەيدۇ، شۇڭا ھارام. ھاراقنى دېگەن ئۈزۈمدىن، بۇغدايدىن ياسايدىغان تۇرسا!
ـ ئۇنداقتا، توخۇمۇ پوخ يەيدۇ، لېكىن توخۇ گۆشىنى يەيمزغۇ؟ پاكىز نەرسىدىن ياسىغانلىقى ئۈچۈنلا ھالال بولۇپ قالمايدۇ.
يېنىمدىكى بالا سۆز قىستۇردى:
ـ مۇئەللىم، قۇرئاندا ھاراق ھارام دەپ باركەن، شۇڭا ئۇنى ئىچسەك بولمايدۇ.
ـ ئاڭلىسام قۇرئاندا چوشقا گۆشىنىمۇ ئۆلۈپ قالغىلى تۇرغان ئادەم بىر چىشلەم يېسە بولىدۇ دەپ باركەنغۇ؟ دېدى مۇئەللىم.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن سۆز قىستۇردۇم:
ـ ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇچىلىك مىقداردا يېسە ھىچنىمە بولمايدۇ، لېكىن كۆپ يېسە بولمايدۇ.
ـ ھاراقمۇ كېسەلگە پايدا قىلىدۇغۇ؟ قان- تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى .. دېگەندەك كېسەللەر ئاز تولا ئىچىپ قويسا كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ، ئاز- تولا ئىچكەننىڭ ھىچ زىيىنى يوق.
ـ مۇئەللىم، ئاشۇ كېسەللەرنىڭ ھاراقتىن باشقا ھا؛لال نەرسىلەردىن بولغان دورىسى بار، ھارام نەرسىنى پايدا قىلىدۇ، دەپ ئىچكەندىن، ھالال دورىلىرىنى تېپىپ ئىچسە بولىدۇغۇ؟
ـ ئۇ دورىلار قىممەت تۇرسا؟ ھاراقنى بر بوتۇلكا ئېلىپ قويۇپ، كۈندە كىچىك بىر رومكا ئىچىپ قويسا، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. ئېشەكنىمۇ ھارام دەپ يېمەيمىز، لېكىن ئېشەك سۈتى تۇتقاقلىق كېسىلىگە پايدا قىلىدىكەن. ياشلار باغچىسىنىڭ ئالدىدا ئېشەك سۈتى ساتىدىغان دۇكان بارغۇ. كېسەل ئادەم ئىچسە ھىچنىمە بولمايدۇ. مەن ساڭا ھاراقنى مەست بولغۇچە ئىچ، دېمىدىم. كۈندە ئاخشىمى بىرەر رومكا ئىچىپ قويسا ئادەم روھلۇق بولىدۇ.
ـ ھاراق دېگەن ئاز ئىچسمۇ ھارام، جىق ئىچسمۇ ھارام. ئاز ئىچىپ، بارا- بارا كۆپ ئىچىشكىمۇ ئۆگۈنۈپ قالىدۇ.
ـ ئۇ دېگەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. نېمىشقا ئۆگۈنۈپ قالغۇدەك؟ مەلۇم ئۆلچەم بويىچە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. ئادەمگە زىيان قىلمايدۇ.
ـ مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئاز ئىچكەن بولسىمۇ يەنىلا زىيانلىق. ئاز ئىچكەندىكى كىچىككىنە پايدىنى كۆرۈپ، زىياننى كۆرەلمىگەن بىلەن، زىيان يەنىلا پايدىدىن چوڭ بولىدۇ. قانداقلا بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئاللاھ زىيانلىق بولمىسا ھارام قىلمايتتى.
ـ بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بار ئىدى. تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئىدى، ئۇنىڭغا كۈندە ئاز مىقداردا ھاراق ئىچىپ بەرسە پايدا قىلىدۇ، ئىشەك سۈتى ئىچسە بولىدۇ، دېسە، ھارام نەرسىنى ئىچمەيمەن دەپ تۇرىۋېلىپ، رەمەتلىك قازا قىلىپ كەتتى.
ـ مۇئەللىم، ئۆمۈرنى بىرەر مىنۇتمۇ ئۇزارتقىلى بولمايدۇ. قۇرئاندىمۇ شۇنداق دە باركەن. ھاراق ئىچمىگەچكە ئۆلۈپ كەتتى، دېسەك بولمايدۇ.
