- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 108
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- UID
- 10201
- يازما
- 108
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3190
- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-18
- توردا
- 3 سائەت
|
ئۈستىدىكى بارلىق تورداشلارغا:
1. بەزىلەر ئالىي مەكتەپتە ئەخلاق تەربىيىسى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارغا ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەمنىڭ خارەكتىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە يېتىلىپ بولىدۇ، دەپتۇ.
ئۇنداقتا مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە نېمىشقا "ئىدىيە ئەخلاق 思想道德 " دەرسىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ؟ بۇ دەرسلىك ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە نەچچە ياشلىق ئادەملەرگە چۈشەندۈرگەن؟ ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ ئەخلاقى قانداق ئۆزگەرگەن؟ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئىدى.
2. مەن يۇقىرىدىكى يازمىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق، ئادىمىيلىك تەربىيەسى بەرمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئەيىبلىمىدىم. ئۇلارغا ھىچقانداق باھا بەرمىدىم. ئۇلارنى يازمىغا كىرگۈزمىدىم. يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بىزگە دەرسكە مۇناسىۋەتسىز تەربىيە قىلغانلار. مەن ئەيىبلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئەخلاق جەھەتتە ئەكىس تەسىر بەرگەنلەر ياكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى ئاقلىغانلار!
3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلىسى، بالىسى، كالىسى..... بولىدۇ، ئۇلارمۇ كۆڭلىنى ئېچىشقا، خوشاللىققا موھتاج بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئادەم، دەپسىلەر.
شۇنداق، ئۇلارمۇ كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەجابا بۇ ئېھتىياجنى ھاراقتىن، تانسىدىن، تاماكىدىن.... ئىزدىمىسە باشقا نەرسە ياكى ئىشلاردىن خوشاللىق تاپقىلى بولمامدىكەن؟
4. مېنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاغرىنغاننىڭ ئورنىغا باشقا ئىشلارنى ئويلىشىڭ، دەپسىلەر.
مەن بۇ تېمىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاغرىنىشىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يوللىمىدىم. شۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەنكى، ھازىرقى بۇ ئالىي مەكتەپلەردە، ھازىرقى بۇ ئوقۇتقۇچىلار ماڭا مەن رازى بولغۇچىلىك ئادىمىيلىك، ئەخلاق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئەقىدە.. ئۆگىتەلمەيدۇ. مەن بۇ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس. مەن ئاللىقاچان دۇنيا قارىشىمنى تىكلەپ بولغان.
ئەمما، ئەتراپىمدا، مەكتىپىمدە، سىنىپىمدا.....تېخىچە مۇستەقىل دۇنيا قاراش تىكلىمىگەن، ئۆزىنىڭ ھايات نىشانىنى بىكىتمىگەن، ئەقىدىنى ئۇنتقانلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار بىلىمى يۇقىرى بولغان يۇقىرىقىدەك ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنداق سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ ھاراق، تاماكا، تانسا.... لىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە باھانە قىلىۋالىدۇ. |
|