- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 33
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1184
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-29
- UID
- 2274
- يازما
- 33
- تېما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1184
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-29
- توردا
- 1 سائەت
|

خاتىرىلەردە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك-(1)
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(26.01.2010)خەۋىرى:
ئاتاتۈرك، تۈرك تارىخىدىكى نادىر، مىسلىسىز كىشىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى، سېكولار، دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۈرك زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسىدۇر. ئۇ ھەربى، دۆلەت ئەربابى ۋە ئىنقىلابچى بولۇش سالاھىيىتىدىن باشقا يەنە، پىكىر جەھەتتىمۇ سەرخىل مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدە مەدەنىيەت، ئىدىيە، تەپەككۈر مەسىلىلىرىگە قىزىقىپلا قالماستىن، ھەر دائىم ۋە ھەرقانداق چاغدا بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە باشلامچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى، مىللىي ئازادلىق ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، شۇنداقلا ئۇ ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلارنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ جەمئىيەت بىلەن مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمۇ زاماننىڭ ئېقىشى بىلەن بىرلىكتە نەسىلدىن نەسىلگىچە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگۈسى.
شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، زامانىۋى تۈركىيە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرى ئۈستىگە قورۇلغان. تۈركىيىنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە بەختىيارلىقى، بۇ پىكىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، يولغا قويۇلۇشىغا ۋە ئۆچمەس بىر مەشئەل سۈپىتىدە نەسىلدىن نەسىللەرگىچە يەتكۈزۈلۈشىگە باغلىق.
پروگراممىمىزدىكى سىلەر ئاڭلايدىغان خاتىرىلەردە، ئاتاتۈركنىڭ «كۈچلۈك تۈركىيە نەزىرىيىسى»نى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئاتاتۈركنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى مۇتەپەككۈرلەرگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. ئاتاتۈركچىلىك نەزىرىيىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئىدىيە بولۇپ، ھەر تۈردىكى جاھىلانە ئامىللاردىن پۈتۈنلەي پاك، ئاقىلانە دۇنيا قارىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەقىل بىلەن ئىلىم پەننىڭ رەھبەرلىكى قوبۇل قىلىنغان بۇ زامانىۋى كۆز قاراش، تۈرك مىللىتىنى ھەر دائىم ياخشى، توغرا، پايدىلىق تەرەپكە باشلىغان ۋە باشلايدىغان كۆز قاراشتۇر.
ئاتاتۈركچىلىك نەزەرىيىسىدە، ئاتاتۈرك پرىنسىپلىرى، ئاتاتۈرك ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا روھ بېغىشلىغان نەزەرىيىۋى قاراش بولۇپ، دەل شۇ ۋەجىدىن ئاتاتۈرك ئىنقىلابلىرى، ئاتاتۈرك پرىنسىپىنىڭ كاتتا ئەسىرىگە ئايلانغان شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پرىنسىپلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيىنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل بىلەن مەنتىق تەرىپىدىن سىزىلغان يول بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاتاتۈرك پرىنسىپىنىڭ پەلسەپىسىنى ئىنتايىن پايدىلىق ۋە پائاللىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇنى ئاتاتۈرك ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئاتاتۈرك ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىگە چىن قەلبىدىن ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۆز ئىنقىلابى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، «بۇ ئىنقىلاب ئەڭ ئالى ئىنسانپەرۋەر نەزەرىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەتەنسۆيەرلىكنىڭ ئەسىرىدۇر. ئەۋلادلارغا پۈتۈن ئۇلۇغلۇقنى ۋە بارلىق گۈزەللىكلەرنى كۆرۈش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پۈتۈن نامراتلىقلارغا ئېچىنىش سەنئىتىنى ئۆگىتىدۇ» دەيتتى. ئۇ ئۆزى ياراتقان ئىنقىلابنىڭ ئىماندار باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا مۇھەببەت ۋە دوستلۇق نەزىرى بىلەن قارايتتى.
بىز ئاتاتۈركنىڭ يېقىنلىقىغا مۇشەررەپ بولغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن خاتىرىلەردە، ئۇنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.
ئاتاتۈرك ھەققانىيەتنىڭ، ئەقىل پاراسەتنىڭ ۋە ئەستايىدىللىقنىڭ بېسىلغان ئەمەلىي قەدىمى ئىدى. شۇڭا ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىنتايىن ياخشى ھېس قىلالايدىغان ۋە خەلقنىڭ روھىغا چۇڭقۇر سىڭىشنى پىششىق بىلىدىغان ماھىر ئىنقىلابچى بولۇشتەك ئىقتىدارى سايىسىدا، ئورتاق ئارزۇ ۋە ئورتاق يۆنىلىشلەرنى ئاسانلا مىللىي نەزەرىيىگە ئايلاندۇرالىغان ئىدى. ئاتاتۈرك ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئىپتىداسىدىن تارتىپ، ئىنتىھاسىغا قەدەر، تۈرك خەلقىنىڭ يۈكسەك قابىلىيىتىگە قەتئىي ئىشەنگەن بولغاچقا، قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرىنىڭ ھەممىنى دائىم «مىللەتنىڭ ئەسىرى» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى مىللەتكە بولغان چىن مۇھەببەتنى تايانچ قىلاتتى. ئۇ مۇستەھكەم كىشىلىك ئوبرازى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا سەزگۈگە تايانغان قايىل قىلىش كۈچى ئارقىلىق خەلقنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقالايدىغان ھەقىقىي داھىي ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك ئازادلىق ئۇرۇشىغا ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بايراق بولغان ئىدىيە، پىكىرلىرى ۋە ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن تۈركىيە تېروتورىيىسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە مەنىۋىي كۈچ بېغىشلاپ كەلمەكتە.
«خاتىرىلەردە ئاتاتۈرك» ناملىق بۇ پروگراممىمىزدا سىلەر ئاڭلايدىغان ئەسلىمىلەر دەل مۇشۇ تويغۇلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! بىز يىل بويىچە ھەر ھەپتىسى ئوخشاش ۋاقىتتا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغان «خاتىرىلەردە ئاتاتۈرك» ناملىق بۇ پروگراممىمىزنىڭ تۈنجى بۆلۈمى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
پروگراممىمىزنى ئاتاتۈركنىڭ تارىخىي سۆزلىرىدىن بىرنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق تاماملايمىز.
مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھىكمەتلىرى:
★ «ئەگەر بىر مىللەت ھەقىقىي كاتتا مىللەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئۆزىنى تونۇشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ»
(داۋامى بار)
مەنبە: ئۇيغۇر قامۇس
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ |
|