تەنەپپۇس ۋاقتى توشۇپ كەتتى. لېكىن مۇئەللىمنىڭ گېپى تۈگىمىگەن ئىدى. ئۇ دەرس سۆزلەش مۇنبىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەنە بايىقى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
_ سىلەرنى ھاراق ئىچىڭلار، دېگەنلىكىم ئەمەس، لېكىن ئۇ نەرسە بەزى چاغلاردا ئادەمنى جۇشقۇن، روھلۇق قىلىدۇ. ئىش خوشياقمىغان چاغلاردا ئازراق ئوتلاپ قويسا، ئىشنى ئوبدان قىلغىلى بولىدۇ. ئادەمدىكى روھىي بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. ئۆتكەندە بىر قىز مەكتەپنىڭ ئائىلىكلەر قوروسىنىڭ 17- قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى، ئۇ قىز بەك جىمغور، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى ياقتۇرمايدىغان، ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئۆزىگە بەك بېسىم قىلىۋالىدىغان قىز ئىدى، مانا، روھىي بېسىم سەۋەبىدىن ئۆززىنى ئېتىۋالدى. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارغا بەزى ئىشلارنى بېسىم قىلىۋالماڭلار، ئۆگىنىش قىلىمەن دەپ ئۆزۈڭلارنى مەجبۇرلاۋەرمەڭلار، ئاز- تولا ئويۇن تاماشا سورۇنلىرىغىمۇ بېرىپ قويۇڭلار، بەزىدە ھېلىقى نەرسىنى ئاز- تولا كۆتۈرۈپ قويغانغا ھىچنىمە بولمايدۇ.
يۇقارقىلار ئالىي مەكتەپتىكى خېلى يۇقىرى سەۋىيىلىك ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قىلىشقان پارىڭى.
6. ئىلىكتىر ئىلمى دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز. ئەر، ئۇيغۇر، 50 ياشتىن ئاشقان. ياپونىيە قاتارلىق چەت دۆلەتلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ كىرگەن. كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى. شۇ سەۋەبتىن، بىزگە ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلىك كىتابنى ئانچە ياراتمايدۇ، ھەمىشە كىتابتىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ سەۋىيىمىزدىن قەتئىي رازى بولمايدۇ، بىزنى ھىچ نىمە بىلمەيدىغاندەك قاتارغا چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى تىرىشچانلىقىنى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەرس ئارىلىقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تەربىيەلىرىنىڭ بىر قىسمىنى سۆزلەپ بېرەي:
ـ مېنىڭ غورۇرۇم بەك كۈچلۈك، شۇڭا سىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويىمەن. مىللىتىمىزنىڭ ئادەملىرى تەييارتاپ، نادان بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئادەم دېگەن ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، مىللىتىنى ئويلاش كېرەك! مەن مىللىتىمنى ئويلايمەن، شۇڭا سىلەرگە ھەقىقىي بىر نەرسە بىلدۈرەلىگۈدەك دەرس ئۆتىمەن، بولمىسا، بەزى ئوقۇتقۇچىلاردەك دەرس ۋاقتىدا كىرىپ دەرسىمنى ئۆتۈپ قويۇپ، دەرستىن چۈشۈپلا ئۆيۈمگە كېتىپ، سىلەر بىلەن ئانچە كارىم بولمىغان بولسىمۇ يەنە مۇشۇ مائاشىمنى ئالىۋېرەتتىم. لېكىن، بۇنداق قىلىشقا مېنىڭ غورۇرۇم يول قويمايدۇ.
ـ قايسىڭلار دەرس ۋاقتىدا مەن ئۆتۈۋاتقان كىتابتىن باشقا كىتابنى ئالدىڭلارغا ئېلىۋالىدىكەنسىلەر، قايسىڭلار دەرس ۋاقتىدا تاپشۇرۇق كۆچۈرىدىكەنسىلەر، ئۇدۇل بېرىپ ئاشۇ كىتاب- دەپتەرنى يىرتىۋېتىمەن. قايسىڭلار تېلىفۇن ئوينايدىكەنسىلەر، تېلىفۇننى چېقىۋېتىمەن، دەرس ۋاقتىدا تېلىفۇننى ئېتىۋېتىڭلار.(ھەقىقەتەن، بىرسىنىڭ كىتابىنى تارتىۋالدى، بىرسىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى يىرتىۋەتتى).
