- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 288
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8299
- تىزىملاتقان
- 2010-11-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 7347
- يازما
- 288
- تېما
- 23
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8299
- تىزىملاتقان
- 2010-11-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 90 سائەت
|
مۇستاپا كامال ئۇزۇنغا قالماي ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئەمما ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنى ئىچكى كۆلى قىلىپ، ھەمدە ياۋروپالىقلارنى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئۆتكۈزمەي دېڭىز يوللىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر قىلغان ئوسمانلى ھۆكۈمىرانلىقىنى قۇرغان ئوسمان پاشا، شەرقى رۇمنىڭ (ۋىزانتىيەنىڭ) يۈرىكى بولغان كونىستانتىنپولنى ئىشغال قىلىپ مەڭگۈلۈك ئىستانبۇل نامىنى بەرگەن مۇھەممەد فاتىھلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ياۋروپا خەلقى ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركلەرگە ئۇنچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، نېمىشقا ئوسمانلىلار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە قاتارلىقلار بىلەن ئىتتىپاقلىشايلى دېسە ئۇلار تۈركلەرنى چەتكە قاقىدۇ؟ ئۇلارنىڭ يېڭىلغىنىنى كۆرۈپ چېرچىل قاتارلىق كاتتىباشلار نېمىشقا تۈركلەرنى يوقىتىۋەتمەكچى بولىدۇ؟ چاناق قەلئە ئۇرۇشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ يېقىنقى زامان تارىخىنى، پەن- تېخنىكا تارىخىنىمۇ ياۋروپا يازدى؛ ئۇلار دېڭىز يوللىرىنى ئېچىشنى، تەۋەككۈلچىلىك، باتۇرلۇق قىلىپ تەسۋېرلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن، ئوسمانلىلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتەلمەسلىكىدىن بولغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى قانلىق قىرغىنچىلىقى- ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت پوقى بار ئەمەسمۇ؟ غەربلىكلەرنىڭ نۇرغۇن يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ياخشى نامدا تىلغا ئېلىنمايدۇ، ئۇلار نۇرغۇن كىتابلىرىغا تۈركلەرنى ياۋايىلار دەپ يېزىشقان، ھەتتا ئېمپىراتور پېتىر1 مۇ 500 يىللىق ۋەسىيەتنامىسىدە روسلارنىڭ مەڭگۈ تۈركلەرگە ئىشەنمەسلىك ، ۋەھاكازاالار توغرىسىدا مەلۇماتلار بار... غەربلىكلەرنى دىندىن خالىي پىكىر قىلىدۇ، دەپ ، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خالىس، سەمىمىي پىكىر قىلىدۇ دەپ قاراپ كېتىمىز ، بىز بىچارىلەر. نېمىشقا ئۇلار ئاسمانغا چىققاندا بىرىنچى ئالەم كېمىسىگە ئاپوللو دەپ ئىسىم قويىدۇ، بۇ يۇنان ئەپسانىسىدىكى ئاتالمىش " قۇياش ئىلاھى"، يۇپىتېر، ۋېنىرا دېگەنلەرمۇ ئىلاھلارنىڭ ئىسىملىرى، ئۇلار دىندىن خالىي پىكىر قىلسا يەنى، بىزنىڭ ئاقكۆڭۈل راتسىئۇنالىزمچىلىرىمىز پىكرى بويىچە خالىس پىكىر قىلسا ئۇلار قەدىمى ئىلاھلىرىنى پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق قايتا تىرىلدۈرمەي، ئۇنىڭغا ئېينىشتىيىن، نيۇتون دەپ ئىسىم قويسا بولمامدۇ؟ |
|