- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 36
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 36
- تىزىملاتقان
- 2014-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- UID
- 58654
- يازما
- 36
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 36
- تىزىملاتقان
- 2014-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- توردا
- 21 سائەت
|
بىرنەچچە قارىغۇ پىلنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ باقماقچى بولۇپتۇ، ئۇلار پىلنى قانداق تاپتى، ئىشقىلىپ، پىلنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، بىرىنچى قارىغۇ پىلنىڭ پاچىقىنى سىلاپ بېقىپ «ۋاھ، پۇل دىگەن يوۈان ياغاچقا ئوخشايدىكەن» دەپتۇ، ئىككىنچى قارىغۇپىلنىڭ خۇرتۇمىنى سىلاپ بېقىپ «نەدىكىنى، پىل دىگەن بىر ئۆڭكۈرگە ئوخشايدىكەنغۇ» دەپتۇ، ئۈچىنچى قارىغۇ، پىلنىڭ قورسىقىنى سىلاپ بېقىپ«پىل دىگەن بىر چوڭ تاغارغا ئوخشايدىكەنغۇ» دەپتۇ.
تالاش-تارتىشلار بەكمۇ قىزىپتۇ، لېكىن، ھەممىمىز دىگۈدەك مۇشۇ قارىغۇلاردەك پىكىر قىلىدىكەنمىز، ئاتا-تۈرك دىگەن بۇئادەم جىگەر قېتىپ ئۆلسە نىمە كارىمىز؟ بىزنىڭ بۇيۇرتتىمۇ نۇرغۇن ھاراقكەشلەر ھاراق چىشلەۋېلىپ ئۆلدى، ئۇنى ھېچكىم ئېغىر ئالمىدىغۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيا ئىسلام تارىخىدا دۈشمەنگە يىڭىلىپ خەققە مۇستەملىكە بولۇپ باقمىغان، ھوقۇقسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىغان قەۋمدىن شۇ بىر تۇركىيە تۈركلىرىدىن باشقا كېم يەنە قايسى بىر قەۋمنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكىنا؟ ئەرەب،پارس، .....
شۇ مۇستاپا كامال بولمىغان بولسا ئوسمانلى جەلىپىلىكى مەۋجۇد بولۇپ تۇرالارمىدى؟ ۋايتاڭ، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس؟ تۈركلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشلىرىدە ھېلىقى خەلىپەخۇمار ئەرەب، پارس مۇسۇلمانلىرى تۈركلەرئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئېنگىلىزلار تەرەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغان ئىكەنمىشقۇ؟ ھەتتا، تۈركىيەنىڭ ئىچىدىكى كورد مۇسۇلمانلىرىمۇ ئىسيان كۈتۈرۈپتىكەنمىشقۇ؟
مۇشۇنداق ئەھۋالدا جاننى، ئاندىن ئۆز قەۋمىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش كېرەك بولارمۇ ياكى خەلىپىلىكنى قوغداش كېرەك بولارمۇ؟ كاناي ياغلىغىلى ياغ بولمىسا سۇناي ايغلىغىلى نەدە ياغ دىگە بىر گەپ شۇنىڭغا دەل كەلگۈدەك.
قارىغاندا بىز بۇنداق مۇلاھىزەلەرنى كۆپ قىلمىغىنىمىز توغرا ئوخشايدۇ. |
|