ـ ئادەم دېگەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى كېرەك، ئويۇن ئوينايدىغان ۋاقىتتا ئويناش كېرەك، دەرس ۋاقتىدا كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلاش كېرەك. دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولۇپ قانچە ئوينىسىڭىز بولىدۇ. مەنمۇ ياش چاغلىرىمدا تازا ئوينايتتىم، لېكىن ئويۇننى ئۆگىنىشكە پۇتلاشتۇرمايتتىم، تانسىغا ئەجەپ ئۇستىتىم. ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولسا بولىۋېرىدۇ.
ـ ماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتورنىڭ ھەرىكىتى ئۆز- ئارا ماس بولىدۇ. بىر ئوغۇل بالا بىلەن بىر قىز بالا تانسا ئويناۋاتقان چاغدا پۇتلىرى ئۆز- ئارا ماس كەلمىسە بولامدۇ؟ ماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتور دېگەن ئوغۇل- قىز تانسا ئوينىغاندا قەدەملىرى ماس كەلگەندەك ئۆز- ئارا ماس قەدەمدە ھەرىكەتلىنىدىغان نەرسە.
ـ مەن بىلەن بىللە ئوقۇغانلار يېزىلاردا ئىشلەپ يۈرىدۇ، مەن ياخشى ئوقۇغان بولغاچقا، بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. بالىلىرىمنى ئېسىل مەكتەپلەردە ئوقۇتتۇم، ئازادە ئۆيۈم بار، ماشىنام بار. بەزىلەرنىڭ بىر ئايلىق مائاشىغا مېنىڭ ماشىنامنىڭ بىر تال چىرىغىمۇ كەلمەيدۇ، ياخشى ئوقۇمىغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ-دە! ياخشى ئوقۇساڭلار گوڭۋۇيۈەن ئىمتاھانىدىن قىينالمايسىلەر، ئاتا- ئاناڭلارغا خىزمەت تېپىپ بەر، دەپ بېسىم قىلمايسىلەر. ياخشى ئوقۇغانلارغا كادىر بولۇش ئانچە تەس ئەمەس.
ـ دەرسنى نىمانداق چۈشەنمەيسىلەر؟ بۇنى تېخى ئالدىنقى كۈنى سۆزلىمىدىممۇ؟ سىلەر ھازىر مەس بوپ قاپسىلەر! مەس ئادەم گەپ چۈشىنەمدۇ؟ سىلەرنىڭمۇ ئەقلىڭلار مەست بوپ قاپتۇ. مەستلىكىڭلاردىن ئەمدى يېشىلىڭلار! ھە راست، ئەتىگەندە دەرسكە كىرىشتىن بىر سائەت بۇرۇن كەلگەنتىم، ئەنە ئاۋۇ ئۇكام كۆردى، بىنانىڭ كىرىش ئىشكنىڭ يېنىدا ھاراق بوتۇلكىلىرى، بوتۇلكا سۇنۇقلىرى، قەغەزلەر چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئىچىدىغان نەرسىنى بۇ يەردە ئىچىپ مەست بولۇشۇپ ئۆزەڭگە ئىش تېپىۋېلىشما! ئىچىدىغان سورۇن دىگەن ئايرىم، بۇ دېگەن ئوقۇيدىغان جاي. ئوقۇش بىلەن ئويۇن- تاماشىنى ئايرىشىڭلار كېرەك. ئىككىسىنىڭ سورۇنى، ۋاقتى باشقا- باشقا.
