- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 160
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4750
- تىزىملاتقان
- 2010-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-13
- UID
- 3667
- يازما
- 160
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4750
- تىزىملاتقان
- 2010-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-13
- توردا
- 26 سائەت
|
مەن بۇ تىمىغا دىققەت قىلىپ ئىنكاسلارنى كۈرۈپ كىلىۋاتىمەن . مۇستاپا كامالنىڭ گىپىنى تالاشمىغان بولساق بۇلاتتىكەن ئەسلى . بۇرۇنمۇ ئاخىرى چىقمىغان .
مۇستاپا كامال بولمىغان بولسىمۇ تۈركلەر يەنىلا ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيتتى ، دەيدىغان ئىنكاسلارنى كۆردۈم ، مىنىڭچە قىيىن ھەم بەدەل يۇقىرى ياكى مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن ، چۈنكى سۇلتان ۋەتەننى ساتىدىغان كىلىشىمگە قول قۇيۇپ بولغان ، تۈركىيىنى مۇستەملىكە قىلماقچى بولغان دۆلەتلەر بولسا ئۆچرەت ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە كىيىنكى مەزگىلىدىن باشقا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ تۈركىيىنى بېسىۋالماقچى بولغانلىقى بۈگۈنكى دۇنيادا مەخپىيەتلىك بولماي قالدى ، شۇ چاغلاردىكى تۈركىيىنىڭ تارىخىنى ئۇقىسا تۈركلەر دۇنيادىن يوقىلىپ كەتكىلى تاس قاپتىكەن دەپ قالدۇ كىشى ، گىرىكلەر ، ئەرەپلەر ، ئەرمەنلەر ، رۇسلار كارامەت قىرىپتىكەن تۈركلەرنى ، ئەسكەر ، پۇقرا ، چوڭ كىچىك ، ئەر ئايال دەپ ئايرىماي .
ئۇنداقتا مۇستاپا كامال نىمە قىلىپ بەردى ؟ توغرا ، ئۇ بىر كىشى تۈرك خەلقى قوللىمىسا ھىچ نىمە قىلالمايدۇ ، لىكىن يولباشچىدا ئۈزىگە يارشا تالانت بولمىسا بىكار ، ( بىر توپ ئىتقا بىر ئارسلان باش بولسا شۇ توپتىكى ھەر بىر ئىت ئارسلانغا ئايلىنىدۇ ) دەپتىكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، بۇ ئارسلان مۈشۈكنىڭ بالىسى ئەمەس جۇمۇ ، يىلپىزنى دىمەكچى . ھېلىقى بىر ئەنگىلىيلىك تۈركىيىنىڭ بىر مىليۇن ئەسكىرى بار ، مۇستافا كامالنى قوشسا ئىككى مىليۇن بۇلدۇ ، دىگەنكەن . مۇستاپا كامال مەغلۇپ بولغان ئىمپىرىنىڭ مەغلۇپ بوپ باقمىغان قوماندانى ، ئۇرۇشتا قابىليەتلىك قۇماندان ئاشتاق مۇھىم . يەنە ئۇ قاقۋاش دىپلۇمات ۋە ناتىق . قانداق قىلدى ؟ ئۇ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باشلىغاندا ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ، گىرىتسىيە ، يەنە تېخى سۇلتاننىڭ باندىت تازلايدىغان قۇشۇنى ، نىمانچە كۆپ دۈشمەن بۇ ، ئۇلار ئەنقەرە ھۈكۈمىتى دائىرىسى ئەتراپىغا چۈمۈلىدەك ئولىشىۋالغان . ئۇ سوۋىتنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشىدىن پايدىلىنىپ ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ئەنقەرە ھۈكۈمىتىنى جاھانگىرلىككە قارشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياردىمىگە ئىرىشتى ، ئاندىن ئانتانتا دۆلەتلىرى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئولجا تالىشىپ بىر بىرىدىن قورساق كۈپۈكى بارلىقىنى كۈرۈپ ، فىرانسىيە ، ئىتالىيىلەرنىڭ ئەنگىلىيىدىن بىزگە ئاز ئولجا زىمىن تەگدى دەپ يامانلايدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ چىكىندۈردى ، فىرانسىيە تېخى قورال ياراقلىرىنى نەق نىسى قىلىپ مۇستاپا كامالغا سېتىپ بىرىپ قايتىپ كەتتى ، ئاخىرىدا ئەنگىلىيە يۆلەپ تۇرغان گىرتسىيە قالغاندا شۇنداق جايلىدىكى قوماندانلىق ئىشتابىدىكىلەر باش قوماندان بىلەن قۇشۇلۇپ ئەسىرگە چۈشتى ، ئەسكەرلىرى ئۈزىنى تۈركىيىگە ئەكەلگەن قوماندانلىرىنى تىللاپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە قاچتى ،
ئەمدى ئازاتلىقتىن كىيىنكى ئىشلاردا قۇرئاننى كۆيدۈرگەنلىكىنى مەن قەتئى ئاڭلاپ باقمىدىم ، بىراق ئۇ دەۋردە ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەزان ، نامازنىڭ تۈركچە ئۇقۇلغانلىقى كىتاپلاردا ئېنىق بار ، ھەتتا شۇ دەۋردە قۇرۇلغان دىيانەت مەھكىمىسى قىرائەتكە مۇزىكا ئىشلەپ ئۇدارلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپتىكەن ، مەن بۇنى قوللىمايمەن ، ئانا تىل مۇھىم بولسىمۇ ناماز ئەزان قاتارلىق ئىبادەتتىكى ئىشلار ئادەتكە ئايلىنىپ كىتىپ بولغان . بىراق مۇنداق بىر ئىش بار ، ئويغۇرلارنى ئالايلى ، نەچچە ئون يىل بەش ۋاقت نامازنى قازا قىلماي ئۇقۇپ ، نىيەت قىلىشتىن باشقا نىمە دىگەنلىكىنى ئۇقماي ئۈتۈپ كىتىدىغان ئويغۇرلار ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ، ھەتتا خېلى بىر قىسىم كىشىلەر ئىقتىدا قىلىشتىن باشقا ئايەت بىلمىگەنلىكتىن ئايەت ئۇقۇماي ياكى ئاددى سۈرىدىن بىرەنى ياندۇرۇشلاپ ئۇقۇپ نامازنى تۈگىتىدىغانلارمۇ نۇرغۇن .
ھاكىميەت بىلەن دىننى ئايرىشتا ئۇنىڭ دىگەن بىر گىپى بار ، << دىننى سىياسىي قورال قىلغانلارنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ شەخسنىڭ ئەركىنلىكىگە تاپشۇرۇش >> دەيدىغان ، بىزنىڭ تارىخىمىزدىمۇ بولغانغۇ بۇ ، نامى مەشھۇر ئاپاق خوجا قاتارلىق .
