- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 108
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- UID
- 10201
- يازما
- 108
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- توردا
- 3 سائەت
|
بۇ 23قەۋەتتىكىtiltumar يوللىغان 2011-05-03 15:44 غا قارتىلغان :
مۇتەپپەككۈر دىگەن مۇنبەردىشىم ياخشىمۇسىز؟
بۇ تىمىڭىزنى ئوقىغانغا نەچچە كۈن بولدى. باشتا مىنىڭمۇ ئالى مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئۇچراتقان مۇئەللىملەرنىڭ بەزى بولمىغۇر ئىشلىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى. لىكىن مەن مۇنبەرگە ئۇ ئىشلارنى دەپ يۈمەيمەن. ئالدى بىلەن سىزدىكى مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەي.
قارىغاندا ئالى مەكتەپنىڭ 3يىللىقىغا چىقىپ قالغان بولسىڭىزمۇ ، لىكىن تىخىچە ئالى مەكتەپ ھاياتىغا كۆنەلمەپسىز. ئالى مەكتەپكە بالىلار ئادەتتە 17. 18كىرىپ بولغاندا بارىدۇ. 18ياش دىگەن قانۇنى جەھەتتىن، تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرا ، سايلىنىش سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە گىراجدان ، ھەتتا توي قىلىش يىشىغا يىتىپ قالغان ئادەم بولىدۇ. سىزگە بۇنداق چاغدا ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ بىر بالىنىڭ مىجەزى ئادەتتە 6ياش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن يىتىلىپ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . ئائىلىدە ئاتا-ئانىڭىز ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بەرگەن تەربىيەلەر يىتەرلىك.يىشى سىزدىن كىچىك تىخىنكۇم، ئوتتۇرا تىخىنكۇم ئوقىغان باللىلار سىزنىڭ مۇشۇ يىشىڭىزدا ئوقۇتقۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ ئادەم تەبىيەلەۋاتىدۇ. دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭىزمۇ، ئالى مەكتەپ ھاياتى سىزنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان، ھەممە جەھەتتە ئۆز ئىشىڭىنى ئۆزىڭىز قىلىدىغان ۋاقىت.
يەنە مۇھىم بىر گەپ. سىز يۇقاردا ئىسمىنىلا مەخپى تۇتۇپ، خۇددى جىنايەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تىزىملىغاندەك تىزىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرسدىكى بىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنى ماختىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان ئۇيغۇر مۇئەللىملەرنى بىر يولىلا <ياراتماپسىز>. لىكىن ئۇلارنى ئۆلچەش ئۆلچىمىڭىز ، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىشنى چەكلىمەسلىك، يەنە قىزلارنىڭ ئۆرۈنۈپ يۈرۈشىنى تەشۋىق قىلماسلىقتەك بىرنەچچە تار دائىرىدە بولۇپ قاپتۇ. يەنە ماركىزىمچىلار ئۇنداق مۇنداق دىگەن ئىدىيەلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز.
ھازىرقىدەك، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشۇپ تۇرغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇنداق تار دائىرىدە پىكىر قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە زىيانلىق . كىيىن جەمىيەتكە مۇشۇ قاراشلىرىڭىز بىلەن قەدەم قويغاندا تىخىمۇ ئازاپلىنىسىز، ئالغا ئىلگىرلەش يولىڭىزدا تۇسالغۇ باردەك، ھامان جەمىيەتتىن ، باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرۈدىغان ئادەم بوۇلپ قالىسىز، < قاراڭغۇ دۇنيانى قارىغۇچە، ئۇنى يۇرۇتىدىغان بىر تال شام بول > دىگەن گەپ بارغۇ؟ ئەڭ ياخشىسى كەسپتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئىجدىمائى پەنلەر توغرىلىق كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بىرىڭ.  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىلتۇمار ئىسىملىك توردىشىم! خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن ئىنتايىن ياخشى تۇرىۋاتىمەن. ئەھۋال سورىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
سىز ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزدا ماڭا (غەيۋەت قىلدى، دەپ) بوھتان چاپلىغان ئىدىڭىز. شۇ چاغدىلا ئىنكاس قايتۇراي، دەپ ئويلىدىم يۇ، بولدىلا، ئۇششاق ئىشلارنى تالاشماي ئۆتكۈزىۋېتەي، دەپ توختاپ قالغانىدىم. بۈگۈن يەنە بىرمۇنچە ئىنكاس يېزىپسىز، ئەمدى بىر يولىلا جاۋاب قايتۇراي:
سىز ئەڭ ئاۋۋال " غەيۋەت دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق بولىدۇ؟ " دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوبدانراق بىلىپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆزى غەيۋەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىڭ! كاپالەتلىك قىلالايمەنكى، يۇقارقى يازمام غەيۋەت ئەمەس!