ـ بۈگۈن ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇغۇ؟ بۇ ئۈچ كۈندە كىتابنى باشتىن باشلاپ قايتا كۆرۈپ چىقىڭلار، بولمىسا دەرس ۋاقتىدا ماڭا تۇتۇلۇپ قالىسىلەر. ئويۇننى ئاخشىمى ئوينىسا ياخشى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرمۇ كۈندۈزى ئىشلەپ ئاخشىمى ئارام ئالىدۇ. ياش ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ تازا ئوينايتتىم، ئىچەتتىم. لىكىن دەرسكە پۇتلاشتۇرمايتتىم سىلەرمۇ كۈندۈزى ئۆگىنىشنى تازا قىلىپ، ئاخشىمى تازا ئوينىمامسىلەر! ئۇسسۇل- تانسا دېگەن ئاخشىمى بەك قىززىيدۇ، ھېلىقى سەكرەپ ئوينايدىغان يەردىمۇ ئاخشىمى ئوينىسا بەك قىززىيدۇ. ئىچسەڭلارمۇ ھىچقىسى يوق، ياش بولغاندىكىن ھىچنىمە بولمايدۇ.
يۇقارقىلار چوڭ بىر ئۇنىۋېرىستىتتىكى، چەتئەللەردە ئوقۇپ كىرگەن، ئۆزىنى ئىنتايىن غۇرۇرلۇق چاغلايدىغان، «مىللىتىنى سۆيىدىغان»، بىلىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر پىروففېسورنىڭ بىر نەچچە ئاي جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېيتقان دەرستىن سىرتقى تەربىيە خارەكتىردىكى سۆزلىرى.
7. كومپىيوتىر ئاساسىي بىلىملىرى دەرسىنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز. ئەر، ئۇيغۇر، 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغان. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە دەرستىن سىرت تەربىيە بەرمەيدۇ، سىنىپقا كىرىپ دەرسنى ئۆتىدۇ، چىقىپ كېتىدۇ. ئەمما، بىر قېتىم دەرس ئارىلىقىدا قىلغان سۆزى قەتئىي يادىمدىن چىقمايدۇ:
بۇ مۇئەللىم ياشىنىپ قالغان ھەم بىر خىل مۇلايىم بولغاچقا كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنەتتى. بىر قېتىم دەرس ئارىلىقىدا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. سىنىپتا ياغلىقنى چۆكۈرۈپ چىگىدىغان، ئۇزۇن كۆينەك كىيىدىغان بىر قىز بار ئىدى. ھېلىقى قىز مۇئەللىمگە كۈلۈپ تۇرۇپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلدى. لېكىن مۇئەللىم «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» دېمەستىن، ياخشىمۇ، دەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز مۇئەللىمگە سالامغا جاۋاب قايتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە باشلىنىپ قالدى:
ـ سىز ياغلىقنى بۇنچە چۆكۈرۈپ چىگىپ، قۇلاقنى ئېتىۋالسىڭىز دەرس ئاڭلىيالامسىز؟
ـ مۇئەللىم، قىزلارنىڭ چېچى كۆرۈنۈپ قالسا بولمايدۇ. ئاللاھ بىزگە ئەۋرەتلىرىمىزنى يېپىشنى بۇيرىغان.
ـ بۇنچە چىگىۋالمىسىمۇ بولار. كۆڭلىكىڭىزمۇ بەك ئوزۇنكەن، يول ماڭغاندا يەرنى سۈپۈرۈپ ماڭسا، مەينەت بولار؟ ئىسلام دىنىدا پاكىز، رەتلىك بولۇش تەكىتلىنىدىغۇ؟
ـ بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ مۇئەللىم، مۇسۇلمان بولغاندىكىن مۇشۇنداق كىيىنىشىمىز كېرەك.
ـ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولغاندىكىن، گۇنا ئىش قىلماي، ئۆزىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇپ، باشقا ئىشلارنى كۆڭلىڭىزدە بىلسىڭىز بولدى ئەمەسمۇ؟
ـ كۆڭۈلدە بىلىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە قىلمىسا قانداق بولىدۇ؟
ـ خۇدا نىيەتنى بىلىپ تۇرىدۇ، شارائىتقا بېقىپ ئىش قىلسىمۇ، نىيەت توغرا بولسىلا خۇدا كەچۈرىدۇ.
چاچلىرىنى ئالاھىدە ياسىتىۋالغان، غەلىتە كىيىملەرنى كىيىۋالغان بىر قىز سۆز قىستۇردى:
ـ شۇنى دەيمەن، ھەممىدىن نىيەت ئەلا. ئۇزۇن كىيىمنى كىيىۋالغانغىلا ھېساب ئەمەس، ئۇنداقلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. خۇدا نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ، نىيەت ياخشى بولسىلا بولدى.