مۇستاپا كامالنى خەلىپىلىكنى ئاغدۇرۋەتتى دىگەن گەپنى ھەر بىر ئاڭلىسام ئەكسىچە ئەرەپلەر نەزىرىمدىن چۈشۈپ كىتىدىكەن ، توغرا ، خەلىپىلىكنى ساقلاپ قالالايتتى ، خەلىپە چىرىك دىسە ئۈزى خەلىپە بۇلالىشىمۇ تامامەن مۇمكىنكەنتۇق (ئافغانىستان ، مىسىر ، لىۋىيدىكى دىنىي ئۆلىمالار شۇنداق تەكلىپ بىرىپتىكەنمىش) ، شۇنداق قىلسا ھەرەمدە ياشاپ تۆت خۇتۇن ئالالايتتى ، لىكىن ئۇنداق قىلمىدى . بۇنى مەن ئۇقىغان كىتاپلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق چۈشەندىم . بايىقى گەپنى تۈركىيە دۆلىتى خەلىپىلىك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى دەپ ئىپادىلىسەكمۇ بۇلامدۇ ؟ چۈنكى خەلىپىلىك بولغانىكەن ئۈزىگە چۇشلۇق مەسئۇلىيىتى ، يوغان قالپىقىغا چۇشلۇق دوست دۈشمىنى بۇلىشى چۇقۇم ، ئەمما قوشنىسى ئەرەپ ، پارس مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانچىلىك قوللايدىغانلىقىنى تارىخ ئۇقىغانلار بەك بىلىدۇ ، ھازىرمۇ خەۋەرلەردە ئۇقىسام ئىران كورتلارغا يۇشۇرۇن ياردەم بىرىپ قۇترىتارمىش ، ئۈزىنىڭ قۇلىدا بولسا 5يۈزمىڭچە ئەسكەر ، بىرە مىڭغا يەتمەيدىغان زەمبىرەك ، ئوسمانلى سۇلتانى بولسا پۇلنى ياۋرۇپادا داچا سېلىشقا ، بىپايان ئەرەپ يېرىگە تۈمۈر يول قۇرۇشقا ، دوختۇرخانا ۋە باشقا ئەسلىھەلەر قۇرۇشقا خەجلىگەن ، تۈرك يېرى ئاناتولىيە بولسا ئەڭ نامرات قالاق ، خەلقى ساۋاتسىز قالغان ، گەجگىسىدە ئوسمانلىدىن قالغان قەرز ( تۈركىيە بۇنى 1938 - يىللىرىغا كەلگەندىلا تۆلەپ بوپتىكەن) ، مۇشۇ دۆلەتنى ئاشۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىڭلار دىمەكچىمۇ ؟ مۇۋاپىق يېرىدە توختاش كېرەكلىكىنى ، بولمىسا ئېرىشكەنلىرىنمۇ قۇسۇپ بىرىشكە توغرا كىلىدىغانلىقىنى مۇستاپا كامال نۇتۇقلىرىدا ئەسكەرتىپتىكەن ، شۇنداقراق نۇتۇقى بار ، << ...ئەپەندىلەر...بىز بۇنداق قىلىمىز دىسەك ئۇلار ئۇنداق قىلغۇچە بىز ئالدى بىلەن يۇغۇشتۇرۋىتەيلى دەيدۇ ...>> دەيدىغانچۇ ، ھېلىمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈرىكى پوك پوك ، ئەتراپىدا قۇدرەتلىك گىرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ، كىيىنچە ھۇجۇمغا تەييارلىنىپ تۇرغان مىليونلىغان سوۋىت ئارمىيىسى ، ئادىل ھۇشۇر پولات ئارقاندا ماڭسا تۈركىيە پۈتۈن بىر دۆلەت سىمدا ماڭغاندەك ئۆتكەزدى شۇ دەۋرنى . مەن بۇ ئاغرىنىشنى ئاساسلىقى ئەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىمىكى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن ھاياجانلانغاندا ، چۈنكى ئەرەپلەر ئىنگىلىزلارنىڭ دۆلەت قۇرۇپ بىرىمىز دىگىنىگە ئىشىنىپ ئوسمانلىغا ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى ئۈزى مۇستەملىكە بۇلۇپ قالغان ،ئويلىمىغان يەردىن مۇستاپا كامال غەلبىسىدىن كىيىن قايتىدىن خەلىپىلىكنى ئېلىپ بىزنى ئىنگىلىزلاردىن قۇتقۇزۇپ قويسا دەپ ئۈمىت قىلىشقان ، بىراق تۈركىيە كارى بولمىغان ، شۇنىڭ بىلەن تىللىغان ، مەسىلەن ئىنقىلاپ غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئەرەپلەرنىڭ داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەپ كىتىشى ، كىيىنچە تىللاپ كىتىشى . |
|