مېنى ئۈچ يىلدىن بېرى مەكتەپكە ماسلىشالماپسىز، دەپسىز. مەن مەكتەپكە ئىنتايىن ماسلاشقان، مەكتەپ ئۆز ئۆيۈمدەكلا بىلىنىدۇ. تەتىلدىن باشقا ۋاقىتتا زورلىسىمۇ ئۆيگە بارمايمەن.
مېنىڭ يۇقارقى يازمامنى جەمئىيەتتىن ئاغرىنىش، دەپ چۈشىنىۋاپسىز. بوپتۇ، بۇنداق ئويلىسىڭىزمۇ ئويلاڭ، ئۆز مىللىتىم، ئۆز دىنىمدىن بولغان كىشلەرنىڭ خاتا ئىش ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ يۈرىكىم چىدىمايدىكەن. لېكىن مەن ھەرگىزمۇ خۇدادىن ئاغرىنمايمەن.
ئەسلى يۇقارقى يازمامدىكى ئاساسىي مەقسەت باشقىلاردىن ياكى جەمئىيەتتىن ئاغرىنىش ئەمەس، بەلكى، شۇ جەمئىيەتتىكى ئۆز قەۋمىمدىن بولغان بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئىتىقادىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئىدى.
مېنى خەنزۇنى ماختاپ، ئۆز مىللىتىدىن بولغانلارنى ئەيىبلىدى، دەپ قاپسىز. ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇ خەنزۇنى ماختاش ئۈچۈن يازمىدىم. باشتىلا ئەسكەرتكەن ئىدىم، پاكىت سۈپىتىدە ھەممىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا سېلىشتۇرما قىلىش دەپ.
ھاراقنى ھارام دەيدىغان مۇسۇلمان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقى بىلەن ھاراق ھالال، دەيدىغان بىر كاپىرنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغانلىقىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىكى ئىتىقادنىڭ ئىنتايىن سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدۇم.
ئۇيغۇر مۇئەللىملەرنى بىر يولىلا ياراتماپسىز، دەپسىز. ئۇنداق قىلمىدىم، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبىنى كۆرسەتتىم. سىزنىڭچە ئادەمنى ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسە ياخشى ئەخلاق- پەزىلەتمۇ ياكى پەننىي بىلىممۇ؟ مېنىڭچە يۇقارقىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان ئادەم ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئۇنىڭدىن قالسا، بىلىمسىز بولسىمۇ پەزىلەتلىك بولغان ئىنسان ھۆرمەتلىك، ئەخلاقسىز ئادەملەر نەزەرىمدە ھۆرمەتلەشكە لايىق ئەمەستۇر! ئەخلاق- پەزىلىتى ناچار ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى بىلىمنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟
بولدىلا، كۆپ سۆزلىمەي!
ئى قەۋمىم! توغرا ئىتىقادنى، مۇستەھكەم ئەقىدىنى، ئېسىل ئەخلاقنى، مۇكەممەل بىلىمنى ئۆزىمىزدە نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى! |
|