بۇ قىز يۇقارقى سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياسىنىشىنى ۋە تىزىنىمۇ ياپالمايدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدى. مۇئەللىم بولسا ھېلىقى قىزنىڭمۇ باشقا قىزلاردەك چىرايلىق ياسىنىپ، « رەتلىك، پاكىز» كىيىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ۋە شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتەتتى. نىيەت ئەۋزەل دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت ئەيبىنىمۇ، خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن ئامالسىز قىلىۋاتقان ئىش، كاللىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، دېگەندەك باھانىلەر بىلەن خاتا ئىشنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى. بۇ 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بىر بوۋاينىڭ سۆزلىرى ھەم ئىدىيىسى.
8. C تىلى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز. ئايال، ئۇيغۇر، 30 ياشتىن ئاشقان. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە ئىنسانىي پەزىلەت، ياشاشنىڭ مەنىسى، مەقسىتى... دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئازراقمۇ سۆزلەپ باقمىدى. كومپىيوتېرخانىدا ئەمەلىيەت دەرسى ئۆتكەن چاغدا دائىم مۇنداق دەيدۇ:
ـ QQ نوڭ چاڭ ئويناۋاتقانلار، شياۋ نېي ئېچىۋالغانلار ئويۇننى توختىتىڭلار، بولمىسا جىزاڭلارنى ئۆچۈرىۋېتىمەن.
نەزەرىيە دەرسى ۋاقتىدا دەرس ئارىلىقلىرىدا ناخشا قويۇپ بېرىدۇ:
ـ قايسىڭلارنىڭ يۇ پەنىدە ناخشا بار؟ قويۇپ بېرەي. ھىچقايسىڭلاردا يوقما؟ بوپتۇ ئۆزەمنىڭكىدىكىنى قويۇپ بېرەي ئەمىسە.
ـ قايسىنى قويۇپ بەرسەم بولار؟ ئەمسە تاھىرـ زۆھرەنى قويۇپ بېرەي- ھە! پاراڭنى توختاتمىساڭلار ئاڭلىيالامسىلەر؟ بۇنداق پاراڭ قىلىشىپ تۇرىۋالساڭلار ناخشا قويغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى؟
يۇقارقىسى بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ھەر ھەپتە دەرس ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇتتا بىزگە دەيدىغان گېپى ۋە بىزگە قىلىپ بېرىدىغان ئىشى. بىر مەۋسۇم دەرس ئۆتۈپ، بىرەر قېتىممۇ ئىنسانىيلىق، ھاياتلىق، غايە... توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ باقمىدى.
9. «شىنجاڭ تارىخى ۋە مىللەت – دىن سىياسىتى» دەرسىنى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىمىز. قازاق، ئايال، 35 ياشلاردا. ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە دەرس ئۆتكەندىن سىرت، ئازراقمۇ تەربىيە بېرىپ باقمىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئۆتكەن مەزگىلدە، ئائىلىمىزدە مۇسىبەت بولغانلىقتىن، مىللىي ئادەت بويىچە دوپپا كىيىۋالغانىدىم ( بىر مەزگىلدىن كېيىن، مەكتەپتىكى بەزى كىشلەرنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلىقى ۋە باشقىچە گۇمانلاردىن خالىي بولۇش ئۈچۈن كىيمىدىم). مۇئەللىمنىڭ نەزەرىدە، دوپپا كىيىۋالغانلىقىم ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىمىمنىڭ يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى ياكى، دىندارلىقىمنىڭ كۈچلۈكرەك بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك، كىتابنىڭ «دىن سىياسىتى» قىسمىدا سۆزلىگەن چاغلاردا، دىنغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سوئاللارنى مەندىن سورايتتى. لېكىن، مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم تازا يۇقىرى بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ، دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ خەنزۇچىسىنى ئانچە بىلمىگەنلىكتىن، تازا جاۋاب بېرەلمەيتتىم. شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى ۋە پارتىيىنىڭ دىنىي ئىشلارغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇن سۆزلەنگەندە مۇئەللىم مۇنداق دېدى:
_ يەنئەن يولى دوقمۇشىدىكى ياڭخاڭ مەسجىتىنىڭ سېلىنىشىغا ھۆكۈمەت بىر نەچچە مىليون ياردەم قىلغان، مەن ئۇ مەسجىتنىڭ ئىچىنى زىيارەت قىلىپ چىققان. ئۇ مەسجىتنىڭ ئىچى ئىنتايىن كۆركەم بېزەلگەنىكەن، بەلكىم ئوغۇللار بىلىسىلەر. بۇ مەسجىت ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇن. سىرتتىن زىيارەتكە كەلگەنلەرگە ئاساسلىقى مۇشۇ مەسجىت كۆرسىتىلىدۇ. ( ھەقىقەتەنمۇ شۇنداقكەن، كۈزدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن چاغدىمۇ جۈمە نامىزىنى مۇشۇ مەسجىتتە ئوقۇدى).
بۇ ئوقۇتقۇچىمىز گەرچە ئۆزى دىن توغرىسىدىكى دەرسنى ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىمەن، دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما، دىنىي چۈشەنچىلىرى ئىنتايىن كەمچىل. ھىچ بولمىسا، مېنىڭ ئىسلام دىنىم قانداقتۇ، دېگەن خىيالدا بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمنى بىرەر قېتىم ئوقۇپ چىققاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ، ( دىنغا قارىتا چۈشەنچىسى ئېنىق بولماي تۇرۇپ،) ماركىسنىڭ دىن قارىشىنى بىزگە چۈشەندۈرىدۇ. ھەتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسجىتكە كىرىشىگە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى بىلمەيدىغاندەك، بىزنى مەسجىتلەرگە بېرىپ تۇرىدۇ، مەسجىتنىڭ ئىچىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
10. جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى دەرسىنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز. ئەر، ئۇيغۇر، 50 ياشتىن ئاشقان. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ خەنزۇتىلى ئېغىزچە سەۋىيىسى سەل تۆۋەن. خەنزۇچىنىمۇ ئۆز شىۋىسى بويىچە سۆزلەيدۇ، ئادەتتە دەرسنى ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز دەرسنى كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسىدە ئۆتىدۇ. لېكىن، كومپىيوتىر سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، تازا ياخشى ئىشلىتەلمەيدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم دەرسكە كىرىپلا:
ـ ماۋۇ ماشىنىنى قايسىڭلار ھەيدەيسىلەر؟ مەككىلە ئۇكام، ما ماشىنىنى ھەيدەپ بېرە.
مەن ئادەتتە ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچقا، چىقىپ، PPT دەرسلىكنى مۇئەللىمنىڭ دەرس سۆزلىشىگە ماسلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىمەن. مۇئەللىم دەرس سۆزلەۋېتىپ، بىرەرسىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا ئۇنى ئويغىتىدۇ. ئەگەر يېنىدا كىتابى بولمىسا:
ـ چىتابىڭ قېنى؟ داشۆسىڭ پالانى! چىتاپ بولمىسا قاندا ئوقۇيسە؟ داشۆسىڭدەك ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟
بۇ ئوقۇتقۇچىمىز «كىتاب» سۆزىنى قەستەن قەشقەر تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرغان بولىۋېلىپ «چىتاپ» دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە سۆزلىسىمۇ قەستەن ئۇيغۇرچە ئاھاڭغا سالىدۇ. ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورتاق تىلنى قوللىنىشقا، ھىچ بولمىغاندا، تىلنى قالايمىغان بۇزماسلىققا تىرىشمايدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە بىرەر قېتىم ھەقىقىي ئادىمىيلىك، ئىنسانىي پەزىلەت... قاتارلىقلار توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ باقمىدى، بەلكى، ئەخلاقسىزلىققا باشلىغۇچى سۆزلەر بىلەن چاقچاق قىلىپ قويىدۇ. بەزىدە بىرەرسىنىڭ تېلىفۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسە:
ـ قاچانلا قارىسام تېلىپۇندا سۈرەت كۆرۈپ يۈرىدىكەنسە، ھەر چىرايلىق سۈرەتلەر ئەتراپىڭدىلا بار ئەمەسمۇ؟
دەپ قويىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى خېلى قېرىپ قالغان بولسىمۇ، يۇقارقىدەك ھەم ئۇنىڭدىن سىرت بىمەنە چاقچاقلارنى دائىم قىلىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن ئەسەرمۇ يوق.
............................
ماڭا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار پەقەت ئۇلارلا ئەمەس. ئەمما، مېنىڭ ئېسىمدە ساقلىنپ قالغانلىرى( ئېسىمدە ساقلىنىپ قكالغۇدەك گەپ قىلغانلىرى) ئاساسلىقى ئاشۇلار. يۇقارقى دىئالوگ، بايانلاردا قىلچىلىكمۇ كۆپتۈرمە يوق. تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىپ، ناچارلىرىنىلا يېزىپ، ياخشى تەربىيەلىرىنى يازمىنىڭ ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىشلارمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇلار پۈتۈنلەي ھەقىقەت.
گەرچە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئالىي مەلۇماتلىق، «يۇقىرى ساپالىق» بولغان، جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار زىيالىيلارنى ۋە زىيالىي بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان، قىسقىسى، ئىلىم جەھەتتىن خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىشلەر بولسىمۇ، ئەمما، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى، ياشاشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئازراقمۇ توغرا چۈشەنچە بېرەلمىدى. ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان تۇرۇقلۇق، ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ھەقىقىي ئەخلاق -پەزىلەتنى ئوقۇغۇچىلىرىغا سىڭدۈرەلمىدى. ھەتتا، بۇنداق ئەخلاق پەزىلەتلەردىن ئۆزلىرىمۇ مۇستەسنا.
كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق ئىتىقادسىز، ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن، پەقەت ماددىي مەنپەئەت ۋە ماددىي تەرەققىياتنىلا ئاساسىي نىشان قىلىۋالغان، شۇنداقلا، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ماتىريالىستىك نۇقتىئىنەزەردىن كېلىپ چىققان خاتا ئىدىيىلەر بىلەن تەربىيىلىمەكتە.
بەلكىم سىز ئادەم بولۇش، ياشاشتىكى نىشان بولۇش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەربىيەنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان بىزدەك ستودىنتلار ئەمەسمۇ؟
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قايسى يۆنىلىشتە مېڭىشىغا، شۇنداقلا، سىياسەتنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلۈشىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلاردۇر. چۈنكى، ھاكىميەت ئورۇنلىرىدىكى ھەر قاتلام، ھەر ساھە كىشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، ئىنژىنىرلار.... ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيىسىدە يېتىلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن جەمئىيەت كىشلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى پۈتۈن جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەپسۇسكى، ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەزىلىتىدە ئېغىر مەسىلە بار. گەرچە كۆپ ئۇلار ئۆز كەسپىدە پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادىمىيلىك جەھەتتە پىشىپ يېتىلەلمەپتۇ. ھەر كۈنى دەرس ئارىلىقىدا كارىدورغا چىقىمىز. كارىدورنىڭ ھەر ئون نەچچە مېتىر يېرىدە بىردىن «请勿吸烟 NO SMOKING تاماكا چەكمەڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان. ئەمما، ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىش دەل مۇشۇ يەردە. بىز بىلىمىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان مەكتەپلىرىنى، بېرىپ كەلگەن دۆلەتلىرىنى، ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ئېغزىمىزدىن سېرىق سۇ ئېقىتىۋېتىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەل ئاشۇ تاختىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، تاماكىلىرىدىن پۇرقىرىتىپ ئىس چىقىرىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۇچرىتىمەن.
ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ھەم باشلامچىسى. سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ھەم پەزىلىتىگە باغلىق. شۇڭا، مىللىتىمىزدىكى پىكرىي يۈكسىلىشنى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتنى مەيدانغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم، ھەممىنىڭ تەربىيەتچىسى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە توغرا دۇنيا قاراش تىكلىشى، ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، پەزىلەتنى ئۆزىدە نامايەن قىلىشى، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادىمىيلىك، توغرا ئەقىدە-ئىتىقادنى سىڭدۈرەلىگۈدەك بولۇشى ۋە شۇنداق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت كەسپىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىنى كۆزلىمەي، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ھازىرلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تىرىشىشى كېرەك.
2011- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنى |